تىبەتتە ھەربىي قامال داۋام قىلماقتا

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۈگۈن تىبەتتە ھەربىي قامال داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بۇتخانا ئەتراپلىرىنى، تۈرلۈك جامائەت سورۇنلىرىنى ۋە يول دوقمۇشلىرىنى ئىزچىل تۈردە نازارەت ئاستىدا تۇتماقتا.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
2008-08-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

 بىرقىسىم سەزگۈر دەپ قارالغان جايلارغا چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ۋە مۇخبىرلارنىڭ بېرىشى چەكلەنمەكتە. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى تىبەتلىكلەرنى زىيارەت قىلغاندا، تىبەتلىكلەر رايوننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. بىر راھىب مۇخبىرنىڭ "سىزچە تىبەتتە مۇقىملىق ئەسلىگە كەلدىمۇ" دېگەن سوئالىغا، " شۇنداق ئەسلىگە كەلدى ھۆكۈمەت خالىغىنىنى قىلالاۋاتىدۇ" دەپ جاۋاب بەرگەن.

مۇخبىر يەنە ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە، ساقچىلارنىڭ جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. يەرلىك ئاھالىلەر يەنە 14 ‏ - مارت لاسا ۋەقەسىدىن كېيىن تىبەتتە زور مىقداردا ئەسكەر كۆپەيتىلگەنلىكىنى، بۇ قوشۇننىڭ ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. تىبەت دىنىي داھىيسى دالاي لاما خىتاينىڭ ئولىمپىكتىن كېيىن، تىبەتكە 1 مىليون خىتاي نوپۇسى يۆتكەشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئولىمپىك تەييارلىقى ۋە ئولىمپىك مەزگىلىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىمۇ - ئارقا قارشىلىقلىرىغا دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكتىن كېيىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت