خىتاي تىبەت مۇساپىرلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى رەت قىلدى

2007-11-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى خىتاي چېگرا ئامانلىق قىسىملىرىنىڭ نېپالغا قاچماقچى بولغان تىبەت مۇساپىرلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى رەت قىلدى. چەتئەلدىكى تىبەت ئەركىنلىكى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى خىتاي چېگرا ئامانلىق قىسىملىرى 10 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى نېپالغا قاچماقچى بولغان 30 دەك تىبەت مۇساپىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى، لېكىن مۇساپىرلار ئىچىدە يارىلانغانلارنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نېپالغا قاچقان تىبەت مۇساپىرلار راھىپ، راھىبە ۋە بالىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلار نېپالغا سالامەت يېتىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىلەن بىللە قاچقان مۇساپىرلاردىن 7 ئادەم خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ خەۋىرى "پۈتۈنلەي يالغان، ھېچقاچان يۈز بېرىپ باققان ۋەقە ئەمەس،" دەپ تەكىتلىگەن. ئەگەر بۇ ۋەقە راست بولسا، بۇ خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ نېپالغا قاچقان تىبەت مۇساپىرلىرىغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىشى بولۇپ قالىدۇ.

تاققا ياماشقۇچىلار 2005 ‏- يىلى سېنتەبىردە خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ نېپالغا قاچماقچى بولغان تىبەت مۇساپىرلىرىغا ئوق چىقىرىپ، بىر راھىبەنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى سىنئالغۇغا ئېلىۋالغان. لېكىن ئەينى چاغدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنى رەت قىلغان بولسىمۇ ، كېيىنرەك تاققا ياماشقۇچىلار ئېلىۋالغان سىنئالغۇ لېنتىسى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھەرىكىتى، دەپ ئاقلىغان ئىدى. ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ھەر يىلى تەخمىنەن 2000 دەك تىبەت مۇساپىرى نېپالغا قېچىپ چىقماقتا ئىكەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت