خىتاي تىبەت پائالىيەتچىلىرىگە ۋە دالاي لامانىڭ قوللىغۇچىلىرىغا تەھدىت سالدى

2008-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى تىبەت پائالىيەتچىلىرىنى ۋە دالاي لامانىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇلار بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە نامايىش قىلسا ياكى ۋەقە سادىر قىلسا جىددىي ۋاستىلارنى قوللىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەر ئېلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى. تىبەت ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى شياڭبا پىڭسو، رايوندا ئولىمپىك بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەر ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

تىبەتتىكى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى كاڭ جىنجۇڭ دالاي لامانىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ئاگاھلاندۇردى. كاڭ، ئولىمپىك جەريانىدا ئەگەر مۇقىمسىز ئامىللار بايقالسا، بولۇپمۇ دالاي لامانىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە جىددىي ۋاستىلار بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شياڭبا پىڭسو بىلەن كاڭ جىنجۇڭ بۇ سۆزلەرنى خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ دەم ئېلىش ئارىسىدا مۇخبىرلارغا تەكىتلىگەن. شۇ كۈنى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چىڭلىن بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، دالاي لامانى "ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى " دەپ ئەيىبلىدى.

چەتئەلدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە دالاي لامانىڭ قوللىغۇچىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى تىبەت مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش ۋە خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستاشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، دەپ قارىماقتا. چەتئەلدىكى 5 تىبەت تەشكىلاتى يېقىندا ئولىمپىك ھارپىسىدا ھىندىستاندىن تىبەتكە يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

2007 ‏ - يىلى 4 ‏ - ئايدا 5 نەپەر ئامېرىكىلىق تاغقا چىققۇچى ھىمالايا تېغىدا تىبەت بايرىقىنى چىقارغانلىقى تۈپەيلى خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. شۇ يىلى 8 ‏ - ئايدا كانادالىق ئوقۇغۇچىلار سەددىچىن سېپىلىغا چىقىپ تىبەت بايرىقىنى ئاسقان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مەزگىلىدە تىبەتلەرنىڭ كەڭ - كۆلەملىك ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكىتىگە دۇچ كېلىشتىن ئەنسىرىمەكتە. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت