ئامېرىكا «تىك-توك»، «ئۈندىدار» قاتارلىق خىتاي ئەپلىرىنى چەكلىدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-08-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقساراينىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا «تىك-توك» (TikTok) ۋە «ئۈندىدار» (WeChat) قاتارلىق خىتاي ئەپلىرىنى چەكلەش توغرىسىدا مۇخبىرلارغا جاۋاب بەرمەكتە. 2020-يىلى 3-ئاۋغۇست، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقساراينىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا «تىك-توك» (TikTok) ۋە «ئۈندىدار» (WeChat) قاتارلىق خىتاي ئەپلىرىنى چەكلەش توغرىسىدا مۇخبىرلارغا جاۋاب بەرمەكتە. 2020-يىلى 3-ئاۋغۇست، ۋاشىنگتون.
AP

6-ئاۋغۇست ئاقساراي مەخسۇس بايانات بېرىپ، «تىك-توك» (TikTok) ۋە «ئۈندىدار» (WeChat) قاتارلىق خىتاي ئەپلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى. كەلگۈسىدىكى 45 كۈن ئىچىدە «تىك-توك» ۋە «ئۈندىدار» غا ئائىت بارلىق قارارلار كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

«تىك-توك» ۋە «ئۈندىدار» نى چەكلەش ھەققىدىكى باياناتلاردا «خىتاي شىركەتلىرى ياساپ چىققان ۋە ئىگىدارچلىق قىلغان ئەپلەرنىڭ ئامېرىكادا تارقىلىشى ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، تاشقى سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، شۇڭا ‹تىك-توك› ۋە ‹ئۈندىدار› ئېلىپ كەلگەن تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن. باياناتتا يەنە: «خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ‹تىك-توك› ۋە ‹ئۈندىدار› قاتارلىق ئەپلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان تەھدىتكە قارشى تەدبىر قوللىنىمىز،» دېيىلگەن.

باياناتتا يەنە «ئۈندىدار» ۋە «تىك-توك» قاتارلىق ئەپلەر ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك ساقلىۋېلىپ، بۇ ئۇچۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

شىۋېتسارىيە دۆلەتلىك ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى، دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى «ئۈندىدار» ۋە «تىك-توك» نىڭ ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا قانداق ئېرىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئاشۇ ئەپلەرنى ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىزدا سىزنىڭ تىلېفۇنىڭزنىڭ مىكروفۇنى ۋە كامېراسىغا كېرىش رۇخسىتىنى، تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزنى، تېلېفۇنىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆزىڭىز تەمىنلىگەن بولىسز.»

ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ ئامېرىكانىڭ بۇ چەكلەش سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت ترامپنىڭ ‹تىك-توك› ۋە ‹ئۈندىدار› ھەققىدىكى ئىككى مەمۇرىي بۇيرۇقى ناھايىتى مۇھىم. بۇ ئىككى ئەپ ئامېرىكادىكى ئابونتلارنى نازارەت قىلىدۇ. ‹تىك-توك› نى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنى ئامېركانىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى ئىسپاتلانغان. خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. پرېزىدېنت تىرامپنىڭ بۇ قارارى، خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بىر سىگنالى.»

ئاۋىستىرالىيە خىلى بۇرۇنلا ئۈندىدارنى چەكلىگەن ئىدى. ھىندىستان ئالدىنقى ئايدا «تىك-توك»، «ئۈندىدار» قاتارلىق خىتاي ئىشلىگەن 59 ئەپنى چەكىلىگەن ئىدى.

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ ئەپلىرىنى چەكلىشىنىڭ توغرا قارار بولغانلىقى ھەققىدە ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىدە شەخسىيلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ساقلىغان شىركەتلەر ئېغىر قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. لېكىن خىتاي ھاكىمىيىتى ‹تىك-توك› ۋە ‹ئۈندىدار› قاتارلىق ئەپلەر ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە ئوغرىلايدۇ ۋە ساقلايدۇ. ياۋروپادا قويۇلغان ئۆلچەم خىتاينىڭ شىركەتلىرىگمۇ قويۇلۇشى كېرەك. بۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە نىسبەتەن بىر سىگنال.»

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 7-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ماقالىسىدە: «ئەگەر تىرامپنىڭ بۇيرۇقى 45 كۈن ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولغاندا، بۇ بۇيرۇق خىتاينىڭ ئىنتېرنېت مەھسۇلاتلىرىدىكى ‹جان تومۇرى› نى بىتچىت قىلغان بولىدۇ. بۇ ئەپ ھەر ئايدا بىر مىليارد 200 مىليون ئادەم قېتىم ئىشلىتىلىدۇ. ئامېرىكادا بۇ دېتال ئۈنۈملۈك چەكلەنسە، مىليونلىغان مەبلەغ سالغۇچىلار، سودا شېرىكلىرى، ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوستلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە توختايدۇ. بۇ قارار ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كەلگۈسى تېخنىكا رىقابىتىدىكى كەسكىن تىركىشىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن،» دېيىلگەن.

«تىك-توك» ۋە «ئۈندىدار» خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ شىركەتلىرىنىڭ ئەپلىرىدۇر. پرېزىدېنت ترامپ 45 كۈن ئىچىدە چەكلەش قارارنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، ئۇ شىركەتلەرنىڭ پاي چېكى چۈشۈشكە باشلىغان. ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى ئەگەر 45 كۈندىن كېيىن راستىنىلا بۇ قارار ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلسا، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قارار ئەلۋەتتە پاي چېكى بازىرىدا زور داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئاشۇ خىتاي شىركەتلىرىگە مۆلچەرلىگۈسىز زىيان ئېلىپ كېلىپلا قالماي، بۇ تۈرگە مەبلەغ سالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىغىمۇ زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.»

گوردون چاڭ ئاخىرىدا بېيجىڭنىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئامېرىكانى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشنى توختىتىش ئۈچۈن پرېزىدېنتىنىڭ مۇشۇنداق بىر قارارنى ئالغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكادا نۇرغۇن كىشىلەر خىتاي بىلەن، شەرقي تۈركىستان بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ئۈندىدارنى ئىشلىتىدۇ، ئەمما بۇ ئەپنى چەكلەش كېرەك. چۈنكى بېيجىڭ بۇ ئەپتىن پايدىلىنىپ، ئۇچۇر توپلاۋاتىدۇ. سۈنئىي ئەقلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى ئەپنى چەكلەش قۇلايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن خىتاي ئامېرىكاغا بۇ ئەپلەرنى چەكلەشتىن باشقا يول قويمىدى. مەن پرېزىدېنت ترامپنىڭ مۇشۇنداق بىر قارا چىقارغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشالمەن.» ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ يامان غەرەزلىك پىلانلىرىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. پرېزىدېنت خىتايغا چېگرا ئاتلاپ ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. بېيجىڭ بۇنىڭدىن چۆچۈشى كېرەك. چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا يېڭىچە پوزىتىسىيەدە بولۇۋاتىدۇ.»

تولۇق بەت