«تىلسىز قۇشلار» ناملىق كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020-05-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مۇھاجىرەتتىكى 26 نەپەر شائىرنىڭ 169 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمى «تىلسىز قۇشلار» نىڭ ئالدى ۋە كەينى مۇقاۋىسى. 2020-يىلى ماي، ئىستانبۇل.
مۇھاجىرەتتىكى 26 نەپەر شائىرنىڭ 169 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمى «تىلسىز قۇشلار» نىڭ ئالدى ۋە كەينى مۇقاۋىسى. 2020-يىلى ماي، ئىستانبۇل.
RFA/Azigh

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمى «تىلسىز قۇشلار» ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، نەشر قىلىندى.

مەزكۇر توپلامغا مۇھاجىرەتتىكى 26 نەپەر شائىرنىڭ 169 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان يوقىتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى كۈندىن-كۈنگە قاتتىقلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى جانلاندۇرۇش پائالىيەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ساقلاپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەپەندىم مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىزدە يېقىنقى بىر نەچچە يىل جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتىن، نەشرىياتچىلىقتىن، ھەتتا كۈندىلىك ھاياتتىن سىقىپ چىقىرىلىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ۋە قايغۇغا سالىدىغان ۋەقە بولۇپ قالدى. بۇ ۋەجىدىن دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى ھەيئەتلەر پىكىرلىشىش ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنىڭ چەتئەلدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىشتا تۈرتكىسى بولامدىكىن دېگەن مەقسەتتە ‹تىلسىز قۇشلار› ناملىق توپلامنى نەشر قىلدۇق.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بېسىم ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر خىل مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرمەكتە. كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر يازغۇچى شائىرلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تەتقىقات ماتېرىيالى ھېسابلىنىدىكەن.

دۇنيا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى، يازغۇچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر كوللېكتىپ توپلامنىڭ نەشر قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «‹تىلسىز قۇشلار› ناملىق شېئىرلار توپلىمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرىيەت ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا ھەم تەتقىقاتچىلار ھەم ئىجادىيەت ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن مۇھىم مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ قالسۇن دېگەن مەقسەتتە توپلامنى نەشر قىلغان بولدۇق. ‹تىلسىز قۇشلار› ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى شېئىرلارنىڭ تېماتىك ۋە شەكلى قۇرۇلمىلىرى كۆپ خىل.»

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى ئاساسلىق ۋەتەن تېمىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، «تىلسىز قۇشلار» ناملىق كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمىمۇ ئاساسلىق ۋەتەن تېمىسىنى چۆرىدىگەن ئىجادىي ئەسەرلەردىن تەركىب تاپقان ئىكەن. زىيارىتىمىز جەريانىدا ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىم «تىلسىز قۇشلار» ناملىق توپلامنى چۆرىدىگەن ئاساستا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن ۋەتەن تېمىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سەۋەبى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ مۇنداق دېدى: «توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەلدە ياشاۋاتقان، ۋەتەن ئىشقىدا يۈرەكلىرى پۇچىلىنىۋاتقان، ۋەتەن سېغىنىشى دېڭىزدەك مەۋج ئۇرۇۋاتقان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى. شېئىرلاردا باشقا تېمىلارمۇ كۆزگە چېلىقسىمۇ، يەنىلا ئومۇمىي گەۋدىدە شائىرلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان ئىنتىلىشى ۋە ۋەتەنگە بولغان سۆيگۈسىنى تاپقىنى بولىدۇ.»

مەزكۇر توپلامنىڭ نەشر قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش ۋە نەشر ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ سەيدۇللا ۋە «تىلسىز قۇشلار» ناملىق كوللېكتىپ شېئىر توپلىمىنىڭ تەھرىرى، شائىر ئەركان قادىر بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت