تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بېرىلمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ۋە كونيا شەھەرلىرىدىكى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 22-دېكابىر، تۈركىيە.
تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ۋە كونيا شەھەرلىرىدىكى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 22-دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈنسايىن كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلىرىدىمۇ خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى كۆپەيمەكتە. تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تۈركچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈركىيە تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىگە ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلمەكتە.

24-دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «قارار گېزىتى» دە «ئۇيغۇر ھەيئىتى نېمىنى كۈتۈۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالە، «كۈندىلىك ساباھ گېزىتى» نىڭ ئوبزورچىسى مەرۋە شەبنەم ئورۇچ يازغان «خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خەرىتىدىن ئۆچۈرۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئازغىنا تەنقىتنىمۇ كۆتۈرەلمەيدىكەن» سەرلەۋىلىك ئوبزور، پېشقەدەم ئوبزورچىسى خالىت قاقىنچ ئەپەندىنىڭ «خىتاي بۆلۈنەمدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئوبزورى ئېلان قىلىندى.

تونۇلغان ئوبزورچى مەرۋە شەبنەم ئورۇچ خانىم ئوبزورىنى مۇنداق باشلايدۇ: «ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن ‹دوھا مۇنبىرى› ناملىق خەلقئارالىق يىغىندا بىر قانچە خىتاي مۇتەخەسسىس ۋە كارىخانىچىلار بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، توغرىسى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەتلىئام، ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە تۈركىيەدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلماقتا، ھۆكۈمەت سۈكۈتتە تۇرغانلىقى ئۈچۈن تەنقىتكە ئۇچرىماقتا. بۇنداق تۇرۇقلۇق مەن سۆزلەشكەن خىتايلار تۈركىيەگە قارشى شۇنداق قاتتىق پوزىتسىيەدە ئىكەنكى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ‹شىنجاڭ مەسىلىسى› ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. تۈركىيەنى ‹ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىۋېلىۋاتىدۇ› دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئېغزىغا ئېلىپ سالسا، خىتاي پەقەتلا چىدىمايدىكەن، بۇنى ئۇنتۇمايدىكەن، ھەتتا ھەرگىز ئەپۇ قىلمايدىكەن.»

«كۈندىلىك ساباھ گېزىتى» نىڭ ئوبزورچىسى مەرۋە شەبنەم ئورۇچ خانىم خانىم ئوبزورىدا يەنە كېيىنكى كۈنلەردە خىتاينىڭ چەتئەلدىكى داڭلىق پۇتبولچىلار، زىيالىيلار ۋە سىياسەتچىلەر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا گەپ ئاچقاندا ئۇلارنىڭ بىردەك خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا قانداق ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا توختالغان.

پېشقەدەم ئوبزورچى خالىت قاقىنچ ئەپەندى 2001-يىلى خىتاي دۆلىتىنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ 23-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان «خىتاي بۆلۈنەمدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئوبزورىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان زېمىننىڭ تۈرك تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان تۇپراقلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان تۈرك تارىخى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇرلار تۈرك تارىخىدا تۇنجى بولۇپ شەھەر ھاياتىغا ئۆتكەن. ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخىي جەريانىدا پارلاق مەدەنىيەت بەرپا قىلغان. لېكىن خىتاي ھازىر بۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

خالىت قاقىنچ ئەپەندى ئوبزورىدا بۇنىڭدىن 18 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«قارار گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر رايونىغا بارىدىغان ھەيئەت نېمىنى كۈتۈۋاتىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالىدە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 7-ئايدا بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈركىيەدىن ھەيئەت ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقىنى، 5 ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ، ھەيئەتنىڭ ئەۋەتىلمىگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ ئوبزورىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ‹نېمىشقا ئەۋەتمىدىڭلار؟› دەپ خىتاب قىلغان.

تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بېرىلىشى نېمىدىن بېشارەت بېرىدۇ؟ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلارغا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىغا ھەيئەت ئەۋەتمەسلىكىدىكى سەۋەب نېمە؟

بۇ ھەقتە «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بىلەن دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ ھازىرغىچە ئەۋەتىلمەسلىكىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش ئۈچۈن ھەيئەت ئەۋەتكىنىدىن ئەۋەتمىگىنىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى تۈركىيەدە داڭلىق ئوبزورچىلارنىڭ بۇ ھەقتە كۆپلەپ ئوبزور يېزىشىنىڭ ھۆكۈمەتكە بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت