تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈنسايىن كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلىرىدىمۇ خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى كۆپەيمەكتە. يېقىندىن بۇيان تۈركىيە تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە نۇرغۇن كىشى نامايىشلارغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقماقتا. بۇ نامايىشلاردا ئۇلار خىتاينى ئەيىبلەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرماقتا.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ چاقىرىقى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىستانبۇل، كونيا، كاستامونۇ، قارابۈك، سامسۇن، قاھرامانماراش، ئۇرفا ۋە بۇرسا قاتارقلىق كۆپلىگەن شەھەردە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

22-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. نامايىشچىلار خىتايغا لەنەت ئوقۇپ، شوئارلار توۋلىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان كونيا ۋىلايەتىدىمۇ 21-22-دېكابىر كۈنلىرى ئىككى چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. 21-دېكابىر كۈنىدىكى پائالىيەت توغرىسىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقپى كونيا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەھەت ئۇدۇن ئەپەندى كونيا شەھىرىدىكى قىلىچئاسلان مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاۋازسىز نىدا» ناملىق نامايىشقا تۈركلەردىن سىرت كونيادا تۇرۇۋاتقان 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى، نامايىشقا جەمئىي 5-6 مىڭ كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

22-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى ئوخشاش يەردە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى، يەنىدەن رەفاھ پارتىيەسى ۋە بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئابدۇلئەھەت ئۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

21-22-دېكابىر كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ غەربىي-شىمالىغا جايلاشقان قارابۈك ۋىلايىتىنىڭ قارابۈك شەھىرىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشقا قارابۈكتىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئەزالىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاممىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان. نامايىشتا ئاناتولىيە ياشلار جەمئىيىتى قارابۈك شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئازىز گۈندوغدۇ ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن بولۇپ، باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان. مەزكۇر نامايىشقا قاتناشقان قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى ۋولقان ئەركىن ئەپەندى نامايىش توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇبىغا جايلاشقان قاھرامانماراش شەھىرىدىمۇ خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. 19-20-دېكابىر كۈنلىرى «خىتايغا لەنەت ئوقۇش» تېمىسىدا ئىككى چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان. مەزكۇر شەھەردىكى سۈتچۈئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان بۇرسا شەھىرىدىمۇ 20-دېكابىر كۈنى بىر كۈن ئىچىدە 3 پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. يۈسۈپ يۈزلۈكلەر جەمئىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە بۇرسا تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بېرىش يىغىنى، يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇلۇغ مەسچىتىنىڭ ئالدىدا مەتبۇئات باياناتى بېرىش، شۇ كۈنى ئاخشىمى ياشلار مەركىزىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇلقادىر ئابدۇلكېرىم بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 50 مىڭ كىشى ئىشتىراك قىلغان. بۇ 2009-يىلى 7-ئايدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇل چاغلايان مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ نامايىش ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت