«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى: «ئەردوغان تۈركىيەنى خىتاينىڭ خېرىدارىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-09-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. 2019-يىلى 2-ئىيۇل، بېيجىڭ.
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. 2019-يىلى 2-ئىيۇل، بېيجىڭ.
REUTERS

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇامىلىسىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن ساناقلىق سىياسىيونلارنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن 2010- ۋە 2011-يىللاردىن باشلاپ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم.

2016-يىلدىن باشلاپ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركەزلىرىگە قاماشقا، بەزى شەخسلەرنى 3-دۆلەت ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇشقا، خىتاي بىلەن جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىرى «جىنايەتچى» دەپ ھېساپلىغان كىشىلەرنى ئۆز ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ماقۇل بولدى.

بۇ جەرياندا پرېزىدېنت ئەردوغانننىڭ سۆزىنىڭ ئورامى ئۆزگىرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قىرغىنچىلىق» قا سۈكۈت قىلىشقا، ھۆكۈمەتكە يېقىن تاراتقۇلارنىڭ تىلى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل ئەڭ ئىشەنچلىك پاناھگاھى، دەپ قارىلىپ كەلگەن تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشكە قانداق ئامىللار تۈرتكە بولدى؟ ئامېرىكادىكى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا 17-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنى تۈركىيەدىكى ئىقتىسادى كىرىزىسكە باغلىغان.

ئامېرىكا ستانفۇرد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئايچا ئالەمدارئوگلۇ بىلەن ئىللىنوىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى سۇلتان تېپە قەلەمگە ئالغان ماقالىدە، تۈركىيەنىڭ غەرب دۇنياسىدا تۈزۈكرەك دوستى قالمىغانلىقى، ئۇنىڭ «ئۈمىدىنى خىتايغا باغلىغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ تەلەپلىرىگە ماسلىشىش مەجبۇرىيىتىدە قالغانلىقى» تەكىتلەنگەن. «ئەردوغان تۈركىيەنى خىتاينىڭ خېرىدارىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى» ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىدە تەكىتلىشىچە، بۇ ئەھۋالدا خىتاينىڭ غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا كېڭىيىش ئارزۇسى ئەردوغان ئۈچۈن بىر «قۇتقۇزغۇچى» بولغان.

غەرب دۇنياسىدا «خىتاي ئۇيغۇرلارغا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئېلىپ بېرىۋاتامدۇ؟» دېگەن مەسىلە مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ پارلامېنتتىكى ئورتاغى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ خىتايغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش يولىغا مېڭىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپلا قالماي، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىمۇ بىئارام قىلىپ كەلدى. سابىق تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇتئوگلۇنىڭ «كېلەچەك» پارتىيەسى ئەردوگاننىڭ سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ بىرىدۇر. «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ياردىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تراگېدىيەگە كۆز يۇمۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىكەن.

ئۈمىد ياردىم يېقىندا رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق دۆلەتنىڭ مەيلى تۈركىيە، ئامېرىكا بولسۇن، مەيلى خىتاي بولسۇن، تاشقى سىياسەتلىرىدە تەڭپۇڭ بولۇشى، بەزى مەسىلىلەرنى تەڭپۇڭ ھالاتتە ئېلىپ بېرىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. لېكىن بۇنداق قىلغاندا ھېچبىر ۋاقىت، ھېچبىر دۆلەتنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بۇنچىلىك خىلاپلىق قىلىنىشىغا كۆز يۇمۇشىنى بىز ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز.»

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى «كېلەچەك» پارتىيەسى ئۈچۈن خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە كرىدېتىدىنمۇ مۇھىم ئىكەن. ئۇ: «ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۇلار بىلەن بىكاردىن-بىركارغا جېدەل قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەممە بىز ئۈچۈن ‹كېلەچەك› پارتىيەسى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مۇھىممۇ ياكى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت مۇھىممۇ، دېگەن سوئال يوق. بۇ سوئالغا بىز بەك ئەپسۇسلىنىمىز. چۈنكى بىز ئۈچۈن بۇنداق تاللاش مەۋجۇت ئەمەس. ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى بىز ئۈچۈن ئىقتىسادتىن، خىتاينىڭ مەبلىغىدىن، ئۇنىڭ كرىدېتىدىن تېخىمۇ مۇھىم،» دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە تەكىتلىشىچە، ئەردوغان ئۈچۈن خىتاينىڭ قەرزى پۇلى ۋە مەبلىغى «قۇتقۇزغۇچى» ئىكەن. ماقالىدە 2016-يىلدىن باشلاپ تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى، 2018-يىلى تۈرك لىراسىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتكەندە خىتاي سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ تۈركىيەگە 3.6 مىليارد دوللار قەرز بەرگەنلىكى، 2019-يىلى 6-ئايدا خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ تۈركىيەگە يەنە بىر مىلياردا دوللار نەق پۇل يوللىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ يىل 6-ئايدا يەنە تۈرك شىركەتلىرىنىڭ سودا تۆلەنمىسىنى يۈەن بىلەن تۆلىشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ تەكىترىشىچە، ئەگەر تۈركىيە داۋاملىق بۇ يولدا ماڭسا خىتاينىڭ «قەرز قىلتىقى» غا چۈشۈپ قېلىشتەك خەتەرلىك ئاقىۋەتكە قالىدىكەن. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل 17-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھازىر ناھايىتى خەتەرلىك بىر يۆلىنىشكە كېتىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت سالاھىيىتىم بىلەن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئامېرىكا ۋە ھازىرقى ترامپ ھۆكۈمىتى ياخشى بىر ئۆرنەك بولالايدۇ، دەپ ئېيتالايمەن. چۈنكى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا ئەڭ دىققەت قىلىدىغان مەسىلە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۈندەككە چۈشۈپ قالماسلىقتۇر.»

نۇرى تۈركەلنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەردوغان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىكى ئىمتىيازى ۋە ئىقتىدارىدىن دۇرۇس يولدا ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ئاۋازسىز قېلىشىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ خەلقئارادا تۈركىيەنىڭ ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە» ئىكەن. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەردوغاننىڭ خەلقئارادا خىتاينىڭ قىرغىنچلىقىقا قارشى يېتەكچى رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ «بۇ ئالاھىدىلىككە ئىگە يىتۈك بىر شەخس» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئەردوغاننىڭ ئادالەت-تەرەققىيات پارتىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن جاۋاب ئالالمىدۇق. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى خالىس دالكىلىچنىڭ مەسلىھەتچىسى تېلېفونىمىزنى ئېلىپ، دالكىلىچنىڭ شەھەر سىرتىدا ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

لېكىن «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ياردىمنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ پارتىيەسى ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاكتىپ بولۇشىنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇ «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزلىرىنىڭ پارتىيە پروگراممىسىغا كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بىز تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە ھەرىكەتچان بىر سىياسەت تۇتۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. بىز بۇنى پارتىيە پروگراممىسىغىمۇ كىرگۈزدۇق. بەلكى دۇنيادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشلىنىشى كېرەكلىكىنى پارتىيە پروگراممىسىغا كىرگۈزگەن تەك پارتىيە بىز بولۇشىمىز مۇمكىن. بىزنىڭ پارتىيەمىزنىڭ تاشقى سىياسەت بۆلۈمىدە بۇ ماددا بار،» دەپ كۆرسەتتى.

«تاشقى سىيايەت» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدا تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» پىلانىغا ئاساسەن خىتاي-تۈركىيە تۆمۈر يولى قاتنىشى باشلىنىپ، خىتاينىڭ تۈركىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشى كۈچەيگەن. ماقالىدە خىتاينىڭ ئىستانبولدىكى كۇمپورت دېڭىز پورتىنىڭ 65%, سۇلتان ياۋۇز كۆۋرۈكىنىڭ 51% پېيىنى سېتىۋېلىپ، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ھۇنۇتلۇ كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىسىغا 1.7 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغانلىقى، خىتاي ئېكسپورت ۋە كرىدېت سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۈركىيە مال-مۈلۈك فوندىنى 5 مىليارد دوللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ يەنە تۈركىيە 3-يادرو ئەلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۇزمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت