خىتاي تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى تەشۋىقاتىنىڭ مۇقەددىمىسىمۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2019-11-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىمام خاتىپ مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلى دەرسلىرى باشلىدى. 2019-يىلى كۈز، ئىستانبۇل تۈركىيە.
ئىمام خاتىپ مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلى دەرسلىرى باشلىدى. 2019-يىلى كۈز، ئىستانبۇل تۈركىيە.
RFA/Azigh

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەدە خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىش كۈنسېرى ئاشماقتا. بىراق تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىچىلىۋاتقان خىتاي تىلى كۇرسلىرى، دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇلىشى ياكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى مەكتەپلەرگە خىتاي تىلىنىڭ زۆرۈر دەرس سۈپىتىدە كىرگۈزۈلۈشى يۇقىرىقى مەسىلىنىڭ نورمال بىر ئىجتىمائىي ھادىسە ئىكەنلىكىگە بولغان گۇماننىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا.

فىكرىيەت، ئانادولۇ ئاژانسى قاتارلىق تۈركىيەدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى 2019-2020-ئوقۇش يىلىدا ئىمام خاتىپ مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلىنى دەرس پروگراممىسىغا قوشقان. ئانادولۇ ئاژانسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي تىلى ئۆگىتىشتىن باشقا مەدەنىيەت كۈنلىرى، خىتاي تىلى مۇسابىقىلىرى، خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن كەلگەن ھەيئەتلەر ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ زىيارەتلىرى ۋە ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

يۇقىرىقىدەك تۈركىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ياكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋاسىتىسى بىلەن ئىشقا ئېشىۋاتقان مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنىڭ كۆپ سالمىقى تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۆگىنىشىگە مەركەزلەشكەندىن باشقا سىياسىي تەشۋىقاتنىڭمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەۋاتقانلىقى مەلۇم.

DHA خەۋەرچىلىكىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىستانبۇل گىدىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرىسىدا مائارىپ كېلىشىمى ئىمزالانغان بولۇپ، تۇنجى پائالىيىتى «بىر يول بىر بەلۋاغ» سىياسىتى توغرىسىدا ئىكەن.

«ھۆررىيەت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەگە خىتايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر 2018-يىلى 400 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا 60 پىرسەنت ئاشقان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدە خىتاي تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۈچىيىشكە باشلىغان. كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تىلى ياكى مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشتىن پايدىلىنىپ تۈركىيەدىكى بېقىندى ئىلمىي ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش سىياسىي نىشانلىرىنى تەشۋىق قىلماقتا ئىكەن.

بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئەركىن ئەكرەم «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تىلى ئۆگىنىش دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتامدۇ؟ بۇ ئەھۋال تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي 2009-يىلى ‹ئۈرۈمچى ۋەقەسى› دە بىر نەرسىنى چۈشەندى. تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان، خىتاينى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، خىتاي ئوبرازىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى پەرق قىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن تۈركىيەدە خىتاينىڭ ئوبرازىنى تۈزىتىش لايىھىسى بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتتى. مەسىلەن، 10 يىل بۇرۇن تۈركىيەنىڭ دۆلەت رادىيو-تېلىۋىزىيە قۇرۇلۇشلىرى (TRT، ئاندولۇ ئاژانسى دېگەندەك) بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە باشلىدى. TRT بىلەن ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ خىتاينى تۈركىيەگە تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا قۇرۇشقا تىرىشتى. گەرچە بەك كۆلەملىشىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ھازىر تۈركىيەدە 4-5 كۇڭزى ئىنستىتۇتى بار. بۇ يەرلەردە خىتاي مەدەنىيىتى ۋە تىلى ئۆگىتىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يېقىنلاشقان 2015-يىلىدىن بېرى تۈركىيەدىمۇ خىتايغا بولغان قىزىقىشلار كۈچەيدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدىن خىتايچە ئۆگەنسەك، خىتايدا ئىشلىسەك ياكى خىتاي-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانساق پايدىسى بولىدىكەن دېگەنلەر بولدى. خىتايمۇ تۈركىيەگە ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىش تۈرلىرىنى كۆپەيتتى. 1990-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بىرى خىتايغا 3 مىڭدىن كۆپ ئوقۇغۇچى بارغان بولدى. خىتاينىڭ كۈچىيىشى بىلەن تۈركىيەدە خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە قىزىقىش باشلاندى، لېكىن كەڭ كۆلەملىك ھالغا كېلەلمىدى. بۇنداق ئەھۋال تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىگە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدۇ. تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا چەكلىمىلەر بولۇشىمۇ مومكىن. قانۇنى بىر چەكلىمە بولمىسىمۇ، ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك چەكلىمىلەر بولۇشى مومكىن. مەسىلەن ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللىماسلىق دېگەندەك. چۈنكى ھۆكۈمەت ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن يىراق تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي بىلەن يېقىنلاشقان بەزى جەمئىيەتلەر ياكى تىجارەت گۇرۇھلار ئۇيغۇرلاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يېڭى ۋە باشقىچە چارىلەرنى تېپىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.»

خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تۈركىيەدە تونۇتۇش، بۇ ئارقىلىق سىياسىي تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىدىمۇ ئەكس ئەتمەكتە. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا خىتاي تىلىنى تاللاپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىش ئارقىلىق بۇ تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. «ئاخشام گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلى سۈي ۋېي تۈرك ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى، خىتايچىنى تېزلا ئۆگىنىۋالىدىغانلىقىنى، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تۈركىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىر نەچچە ئاي بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنقەرەدىكى باش كونسۇلى دېڭ لىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان «18-نۆۋەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي تىلى مۇسابىقىسى» نىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ: «تېخىمۇ كۆپ تۈرك ياشلىرىنىڭ خىتاي تىلى ئۆگىنىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشىگە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن،» دېگەنىدى.

ئوتتۇرا شەرق تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ توربېتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 15-نويابىر كۈنى شيامېن ۋە ئوتتۇرا شەرق تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق كۇڭزى ئىنستىتۇتى بىرلىشىپ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى ھەققىدە يىغىن چاقىرغان. ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئەلچىسى شې رۇلىڭ مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئون يىللىق كەچمىشكە ئىگە خىتاي مائارىپى بىلەن تونۇلغان ئوتتۇرا شەرق تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتى ‹بىر يول بىر بەلۋاغ› قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىتايچە پاراڭلىشالايدىغان خادىم يېتىشتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ. ھەمكارلىقىمىز ئىلگىرىلىگەنسېرى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزىدىغان لايىھەلەر كۆپىيىپ، تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى تۈركىيەدە تارقىتىشى، بۇ ئارقىلىق بىر «يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنى تەشۋىق قىلىشى كۆزەتكۈچلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. خىتاي مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلى چەكلىنىۋاتقان، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا مەجبۇرىي خىتاي تىلى ئۆگىتىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئارقىلىق «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى تەشۋىق قىلىشى مۇنازىرىگە سەۋەب بولماقتا. بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق.

قاراخان ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولۇۋاتقىنىدەك، خىتاي 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ تىلىنى، مىللىي مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى چەكلەپ، ئۇلارغا قارىتا جازا لاگېرى يولغا قويۇۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان پەيتتە مۇسۇلمان ۋە تۈرك دۇنياسىغا نىسبەتەن ئۆزىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇتقۇزغۇچى ۋە ياردەم بەرگۈچى قىلىپ تونۇتۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە يېيىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى دۆلەت ئەربابلىرى ۋە سودىگەرلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنى كۈچلەندۈرۈش، خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ ۋە ‹بىر يول بىر بەلۋاغ› قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇۋاتىدۇ. بۇ ئۇ دۆلەتلەرگە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرلىكتە ئۆز دۆلىتىنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ۋە خەلقىنىڭ ئىستىقبالىنى كۆزلىگەن بىر قىسىم مۇسۇلمان ۋە تۈرك تەتقىقاتچىلارنى ئەندىشىگە سالىدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت