تۈركىيەنىڭ 2 چوڭ شەھىرىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-01-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 18-يانۋار.
تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 18-يانۋار.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئىزمىر شەھىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان قەھرىمانماراش شەھىرىدە كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1-ئاينىڭ 18-كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.

قەھرىمانماراش شەھىرىدىكى چوڭ مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 128 ئەتراپىدا ئاممىۋى تەشكىلاتقا مەنسۇپ 3 مىڭ ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىنىڭ قەھرىمانماراشتىكى شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى سەيپۇللا قەشقىرى ئەپەندى نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

نامايىشقا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكى 128 ئاممىۋى تەشكىلات ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى پاش قىلىش ئارقىلىق تۈرك ھۆكۈمىتىگە جامائەتنىڭ بېسىمىنى پەيدا قىلىش ئىكەن. سەيپۇللا قەشقىرى ئەپەندى نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر نامايىشقا 3 مىڭ ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان. ئۇلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، خىتاي جازا لاگېرلىرىنى تاقىسۇن، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختاتسۇن!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.

قەھرىمانماراشتىكى سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى نامايىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.

18-يانۋار كۈنى ئىزمىرنىڭ نازىللى رايونىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىدىكى زالىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن زالنىڭ كارىدورىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بولۇپمۇ لاگېر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر تىزىلغان. يىغىندا «ئىشغالدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققىچە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يىغىن توغرىسىدا توختالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدە بۇرۇندىن تارتىپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ نامايىشلار ئىزچىل ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتىكەن. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇل، قەيسەرى ۋە ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلىرىدىلا نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ قالماستىن تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەر، ناھىيە ۋە كىچىك كەنتلىرىدىمۇ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە. 128 ئاممىۋى تەشكىلاتنى بىر جايغا يىغىپ نامايىش ئۇيۇشتۇرغان «تارىخ مۇنبىرى» رەئىسى ئەخمەت قولۇتەك ئەپەندى قەھرىمانماراشتا بۇنداق كۆپ تەشكىلات ۋە كىشى قاتنىشىپ خىتايغا قارشى بۇنداق بىر نامايىشنىڭ بولۇپ باقمىغانلىقىنى، مەزكۇر نامايىشقا ئوخشىمايدىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ قاتناشقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە مىللىي بىرلىكنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «نامايىشقا 128 ئەتراپىدا ئاممىۋى تەشكىلات قاتناشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە دىندارلارنىڭ، مىللەتچىلەرنىڭ، سوتسىيال دېموكراتلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بار ئىدى. بۇ نامايىشتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە مىللىي بىرلىك ئەمەلگە ئاشتى. بىزنىڭ پەرەز قىلىشىمىزچە نامايىشقا 3000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. بۇ نامايىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەرگە بىر سىگنال ئەۋەتتۇق دەپ ئويلايمەن».

تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىۋاتقان بولسىمۇ خەلقنىڭ بۇنداق نامايىش ئۆتكۈزۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركلەر قېرىنداش بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت