«شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قانىلىدا مۇنازىرە قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-01-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تۈركىيەدىكى «خابەر تۈرك» تېلېۋىزىيە قانىلىدا مۇنازىرە قىلىندى (سولدىن ئوڭغا: كوممۇنىست دوغۇ پېرىنچەك، رىياسەتچى دىدەم ئارسلان يىلماز،  ئىيى پارتىيەسى باياناتچىسى ئۈستۈز ئاغىرالىوغلۇ). 2019-يىلى 31-دېكابىر. تۈركىيە.
«شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تۈركىيەدىكى «خابەر تۈرك» تېلېۋىزىيە قانىلىدا مۇنازىرە قىلىندى (سولدىن ئوڭغا: كوممۇنىست دوغۇ پېرىنچەك، رىياسەتچى دىدەم ئارسلان يىلماز، ئىيى پارتىيەسى باياناتچىسى ئۈستۈز ئاغىرالىوغلۇ). 2019-يىلى 31-دېكابىر. تۈركىيە.
Photo: RFA

ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان «خابەر تۈرك» تېلېۋىزىيەسىدە مۇنازىرە تېمىسى بولدى.

ھەپتە ئاخىرى تارقىتىلىدىغان دىدەم ئارسلان يىلماز رىياسەتچىلىكىدىكى «تۈركىيەنىن نەبزى»، يەنى «تۈركىيەنىڭ ئانا تومۇرى» ماۋزۇلۇق پروگراممىنىڭ 31-دېكابىر كۈنىدىكى قىسمىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان يوقىرى بېسىملىق سىياسىتى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بەرىلدى. مەزكۇر پروگراممىغا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى رەسۇل توسۇن ئەپەندى، «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ، بۇرۇنقى ئىشچىلار پارتىيەسى، يەنى ھازىرقى «ۋەتەن» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دوغۇ پېرىنچەك ئەپەندى ۋە تونۇلغان ژۇرنالىست ئىسمائىل سايماز ئەپەندىلەر تەكلىپ قىلىندى. 

ئالدى بىلەن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ياۋۇز ئالىاغىرئوغلۇ ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىن سۆز ئېچىپ مۇنداق دېدى: «تۈرك بولۇشنىڭ بەزى مەسئۇلىيەتلىرى بار. شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا مەسئۇلىيەت ھېس قىلىشىمىز، لىۋىيەگىمۇ مەسئۇلىيەت ھېس قىلىشىمىز كېرەك، پەلەستىن ۋە روھىنگا قاتارلىق جايلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز شەرت. ئۇنىڭ ئۈتىگە شەرقىي تۈركىستان تۈركلەرنىڭ تۇپرىقىدۇر.»

ئارقىدىن «ۋەتەن» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دوغۇ پەرىنچەك ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتىنىڭ زېمىنىدۇر. سىز خىتاي بىلەن رۇسىيەگە قارشى تۇرسىڭىز، تۈركىيەنى قولدىن چىقىرىپ قويىسىز. 5-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئىدىم، ئۇ يەردە مەسچىتلەر ھېلىھەم مەۋجۇت. ئۇ يەردە مەدەنىيلەشكەن، تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇرلار ياشىماقتا. بىز ھازىر PKK تېرورچىلىرى بىلەن FETÖ تېرورچىلىرىنى تۈرمىلەرگە قاماۋاتقان بولساق، خىتايمۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تېرورچىلىرىنى تۈرمىگە تاشلاۋاتىدۇ. سىز شەرقىي تۈركىستان تۈرك زېمىنىدۇر دېسىڭىز، تۈركىيەدە ھىچكىم سىزنى رەت قىلمايدۇ. دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندىكى قالايمىقانچىلىقنى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى كۈشكۈرتۈپ ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ.»

پروگرامما رىياسەتچىسى دىدەم ئارسلان خانىم 1974-يىلىدىن تارتىپ خىتاي كومپارتىيەسىنى ياقلاپ كېلىۋاتقان دوغۇ پېرىنچەك ئەپەندىدىن «ھازىر بىر مىليوندىن كۆپرەك ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىدا، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دەپ سورگىنىدا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇلار يالغان، پۈتۈنلەي يالغان. لاگېردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي تىلى بىلەن كەسپىي تېخنىكا ئۆگىنىۋاتىدۇ. ‹شەفەق› گېزىتى، ‹مىللىيەت› گېزىتى ۋە ‹ئايدىنلىق› گېزىتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ بېرىپ زىيارەت قىلىپ كەلدى.» 

پروگرامما رىياسەتچىسى دىدەم ئارسلان خانىمنىڭ «سىز بۇ لاگېرلارنىڭ ‹تەربىيەلەش مەركىزى› ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىسىز؟ ئۇنداقتا، لاگېرلاردا ساقچى، ئەسكەر ۋە خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ نېمە ئىشى بار؟» دېگەن سوئالىغا دوغۇ پەرىنچەك ئەپەندى «ئۇلارمۇ يالغان» دەپ جاۋاب بەردى. قىسقىسى «ۋەتەن» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دوغۇ پېرىنچەك ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېگەنلىرى بىلەن ئوخشاش سۆزلەرنى قىلدى. 

ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ دوغۇ پەرىنچەكنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان قەدىمىي تۈرك يۇرتىدۇر. ئۇ يەردىكى خەلقلەر تۈرك قەۋمىدۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ ھەممىسى تۈركلەرنىڭدۇر. ئۇ يەر خىتاي بېسىۋالغان زېمىندۇر. خىتاي ئۇ يەردىكى تۈركىي مىللەتلەرنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. لاگېرلارغا قاماپ ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. سىز ئامېرىكا كۈشكۈرتۇپ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەۋاتىسىز، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ لاگېرغا قاماۋاتىدۇ، تۇتقۇنلار ئۇ يەردىن خالىغانچە چىقالمايدۇ. نۇرغۇن كىچىك بالىلارمۇ سولاقلىق.» 

ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ تۈركىيەدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خىتايدىكى لاگېرلاردا ئىكەنلىكىنى، دوغۇ پېرىنچەكنىڭ ماركىس، لېنىن، ستالىن ۋە ماۋنى ماختاشنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرىۋېلىشىنى تەنقىت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قۇددۇسنى تىلغا ئالدى. ئۇ زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان ھەممە مىللەتلەرنى تىلغا ئېلىش كېرەك. بۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى پرېزىدېنتىگە يارىشىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى نۇتۇقىدا ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم.» 

ئۆكتىچى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسىنىڭ «ھۆكۈمەت سۈكۈتتە تۇرىۋالدى› دېگەن ئەيىپلىشىگە قارىتا ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىۋاتقان ئاق پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى رەسۇل توسۇن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «دوغۇ پېرىنچەك ئەپەندى ئۈرۈمچىگە بېرىپتۇ. ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار بىراز راھەت، قالغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرلار بېسىم ئاستىدا ياشىماقتا، ياشلار ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنماقتا. ئەسلىدە تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇلارغا قارشى بايانات ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلساق دېگەن ئۈمىدتە. شۇڭا دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتنى نەزەردە تۇتۇپ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، پرېزىدېنتىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاينىڭ ئۇ يەردىكى مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى كۆرمەسكە سېلىشى ياكى ئۇمى قوللىشى مۇمكىنمۇ؟ مۇمكۇن ئەمەس. بىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ تۇرۇپ، ئۇ يەردىكى مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىساق دەيمىز.» 
خىتاي كومپارتىيەسىنى ياقلايدىغان «ۋەتەن پارتىيە» رەئىسى دوغۇ پېرىنچەكنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سەپسەتىلىرىنى تۈركىيەدە ئاڭلىتىشىنىڭ قانداق تەسىرى بولار؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭ تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ خەلقئاراغا ئالىقاچان ئاشكارىلىنىپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت