ئۈچ تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى ئەنقەرەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-01-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنىڭ ئەنقەرەدىكى مۇھىم ئۇچرىشىشلىرىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 14-يانۋار. ئەنقەرە، تۈركىيە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنىڭ ئەنقەرەدىكى مۇھىم ئۇچرىشىشلىرىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 14-يانۋار. ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى مەسئۇللىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى جەۋدەت يىلماز، ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان سائادەت پارتىيەسى رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ ئەپەندىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ناملىق دوكلاتلىرىنى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقى بايان قىلىنغان تەلەپ خېتىنى سۇندى. بىر سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتىن كېيىن مىكروفونىمىزنى سائادەت پارتىيەسى باشلىقى تەمەل قاراموللائوغلىغا ئۇزاتتۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ بىزگە مەلۇمات بەرگەنلىكىڭلارغا سۆيۈندۈم. ئاللاھ سىلەرگە يار بولسۇن. ھەقىقەتەن خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمنى ئەيىبلىمەي تۇرالمايمىز. بۇلارنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ ھازىر تۈركىيەدە ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقان 20 مىڭ ئۇيغۇرغا تۈركىيە ۋەتەنداشلىق بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمىز. ئىككىنچى بىر مەسىلە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ۋە غەرىپ ئەللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك.»

ئۇ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئەقىلغا سىغمايدىغان بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېقىلغا سىغمايدىغان بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيەدە ۋە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش كېرەك دەپ ئويلايمىز. گەپ ئاڭلىمايۋاتقان خىتايغا بۇ يول ئارقىلىق گەپ ئاڭلاتقىلى بولۇشى مۇمكىن. مەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇرراق بۇ دەرتتىن قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» 

ئارقىدىن ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىغا بېرىپ مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا پارلامېنتتە ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى نامىدىن خاتىرە پلاكاتى تەقدىم قىلىندى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مۇدىرى دوكتور پەرھات قۇربان بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. 

قىممەتلىك راديو ئاڭلىغۇچىلار 14-يانۋار كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ ھەممىسىدە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات سۇنۇلغان. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى ئۇچرىشىشلاردا ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەردىن ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ھەيئەت ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە خىتاي ئەلچىسى ھەر يىلى 2-3 قېتىم بۇلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنى قاتتىق تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدىكەن. ئۇنداقتا بۇ خىل زىيارەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى بۇ خىل ئۇچرىشىشلارنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. 

بىر قانچە يىلدىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى پارتىيە رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتل مەسۇ’للىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت