«ئىيى» پارتىيەسى خىتاينى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-02-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئاخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى.
تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئاخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى.
Social Media

ۈركىيەدىكى «ئىيى»، يەنى ياخشى پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئاخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى 29-يانۋار كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ئۇ، باياناتىدا يەنە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان پارتىيەنى تۈركىيە دۆلىتى نامىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر سەرخىلى ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرغان.

«ئىيى» پارتىيەسى ئېلان قىلغان باياناتتا 2014-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ ھازىر ئۈرۈمچىدە قاماقتا ئىكەنلىكى، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي ئىنسان ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

«ئىيى» پارتىيەسى ئىلھام توختى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىنىڭ ئاخىرىدا بۇ پارتىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئىزچىل ھالدا كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاي دۆلىتىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. 

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئىلھام توختى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەسلىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرى جەھەتتىن ئىلھام توختى ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى، ئەمما ھازىرغىچە بىلدۈرمىگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

2015-يىلى تۈركىيەدە «ئىلھام توختى ۋە خىتاي مەسىلىسى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەدە ئىلھام توختى ئانچە تونۇلمىغانىدى. مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ ھازىرغىچە تۈركىيەدە ئىككى مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى، «ياخشى» پارتىيەنىڭ خىتاينى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. 

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ تۈركىيەدە ياخشى تونۇلماسلىقىدىكى سەۋەب ھەققىدە ئىزاھات بەردى. 

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تۈركىيەدە ئىلھام توختىنى ياخشى تونۇشتۇرۇشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا توختىلىپ، ئاخباراتنىڭ كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. 

ئىلھام توختى ئەپەندى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن، بۇيان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خەلقئارادىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن «باربارا گولدسىمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ۋە «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق بىرقانچىلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئىلھام توختى 2019-يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇھىم سىياسىي ئەربابلار تەرىپىدىن 2019-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت