تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە خىتاي ئىسكەنجىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تىياتىر سەھنىگە ئېلىپ چىقىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-03-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«دوپپا تىياتىر گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرى. 2020-يىلى مارت. كونيا، تۈركىيە.
«دوپپا تىياتىر گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرى. 2020-يىلى مارت. كونيا، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

سەنئەت بىر مىللەتنى تونۇتۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاستىلەردىن بىرى. يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتىنى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش مەزمۇنىدىكى ھەرخىل سەنئەت پائالىيەتلىرى كۆپەيمەكتە. لېكىن تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئىسكەنجىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تىياتىر سەھنىگە ئېلىپ چىقىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كونيا شەھىرىدىكى «دوپپا تىياتىر گۇرۇپپىسى» تۈرك يازغۇچى يۈسۈپ قوچ ئەپەندى يازغان «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئىسكەنجىسى» ناملىق ئەسىرىنى سەھنىلەشتۈرگەن. بۇ سەھنە ئەسىرىدە خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىدىن قېچىپ چىققان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بېسىم ۋە ئىسكەنجىلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. «دوپپا تىياتىر گۇرۇپپىسى» ئەسەرنى ئالتە ئاي مەشىق قىلىش نەتىجىسىدە ئۆتكەن ھەپتە كونيادىكى سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن نەجمەتتىن ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئىككى نۆۋەت قويغان ۋە قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشكەن. 

مەزكۇر درامىنى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە بەزى ئاممىۋىي تەكىلات مەسۇللىرىدىن بولۇپ نۇرغۇن تاماشىبىن كۆرگەن. «دوپپا تىياتىر گۇرۇپپىسى» نامىدا ئۇيغۇرلار قۇرغان تىياتىر گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلگەن دراما تۇنجى قېتىمىدىلا ئويلىمىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن.

تىياتىر ئەسىرىنى يازغان يۈسۈف قوچ ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تىياتىرنى، يەنى كىچىك دراممىنى يېزىش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن كونيادا تۇرىۋاتقان سەيپىدىن ئىزداش ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ تەرجىمھالىنى تىياتىر قىلىپ يازدىم. نەجمەتتىن ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى قېتىم قويدۇق. تىياتىردا ئادىل ئىسىملىك بىر ئىمامنىڭ ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىر ئوغلىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى بايان قىلىنغان. ئادىل ئىمام ئوغلىنى بەك ياخشى كۆرگەچكە ئۇنىڭغا زىيان كېلىشىنى خالىمايدىكەن. لېكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئابدۇللا بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇمېجىت تۈرمىگە قامىلىپ قالىدۇ. ھەر ئىككىسى ئۆلۈم جازاسى بىلەن سوتلىنىدۇ. ئادىل ئىمام ئۆيىنى سېتىپ كوممۇنىست خىتاي رەھبەرلەرگە پۇل بېرىپ ئىككى ئوغلىنى قۇتۇلدۇرۇپ، تۈركىيەگە يولغا سېلىپ قويىدۇ». 

مەزكۇر سەھنە ئەسىرىگە تېما بولغان سەيپىدىن ئىسىملىك ياشمۇ مەزكۇر درامىدا رول ئالغان. ئۇ، مەزكۇر درامىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. 

بىز بۇ دراما توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ باش كاتىپى ئادىلجان ئەرۇيغۇر ئەپەندىگە مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، خىتاي ئىسكەنجىسىنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە تىياتىر ئەسىرىنىڭ تېمىسى بولغانلىقىنى بايان قىلدى. 

درامىدا رول ئالغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇللا دۆلەت تۈركىيەدىكى چوڭلارنىڭ 1950-يىللاردىن باشلاپ دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش ۋە كۆرگەزمە ئېچىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىرقى ياشلارنىڭ بولسا تىياتىر، ناخشا-ئۇسۇل قاتارلىق سەنئەت ۋاسىتىلىرى ئارقىلىقمۇ ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ درامىسىنىڭ تاماشىبىنلارنى بەكلا تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 
«دوپپا تىياتىر گۇرۇپپىسى» 2019-يىلى 11-ئايدا كونيادا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ 6 ئۇيغۇر ياشتىن تەركىپ تاپقان. مەزكۇر تىياتىر گۇرۇپپىسى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە خىتاي ئىسكەنجىسىگە ئائىت مەزكۇر درامىنى داۋاملىق كۆرسىتىشنى قارار قىلغان. تۈركىيەدە ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسۇل گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلۇپ، ھەر قايسى جايلاردا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ كەلگەنىدى. تۈركىيە خەلق سەنئەتكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى ۋە سەنئەتكارى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۈركىيەدىكى تەسىرى ناھايىتى يۇقىرىدۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت