تۈرك خەلقى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار: «‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› ئۇيغۇر تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-06-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا.
تۈركىيە «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا.
RFA/Erkin Tarim

بۇ يىل روزى ھېيتىنىڭ ئالدى كەينىدە ئامېرىكانىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا بىردەك مۇتلەق كۆپ ساندا ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 17-ئىيۇن كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىمزا قويۇپ، مەزكۇر قانۇن لاھىيەسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بەزى تۈركلەر بۇنىڭ «ئۇيغۇر تارىخىدىكى دەۋىر بۆلگۈچ ھادىسە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

18-ئىيۇن كۈنى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قانۇن لايىھەسى ئەمدى رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمغا چېتىشلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىش باسقۇچىغا ئۆتكەن. خەۋەردە «ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنتايىن ئېغىر بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەش مەزمۇن قىلىنغان بۇ قانۇندا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم ئەمەلدارلارغا جازا بېرىلىدۇ» دېيىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قانۇندىكى جازا بېرىلىدىغان كىشىلەر تىزىملىكىدە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم بىلەن چېتىشلىقى بار بولغان باشقا كۆپ ساندا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسمى بار ئىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تۈركىيە ئاخباراتلىرىدىمۇ تارقىتىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى زور خۇشاللىققا چۆمدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدىمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قانۇن ماقۇللىنارمۇ، دېگەن سوئال پەيدا بولدى.

تۈركىيەنىڭ «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن خۇشال بولغانلىقىنى، بۇ قانۇننىڭ باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن بۇنى تەبرىكلەيمەن. چۈنكى ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتىسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئىمزا قويغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› غا باشقا دۆلەتلەر قاراپ تۇرالمايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇرۇن ياۋروپا دۆلەتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان ئىدى. بۇ قانۇننىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا زور پايدىسى بولىدۇ، باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئۆرنەك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.»

پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى مەزكۇر قانۇننىڭ تۈركىيەگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيەنىڭمۇ سۈكۈتىنى بوزۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەزكۇر قانۇننى تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا ئاڭلىتىمىز، پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويىمىز. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ‹شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى› قۇرۇشقا چاقىرىمىز.»

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە17-ئىيۇن كۈنى قول قويغانلىق خەۋىرىگە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئورۇن بېرىلدى. بۇ خەۋەرلەردە بۇ ھەقتە 3 خىل ئىنكاس ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىرىنچى خىل ئىنكاستا تۈركلەر ئامېرىكانىڭ بۇنداق بىر قانۇن چىقارغانلىقىدىن خۇرسەن بولغان. ئىككىنچى خىل ئىنكاستا بولسا تۈركىيە بۇنداق بىر قانۇن ماقۇللىماي نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا ماقۇللايدۇ، دەپ سورىغان. ئۈچىنچى خىل ئىنكاس بولسا بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا تۈركىيەنىڭ ئارىلاشماسلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ قانۇننىڭ تۈركىيە سىياسىتىگە ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيەنىڭمۇ كېلەچەكتە بۇنداق بىر قانۇن ماقۇللىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنتۇلماس بىر كۈن ۋە ئۈمىد بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇنداق بىر قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، كەلگۈسىدە بولۇش ئېھتىمال بارلىقىنى تەكىتلىدى.

پرېزىدېنت ترامپنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويۇشىغا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمەت بىلەن ئىتتىپاقداش پارتىيەلەر قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاقان چاۋۇشئوغلۇ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندىلەرگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئۇلار: «ئېمېيل يېزىڭ، بىزمۇزاكىرە قىلىپ جاۋاب قايتۇرايلى» دېگەن بولسىمۇ، بۈگۈنگىچە جاۋاب كەلمىدى.

مۇتەخەسسىسلەر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاقداش پارتىيە بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت