پائالىيەتچىلەر: تۈركىيە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار ۋە دولقۇن ئەيسانى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشى كېرەك

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەنىڭ «يېڭى ئاكت تېلېۋىزىيىسى» دە تارقىتىلغان ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 21-ئىيۇن.
تۈركىيەنىڭ «يېڭى ئاكت تېلېۋىزىيىسى» دە تارقىتىلغان ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 21-ئىيۇن.
RFA/Arslan

6-ئاينىڭ 21-كۈنى تۈركىيەنىڭ «يېڭى ئاكت تېلېۋىزىيىسى» دە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تارقىتىلدى. پروگراممىدا، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ بېسىلىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كىرىشى ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىق قىلىندى.

پروگراممىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان يوق قىلىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مۇھىم نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خالىس ئۆزدەمىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلغان مەزكۇر نەق مەيدان پروگراممىسىغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى رەئىسى دوكتور مۇھىتتىن جانئۇيغۇر، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان قاتناشتى ۋە رىياسەتچىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. پروگراممىغا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا تېلېكامېرا ئارقىلىق ئارقىلىق قاتناشتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت نىڭ يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى ئورنى بەك مۇھىم»، دېدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقىنى، تۈركىيەنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بىراق 12 يىلدىن بۇيان تۈركىيەگە كىرەلمىگەنلىكىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە تۈركىيەگە بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دوكتور ئۆمەر قۇل، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشى ئۈچۈن رۇخسەت بېرىشكە چاقىردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىسلام مەسىلىسى دەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە يەنە «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ مەسىلىسى بولۇش كېرەك، چۈنكى ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەققى»، دېدى

بىز بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرىنى تىلغا ئالدى ۋە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان كېلەر ئاي، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدە بىر ھەپتىلىك شەرقىي تۈركىستان پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەم مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ، جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش ئۈچۈن خىزمەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن دوكتور مۇھىتتىن جانئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇھىتتىن جانئۇيغۇر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ۋە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىسا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئىپادىلىدى.

دوكتۇر مۇھىتتىن جانئۇيغۇر سۆزىدە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تۈركىيە خەلقىگە كەڭ ئاڭلىتىش كېرەكلىكى ۋە تۈركىيە خەلقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن لازىملىق خىزمەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى يولىدا قەدەم بېسىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، «يېڭى ئاكت تېلېۋىزىيەسى «نىڭ نەق مەيدان پروگراممىسىغا تېلېكامېرا ئارقىلىق قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى ۋە رىياسەتچىنىڭ «دۇنيا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىدۇ؟ بىلىپ سۈكۈت قىلىۋاتامدۇ؟ بىلمەستىن سۈكۈت قىلىۋاتامدۇ؟، سىلەر بۇ مەسىلىسىگە قارىتا نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟ «دېگەن سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا بىلىپ سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ، 2018-يىلىغىچە كۆپلىگەن دۆلەتلەر شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرگە سۈكۈت قىلاتتى، قۇلاقلىرىنى يوپۇرۇپ ئاڭلىماس بولۇۋالغانىدى، بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قولىمىزدىن كېلىشىچە بۇ مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتۇق، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، ياۋروپانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيەدە ۋە تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيەدە ھەم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ مەسىلىنى قولىمىزدىن كېلىشىچە ئاڭلىتىشقا تىرىشتۇق».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئەسلىدە 2014-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويدى، بىراق 2017-يىلىدىن باشلاپ كۈنتەرتىپكە كەلدى. بىز بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ۋاقىتتىن باشلاپ دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇشقا تىرىشتۇق، بىراق دۇنيا دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بەك جىددىي قارىمىدى. بىز بۇ مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇردۇق 2018-يىلى 8-ئايدا ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى كومىتېتى خىتاي دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ چىقتى ۋە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا تۇتۇلغانلىقى رەسمىي بىر شەكىلدە كۈنتەرتىپكە كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا جامائىتى بۇ مەسىلىسىگە قىزىقىشقا باشلىدى ۋە بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۆپلەپ ئورۇن ئالدى. مېنىڭچە بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەسىلىسىنى بىلمەيدىغان دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار يوق دەپ قارايمەن. چۈنكى، بۇ مەسىلە بىر قانچە قېتىم ب د ت نىڭ يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە كەلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسى ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ مەسىلىسىدىن خەۋىرى بار دەپ قارايمەن. ئەمما ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى دۆلەتلەردە خىتايدىكىگە ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولغان دۆلەتلەرمۇ مەۋجۇت. ئۇ خىلدىكى دۆلەتلەر ب د ت دا خىتاي بىلەن ئىتتىپاقداشلىق قۇرۇۋاتىدۇ. بىز بۇنى، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى بۇزۇشنى خالىمىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ پايدا-مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن دەپ قارايمىز. بىراق، خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى، مەسىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ‹ئىسلام ئىدېئولوگىيەلىك بىر كېسەللىكتۇر‹، دەيدۇ، ئۇ يەردە يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا قارشى ئەمەس، بەلكى ئىسلامغا قارشى بىر ھۇجۇم مەۋجۇت. خىتاي 2017-2018-يىللىرىدە ئىچىدە 5000 ئارتۇق مەسچىتنى چېقىۋەتتى، قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈلدى. بۇنىڭغا قارشى ئىسلام دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرۈشى كېرەك، بۇنىڭغا قارشى خىتاينى توختا دېيىشى كېرەك «.

پروگراممىغا يەنە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا بىۋاسىتە شاھىت بولغان گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ لاگېردا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىسكەنجىلەرنى ئاڭلاتتى.

پروگرامما ئاخىرىدا، دۇنيا جامائىتى ۋە تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنى بېسىشقا چاقىرىق قىلىندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت