تاھا ئاقيول: «تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوتى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا يول قويمايدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-08-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەدىكى تونۇلغان پېشقەدەم ئوبزورچى تاھا ئاقيول ئەپەندى
تۈركىيەدىكى تونۇلغان پېشقەدەم ئوبزورچى تاھا ئاقيول ئەپەندى
Social Media

30-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدىكى تونۇلغان ئوبزورچى تاھا ئاقيولنىڭ «سۈرىيەلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق ئوبزورى ئېلان قىلىندى.

پېشقەدەم ئوبزورچى تاھا ئاقيول ئەپەندى ئوبزورىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايدىن تەپتارتىشىغا ھاجەت يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. 

ئۇ ئوبزورىدا تۈركىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلسە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرى كىشىنى ئەنسىزلىككە سالماقتا. بۇ داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقان ئىش ئەمەس، لېكىن ھازىر كىشىلەرنى بەكلا ئېچىندۇرىدىغان ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. زىننەتگۈلنىڭ ئىككى بالىسى بىلەن بىرلىكتە تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىشى بۇنىڭ مىسالى دېيىشكە بولىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە پاسسىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىق. لېكىن تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن مۇئامىلە قىلسا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇنچىلىكمۇ بۇزۇلۇپ كەتمەيتتى.»

تاھا ئاقيول ئەپەندى «سۈرىيەلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق ئوبزورىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇ تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوتىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنۇلارنى يازغان: «بۇ خىل مەسىلىلەر توغرىدا تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوتىنىڭ ناھايىتى كۆپ قارارى بار. رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پۇقراسى قابارتاي-مالقار دېگەن تۈركىي مىللەتتىن بىر ئادەم تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ئىكەن. رۇسىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىش رەسمىيىتى باشلانغان. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوتى بۇ كىشى قايتۇرۇۋېتىلسە ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى قايتۇرماسلىققا ھۆكۈم قىلىنغان. بىر ئىرانلىق كىشىمۇ تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ئىكەن. ئىران ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىن بۇ كىشىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوتى ئىراندا ئۆلۈم جازاسى ۋە ئىسكەنجە بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىرانلىق بۇ پاناھلىق تىلىگۈچىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان.»
پېشقەدەم ئوبزورچى تاھا ئاقيول ئەپەندى ئوبزورىدا «ئۆلۈم جازاسى» بېرىلىش ئېھتىمالىنىڭ پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قايتۇرۇلۇشتىن توسۇپ قالالايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «ھەتتا بەزى نەرسىلەرنىڭ بولۇش ئېھتىمالىمۇ بىر ئادەمنىڭ دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىشىنى توسۇپ قالالايدۇ. 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىگە قاتناشقان بەزى ھەربىيلەر ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن گىرېتسىيەگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىق تىلىگەن ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھەقلىق ھالدا ئۇلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن گىرېتسىيە سوتى ‹تۈركىيەدىكى بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىيىتى بار، تۈركىيەدە ئىسكەنجە بەلگىلىمىلىرى ئېلان قىلىندى› دېگەن باھانىلەرنى كۆرسىتىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى. گىرېتسىيە سوتىنىڭ يامان نىيەت بىلەن ھۆكۈم چىقارغانلىقى ئېنىق، ئەمما ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ قىلغان سۆزلەردىن قانداق ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. تۈركىيەدە 30 يىل بۇرۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەيلى دەۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تېخىغىچە بىرەر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىمۇ پارلامېنتقا سۇنمىغان ئىدى.»

تاھا ئاقيول ئەپەندى «سۈرىيەلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق ئوبزورىدا خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ۋە ئىسكەنجە قاتارلىق ئېغىر جازالارنىڭ ھەممىسىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «تۈركىيەدىن مۇساپىرلارنى، بولۇپمۇ سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنى قايتۇرۇۋېتىشتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا سەل قاراش چوڭ خاتالىق بولىدۇ. خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بار، ئىسكەنجىمۇ بار. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭمۇ دوكلاتلىرى بار. تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى ئۈچۈن باشقا ئالاھىدە دەلىل-ئىسپاتلارغا ھاجىتى يوق. يۇقىرىقى دەلىل-ئىسپاتلار يېتىپ ئاشىدۇ.»

تونۇلغان ژۇرنالىست تاھا ئاقيول ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دەپ خىتاي بىلەن زىددىيەتكە كىرىپ قىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. لېكىن تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتلەرگە قايتۇرۇۋەتمەي ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى خىتايغا ئوچۇق دېيىشى كېرەك. خىتايدىن تەپتارتىپ ئولتۇرۇشىنى شەخسەن مەن ئەيىبلەيمەن.»

تاھا ئاقيول ئەپەندى ئوبزورىدا تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلار توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، سۈرىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشمىغۇچە سۈرىيەلىكلەرنىڭ مەسىلىسىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

بىز مەزكۇر ئوبزوردا ئىلگىرى سۈرۈلگەنلەر ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن 9 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىۋاتقان ئىبراھىم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئالدى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش سىياسىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. ئالدى بىلەن بۇنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. مەن 9 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىۋاتىمەن، بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىم. لېكىن بىر قېتىم ‘مەن ئۇيغۇر’ دەپ خىتاي پاسپورتى كۆرسەتكەن ئىككى ئۆزبەكنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. ئۇلار ئۇيغۇر دېسەك تۈركىيە چىقىرىۋەتمەيدۇ دەپ خىتاي پاسپورتى ياساتقان ئۆزبەكلەر ئىكەن. ئەمما ئۆزبېك ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ قايتۇرۇۋەتتى. لېكىن تۈركىيە دۆلىتى بۈگۈنگىچە بىرمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىدى.»

بىز ئۇنىڭدىن «زىننەتگۈلنىڭ تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرگە قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتى بولمىغاچقا تاجىكىستان پاسپورتىنى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن. مەن زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ قايتۇرۇلۇشىنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەيمەن. ئاڭلىشىمچە، تۇتۇلۇپ قالغاندا ‘مەن تاجىك’ دەپتۇ. تۈركىيە تەرەپ تاجىكىستان ئەلچىخانىسىدىن ‹بۇ سىلەرنىڭ ۋەتەندىشىڭلارمۇ؟› دەپ سوراپتۇ. تاجىك دىپلوماتلار ‘شۇنداق بىزنىڭ ۋەتەندىشىمىز’ دەپ قوبۇل قىلىپ، تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا ئەۋەتىلىپتۇ.»

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى ئۇزارتىپ بەرمەيۋاتىدۇ، تۈركىيەدە پاسپورتسىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس، بۇ ئۇيغۇرلار تۈرك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالسا قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئادۋوكات ئىبراھىم ئەپەندى بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال ئادۋوكات تۇتۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئادۋوكات تۇتسا بولىدۇ. ئادۋوكاتقا بېرىدىغان پۇلى بولمىسا ئادۋوكاتلار بىرلىكىگە ئىلتىماس قىلسا، ھەقسىز ئادۋوكات بېرىدۇ. ئەگەر ئەھۋال جىددىي بولسا مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى دېسە، ياردەم قىلىدۇ.»

ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەنۋەر تۇرسۇن ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەنىڭ پاناھلانغۇچىلار ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

تاھا ئاقيول ئەپەندى 1970-يىللاردىن تارتىپ ژۇرنالىستلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپلىگەن ئوبزورلارنى يازغان. ئۇ 7-ئىيۇل كۈنىلا «قارار» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە ئەنقەرە» ناملىق ماقالىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت