رۇشەن چاقىر: «دىندار ۋە مىللەتچى پارتىيەلەرنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى بەكلا ئېچىنىشلىق»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەدە تونۇلغان ژۇرنالىست روشەن چاقىر ئەپەندىنىڭ «دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئەمەس» ماۋزۇلۇق ئانالىزىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى سېنتەبىر.
تۈركىيەدە تونۇلغان ژۇرنالىست روشەن چاقىر ئەپەندىنىڭ «دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئەمەس» ماۋزۇلۇق ئانالىزىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى سېنتەبىر.
Social Media

دۇنيادا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارى مۇسۇلمان ۋە تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە بۇرۇلدى. تونۇلغان ژۇرنالىست رۇشەن چاقىر ئەپەندى يېقىندا «مەدياسكوپە تېلېۋىزيەسى» دە «دۇنيانىن دىلىندەكى ئۇيغۇر سورۇنۇ نەدەن تۈركىيەنىن گۈندەمىندە دەگىل»، يەنى «دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئەمەس» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەھلىل پروگراممىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كەڭ-كۆلەمدە تارقىتىلدى. بىز بۇ تەھلىلنى چۆرىدىكەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، رۇشەن چاقىر ئەپەندىگە ئېلخەت يازدۇق. ئۇ، ئېلخېتىمىزگە «مەن ئۇزۇن يىلدىن بۇيان مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمايمەن. مېنى كەچۈرۈڭ. لېكىن تېلېۋىزىيىدە تارقىتىلغان كۆز قارىشىمنى ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ»، دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ، تەھلىلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى يانى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيەدە ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۆزلىرىنى دىندار ۋە مىللەتچى دەۋاتقانلارنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنىڭ بەكلا ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئىكەنلىكنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، بۇ ئەھۋالنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ، ئەسلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «نورمالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن كۈنتەرتىپىدە يوق. نورمال شەرتلەردە نېمىشقا تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە بولۇشى كېرەك؟ دېسىڭىز تۈركىيە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دىندار ۋە مىللەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت بۇرۇندىن تارتىپ مۇسۇلمانلىق بىلەن مىللەتچىلىكنى ئىزچىل ھالدا تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت پەقەت تۈركىيەدىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادا مۇسۇلمانلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بىرمادىكى مۇسۇلمانلار، پەلەستىنلىكلەر ۋە مىسىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاقدىشى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر پارتىيەدۇر. شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۈركىيەدە بىر داۋا سۈپىتىدە ھۆكۈمەت ئىگە چىقىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كونترولى ئاستىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك ئىدى. لېكىن بۇلار تازا بولمايۋاتىدۇ. يەنە بىرى تۈركىيەدە كۆپ ساندا شەرقىي تۈركىستانلىقلار بار ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرى بار».

رۇشەن چاقىر ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن يېقىن ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، بەزى ياردەملەرنىمۇ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ياخشى ئۆتىدۇ. مەن بۇ توغرىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى ئېلىشتا مەسىلە يوق ئوخشايدۇ. بەزى ياردەملەرنىمۇ قىلىدىكەن. لېكىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە بەك ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىمۇ خالىمايدىكەن. ھۆكۈمەت ھەر ھالدا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغىمۇ بۇ ھەقتە نەسىھەت قىلىدىغان ئوخشايدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان نامايىشلار توغرىسىدا خەۋەرلەر ئىشلىدۇق. دىندار ۋە مىللەتچى پارتىيەلەر ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەندەك كۈنتەرتىپكە كەلمەيۋاتىدۇ».

تونۇلغان ژۇرنالىست رۇشەن چاقىر ئەپەندى تۈركىيەدە خىتاينى ياقلايدىغان كىچىك بىر پارتىيىنىڭ بارلىقىنى، لېكىن تۈرك خەلقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلارنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«تۈركىيە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دېيىلىۋاتقانلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشنى خالىمايۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە دەخلى يەتمىسۇن دەۋاتىدۇ. ئەسلىدە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇنداق قويۇقمۇ ئەمەس. لېكىن خىتايدىن كۈتۈۋاتقان نەرسىلەر بار. خىتايدىن كېلىدىغان نەق پۇل تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى تۈركىيەدە كۈنتەرتىپكە كەلسە چوقۇم تۈركلەر ھېسداشلىق قىلاتتى، ئۇيغۇرلارنى قوللايتتى. لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئاخباراتلىرى سۈكۈتتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق بىر مەسىلىنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ، بۇ ھەقتە بىرنەرسە دېمەي سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىش سەمىمىيەتسىزلىكتۇر».

ئۇ، تەھلىلىدە تۈركىيەنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىيەنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنى تاشلاپ قويۇپ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بىرلىك قۇرۇش نىيىتى بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن. تۈركىيەدە رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئىتتىپاقداش بولايلى دەۋاتقانلار بار، لېكىن بۇلارنىڭ سانى بەكلا ئاز. بۈگۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى خاتالىشىۋاتىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ دىندار مىللەتچى پارتىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمۇ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ زور خاتالىق».

تونۇلغان ژۇرنالىست رۇشەن چاقىر ئەپەندى ئۇيغۇرلار تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولغاچقا ئۇلارنىڭ بېشىغا زۇلۇملارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە قان-قېرىندىشى بولغان تۈركلەرنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلارنىڭ ئىگە چىقىۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئۇيغۇر تۈركلىرى تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىر بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىيلارغا ياكى غەرب ئەللىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى چېركاۋلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى ئۆزىنى تۈرك ۋە مۇسۇلمان دەۋاتقانلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال، لېكىن، بۇ بىر ھەقىقەت.

رۇشەن چاقىر 1962-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 1985-يىلى «نۇقتا» گېزىتىدە مۇخبىر بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان. ھازىرغىچە «تەمپو»، «جۇمھۇرىيەت»، «مىللەت» گېزىتلىرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئارقىدىن «CNN türk», «n t w» تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئىشلىگەندىن كېيىن 2016-يىلى «مەدياسكوپە» نامىدا ئۆزىنىڭ تور ئاخبارات ئورگىنىنى قۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت