«شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-10-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ ئارىلىقىغا سېلىنغان «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر.
ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ ئارىلىقىغا سېلىنغان «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر.
REUTERS

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىمۇ «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ماۋزۇلۇق دوكلات ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى، ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تەھرىرلىكىنى قىلغان، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى تەشكىللىگەن مەزكۇر دوكلاتنى تۈركىيەدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ۋە ھازىرمۇ دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان تەتقىقاتچىلاردىن مەمەت توختى ئاتاۋۇللا، مەۋلان تەڭرىقۇت، نۇرەتتىن ئىزباسار ۋە ياقۇپ مەمەت قاتارلىقلار يازغان.

مەزكۇر دوكلات: «كىرىش سۆز، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دۇنياۋىلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە دۇنياغا تاقىۋېتىلگەن رايون-شەرقىي تۈركىستان، جازا لاگېرلىرى، خىتاينىڭ تېررورلۇق ئۇقۇمى ۋە ئاتالمىش تېررورغا قارشى كۈرىشى، چەتئەلدىن شەرقىي تۈركىستانغا قايتقان ياكى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا سالغان تەھدىتلىرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ تەرەپلىرى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارانىڭ كۈن تەرتىپىگە چىقارغان مۇھىم ئامىللار، تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟» قاتارلىق بىريۈرۈش تېمىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر بىر تېما تەپسىلىي مەزمۇنلار بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.

بۇ دوكلاتنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە تەھرىرلىگەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوكلاتتا بايان قىلىنغان مەزمۇنلار ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات ناھايىتى چوڭ بىر ئەمگەكنىڭ نەتىجىسى. ياشلىرىمىز يازلىق تەتىل بويىچە يېزىپ كۆپ تەر تۆكتى. دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى سىياسىي، تارىخىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن يورۇتۇلدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى دەلىل ۋە پاكىتلىرى بىلەن بايان قىلىندى. بۇ دوكلات ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە تايىنىپ يېزىپ چىقىلدى، شۇڭا دوكلاتنى ئوقۇغان كىشى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولالايدۇ».

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى مەزكۇر دوكلاتنى تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-جەمئىيەت، پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن تەييارلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى باش كاتىپى نۇرەتتىن ئىزباسار ئەپەندى ئۆزىنىڭ دوكلاتنىڭ كىرىش كۆز قىسمى، جازا لاگېرلىرى ۋە خاتىمە قىسمىنى يېزىپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ يىل خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان مەمەت توختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى «خىتاينىڭ تېررورلۇق چۈشەنچىسى ۋە ئاتالمىش تېررورغا قارشى كۈرىشى» ماۋزۇسى بىلەن «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ تەرەپلىرى» ماۋزۇلۇق قىسىملىرىنى يېزىپ چىققان. ئۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

سابانجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ياقۇپ مەمەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ 3 قىسىمنى يازغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىستانبۇلدىكى ئىبنى-خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى دوكلاتنىڭ ئىككى قىسمىنى ئۆزىنىڭ يازغانلىقىنى بايان قىلدى

تۈركىيەدىكى «سائادەت» پارتىيەسى، «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى» ۋە بەزى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن سىرت ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ تارقاتقانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت