ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ: «تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بىرلەشمە خىتابنامە ماقۇللىنىشى كېرەك»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-10-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرغان «شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە زۇلۇمغا قارشى ئاڭ-چۈشەنچىلەرنى ئاشۇرۇش» تېمىسىدىكى يىغىندا مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 18-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل.
«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرغان «شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە زۇلۇمغا قارشى ئاڭ-چۈشەنچىلەرنى ئاشۇرۇش» تېمىسىدىكى يىغىندا مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 18-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

18-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدا «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە زۇلۇمغا قارشى ئاڭ-چۈشەنچىلەرنى ئاشۇرۇش» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۇيۇشتۇردى.

بۇ يىغىنغا «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىدىن سىرت يەنە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە سابىق باش مىنىستىرى ۋە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتۇپ، زۇلۇمغا قارشى سۈكۈتتە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ باشلىرى ئىگىلسە بىزنىڭ يۈرىكىمىز ئازابلىنىدۇ»، دېدى.

ئۇ يەنە پۈتكۈل پارتىيەلەر ۋە ھۆكۈمەتكە چاقرىق قىلىپ، تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مەخسۇس بىر خۇسۇسىي يىغىن چاقىرىش ۋە پۈتكۈل پارتىيىلەرنىڭ ئىمزاسى بىلەن بىرلەشمە خىتابنامە ماقۇللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ قاتارلىق كىشىلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىدە ئىنسانلار ئەسسالامۇئەلەيكۇم دېيىشتىن قورقىدىغان ھالغا كەلدى. بۇ مەسىلە بىزگە ناتونۇش ئەمەس، بۇ، بىز سۆزلەۋاتقان تىلىمىزغا يات ئەمەس. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە چۈشكەن ھەر بىر ئوت ئانادولۇدىكى ھەر بىر ئۆيگە چۈشكەنگە ئوخشاش. تونۇلغان مەلۇم بىرلىرى سۈكۈت قىلسىمۇ، ئەمما بىز بۇ مەسىلىلەرگە سۈكۈت قىلمايمىز».

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئالدىدا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «بۇ مەسئۇلىيەت، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ پاسسىپ بولۇشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەن بېيجىڭغا كۆپ قېتىم بارغان، خىتايلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، مەن ئۇلارغا ھەمىشە: خىتايلار بىلەن تۈركلەر ئىككى چوڭ مەدەنىيەت قۇرغۇچىسى، دېگەن ئىدىم. بىز ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇپ ھەربىر مەسىلە توغرىسىدا پاراڭلىشىمىز، بىز باراۋەرلىك بىلەن سۆزلىشىمىز. ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش سۈپىتىدە سۆزلىشىمىز. مەن خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگەتكەن بىر ئاكادېمىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاي مەدەنىيىتىنى ھۆرمەتلەيمەن، ئەمما بىز ھۆرمەتلەيدىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ بىزنىمۇ ھۆرمەتلىشىنى كۈتىدىغانلىقىمىزنى بىلىشى كېرەك. بىز ھۆرمەتلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىزنىمۇ ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يېقىندا ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەقىقەتەن ئېچىنارلىق. 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە بىز ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاسلارنى بەرگەنىدۇق، ئەمما بىز 2010-يىلى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزمەي تۇرۇپ جۇمھۇرىيەت كۈنىمىزنى ئۈرۈمچىدە تەبرىكلىدۇق. بۈگۈن ئۇ يەردىن كېلىۋاتقان خەۋەرلەر 2009-يىلىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېچىنارلىق. ئەمما 2009-يىلى، تۈركىيە ئاۋاز چىقاردى، شۇ ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىر بولغان ئەردوغان، خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. ھازىر بولسا سۈكۈت قىلدى ۋە ھەتتا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە بولسىمۇ ۋەقەلەرنى كۆزىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى».

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار شۇكى، تۈركىيە پارلامېنتى دەرھال شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مەخسۇس بىر خۇسۇسىي يىغىن چاقىرىپ توپلىنىشى كېرەك ۋە پۈتكۈل پارتىيەلەرنىڭ ئىمزاسى بىلەن بىرلەشمە خىتابنامە ماقۇللىنىشى كېرەك. ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن ۋە بىرلەشمە خىتابنامە ئېلان قىلىنغان بولسا. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەنقىدلەنگەن ۋە ئامېرىكا-خىتاي ئورتاق كومىتېتىنىڭ يىغىنلىرىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلگەن بولسا، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بىرىنچى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىسى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىش ۋە بىرلەشمە خىتابنامىنى دەرھال قوبۇل قىلىشى كېرەك!».

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە پارلامېنتى ئەزالىرىنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خىتابنامىگە ئىمزا قويۇشتا پارتىيە بۇيرۇقلىرىغا ئەمەس قەلبلىرىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىردى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە پارلامېنتقا سۇنۇلىدىغان تەكلىپكە ياق دېيىشكە جۈرئەت قىلمىسۇن!»، دەپ تەكىتلىدى.

ئەخمەت داۋوتئوغلۇ سۆزىدە يەنە، بۇ مەسىلىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ باش مىنىستىر بولغان دەۋردە باشقا دۆلەتلەرگە قاپسىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىن ئىنسانلارنى تۈركىيەگە قانداق ئېلىپ كەلگەنلىكىمىزنى بىلىمەن. بەزى كىشىلەر ئاۋازلىرىنى چىقىرىۋاتاتتى. ئەمما بىز ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن تۈركىيەگە كېلىشتە مۇھىم رول ئوينىدۇق. بۇ ئىشنى جىمجىت بىر شەكىلدە ئېلىپ بارغانىدۇق. يەنە ئوخشاشلا دىپلوماتىيەدىن پايدىلىنىپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى 1948-يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە خىتاينىڭمۇ ئىمزا قويغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ 30 ماددىسىنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ چىقتىم خىتاي ئۇ 30 ماددىنىڭ ھەممىسىگە خىلاپلىق قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان كەڭ زېمىنلىرى بىلەن خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك رايون. ئىنتايىن مول مىنېرال ماددىلار، سۇ، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بار. شۇڭلاشقا ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەردىن بىئارام بولىدۇ».

يىغىندا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت-پائالىيەتلىرىدىن مەلۇمات بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى شۇنداقلا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا قانداق كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن ئوتتۇرىغا چىققان نەتىجىلەر توغرىسىدا توختالدى ۋە ئەمەلىي مىساللارنى كۆرسەتتى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۈرۈۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە باشقا بىر سىياسىي پارتىيىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇشىنى قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەدە مەيلى ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇۋاتقان پارتىيە بولسۇن، مەيلى باشقا سىياسىي پارتىيەلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىن زالىدىكى ئۈستەللەرگە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بايراقلىرى قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرى قويۇلمىغانىدى. بۇ ھەقتە دوكتور ئەركىن ئەكرەم يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىدىن سوئال سورىغان. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر، بۇ يىغىننىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك يىغىن بولغاچقا تەرەپسىزلىكنى ئاساس قىلىپ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى قويمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئەركىن ئەكرەم: «شەرقىي تۈركىستان نامىدا يىغىن ئېچىپ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئاسماسلىقنى بىر مەسىلە» دەپ باھا بەردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت