تۈركىيەنىڭ 3 ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 3 پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى 5-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا خىتاينى ئەيىبلىدى. 2019-يىلى 5-دېكابىر. ئەنقەرە، تۈركىيە.
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى 5-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا خىتاينى ئەيىبلىدى. 2019-يىلى 5-دېكابىر. ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى دۇنيادا كۈن تەرتىپىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەدىمۇ كۈن تەرتىپكە كەلمەكتە.

تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى 5-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا سۆزلەپ، خىتاينى ئەيىبلىدى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى. 

«ئۇيغۇر 2019» ناملىق قانۇن لايىھەسى 3-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ تۈركىيەدىكى «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغانىدى. مەزكۇر قانۇننىڭ ماقۇللانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرگە تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ كەڭ-كۆلەمدە ئورۇن بەردى. ئارقىدىنلا 5-دېكابىر كۈنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا سۆزلەپ، 600 پارلامېنت ئەزاسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى. 5-دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا رايونىغا جايلاشقان قىرىقلارئەلى ۋىلايىتىنىڭ قىرىقلارئەلى شەھىرىدىكى «تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى» مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئارقىدىن بۈگۈن يەنى 6-دېكابىر كۈنى مەزكۇر تەشكىلات «شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولىۋاتىدۇ؟» تېمىسىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 6-دېكابىر كۈنى ئاخشام ئەنقەرەنىڭ پولاتلى رايونىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دوكلات بەردى. 

پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىندا قىلغان سۆزىدە دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك رەئىس، قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، ئانا يۇرتىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. نۇرغۇن خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىمى چىدىغۇسىز دەرىجىگە يەتكەن. ئۈستى ئوقۇق تۈرمىگە ئايلانغان شەرقىي تۈركىستاندا، قېرىنداشلىرىمىز ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشماقتا. ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن جازا لاگېرلىرىنى قۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردە ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان ئۇسسۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشقا تىرىشماقتا. 21-ئەسىردە ھەر قايسى دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى توختىتىشى كېرەك».

ئۇ، سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى. 

6-دېكابىر كۈنى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەنىڭ قىرىقلارئەلى ۋىلايىتىگە بېرىپ ئىككى پائالىيەتكە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى قىرىقلارئەلىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 

ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى مەتبۇئات بايانات بېرىش يىغىنىدا قىرىقلارئەلى ۋىلايىتى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى رەئىسىنىڭ مەتبۇئات باياناتىدا خىتاينى ئەيىبلەپ، تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغانلىقىنى بايان قىلدى. 

6-دېكابىر كۈنى ئاخشام قىرىقلارئەلى ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەرگەن. ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. 

قىممەتلىك راديو ئاڭلىغۇچىلار، 6-دېكابىر كۈنى ئاخشام ئەنقەرەنىڭ پولاتلى رايونىدىكى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ شۆبىسىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. 

ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش تۈركىيەدە كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى كىشىلەرنى ئويغا سالماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت