ئىستانبۇلدا «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىستانبۇلدا «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىندا ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 9-دېكابىر، تۈركىيە.
ئىستانبۇلدا «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىندا ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 9-دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

9-دېكابىردىكى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە ئىستانبۇلدىكى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ھۈررىيەت ۋە قانۇن كۇلۇبى، تۇران تەتقىقاتلىرى جەمئىيىتى ۋە تەك بايراق جەمئىيىتى قاتارلىق تۆت ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئالاقىدار مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنغا «كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكلىرى» دەپ تېما قويۇلغان ئىدى.

يىغىندا ئادۋوكات ھەسەن بەسرى پەھلىۋان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئابدۇللاھ ئوغۇز، پروفېسسور راگىپ قۇتاي قاراجا، ئەركىن ئالىپتېكىن، دوكتور ئۆمەر قۇل، پروفېسسور سالىھ ئاينۇرال قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ئۇلار خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكلىرى توغرىسىدا ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ماقالىلىرىنى تەقدىم قىلدى.

3 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىندا تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇھىم تېمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان جازا لاگېرلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسەتلىرى، يېڭى يىپەك يولىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قەرز بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى قانداق بوي سۇندۇرۇۋاتقانلىقى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور ھەسەن بەسرى پاھلىۋان ئەپەندى، كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى ئەلۋەتتە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى بولۇپ، بۇ ھوقۇق چوقۇم قوغدىلىشى، كۆزىتىلىشى، نازارەت قىلىنىشى كېرەك. بۈگۈنكى بۇ مۇھاكىمە يىغىندا خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا قارشى سىياسەتلەرنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، خىتاينىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھەق-ھوقۇقلىرى، قىيىن-قىستاققا ئۇچرىماسلىق، پىكىر-قاراشلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەش، كىشىلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى بىلەن ياشاش دېگەنگە ئوخشاش ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. خىتاي بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، تېخى جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن، ھېچ بىر جىنايىتى بولمىغان، كەلگۈسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا. ئۇلارغا ئېھتىماللىق جىنايەتلىرىنى ئارتىپ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا دۇنيانى نومۇس قىلدۇرغان گېرمان ناتسىستلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە جازا لاگېرلىرى قۇرۇپ، ‹قايتا تەربىيەلەش›، ‹كەسىپ ئۆگىتىش› دېگەن ئاتالمىش ناملار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى، مىللىيەتلىكىنى، ۋە مەدەنىيىتىنى، شۇنداقلا پۈتكۈل قىممەت قاراشلىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

دوكتور ھەسەن بەسرى پاھلىۋان ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز بىلەن دىنى جەھەتتە، مىللىيەتلىك، مەدەنىيەت ۋە ئورتاق كۆز-قاراش جەھەتتە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىز بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىشىغا قارىتا سۈكۈت قىلىشىمىزنىڭ ھېچ ئورنى يوقلۇقىنى تەكىتلەيمەن.»

يىغىندا خوڭكوڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان ئۆمەر قۇل مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھادىسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاقتىمىزدا بەزى مەسىلىلەرنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىمىزنى ھېس قىلماقتىمىز. بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش جەريانىدا خىتاينىمۇ چۈشىنىشكە، تەتقىق قىلىشقا، كۆزىتىشكە ۋە ياكى مۇزاكىرە قىلىشقا كۈچىگەن بولساق، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى تەدبىرلىرىمىزنى ئالالىغان بولاتتۇق. ئەپسۇس، بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان بولساقمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.»

يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى توغرىسىدا سۆز قىلغان پروفېسسور، دوكتور سالىھ ئاينۇرال ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت جەھەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلى ۋە قازاق تىلى بىلەن دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەر بار ئىدى. بىراق يېقىندىن بۇيان ئۇ مەكتەپلەر بىر بىرلەپ تاقىلىشقا باشلىدى. ئوخشاش شەكىلدە شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتاي تىلى ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. خىتايچە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار كەلتۈرۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا دىنىي جەھەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆپىنچە مەسچىتلەر جامائەت يوق تاشلىنىپ قالدى، نۇرغۇن تارىخىي مەسچىتلەر چېقىلىپ، پۈتكۈل تۈرك مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى يوق قىلىنماقتا. خىتايلار شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن جازا لاگېرىغا قامالغان ئائىلىلەرنىڭ ۋە ياكى تۈرمىگە سولانغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى يېتىمخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلىمەكتە. بۇ شەكىلدە داۋام قىلىدىغان بولسا، قىسقا بىر زامان ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان ۋە ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ئازلاپ كېتىدۇ. ھەتتا پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزلەر بۇ بىپەرۋالىقىمىزنى تاشلاپ، كۆزىمىزنى ئېچىشىمىز كېرەك».

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ يىغىندا ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ قەدىمكى زاماندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان مەدەنىيىتى، پەلسەپىسى، ۋە كىشىلىك ھوقۇققا بولغان پوزىتسىيەسى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى خىتاينىڭ 400 بەتتىن ئارتۇق مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇشى بىلەن ھېچ كىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدىكى بۇ ئەھۋاللارنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى، دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن، ئۆزىنى تۈرك دېگەن، ئۆزىنى ئىنسان دەپ ئاتىغان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەرگە ئاۋاز چىقىرىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت