10-دېكابىر كۈنى تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىلىق كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكىسى پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈش.
تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكىسى پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈش.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈنسايىن كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى كۆپەيمەكتە. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن دوكلات بېرىش، مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

10-دېكابىر كۈنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدىكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا «شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئەنقەرەدىكى قۇغۇلۇ باغچىسىدا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان كادىرلار ئۇيۇشمىسى باشچىلىقىدا 8 تەشكىلات بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر پائالىيەتكە سابىق پارلامېنت ئەزاسى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

10-دېكابىر كۈنى قەيسەرى، بىتلىس، كاستامونۇ، قىرىقلارېلى، ئەسكىشېھىر ۋىلايەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىدا مەتبۇئات باياناتى بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى 9-دېكابىر كۈنى ئافيوندىكى قوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 10-دېكابىر كۈنى ئىزمىردىكى تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

10-دېكابىر كۈنى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىدا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى رەئىسى رەمزى چايىر ئەپەندى بىلەن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دوكلات بەردى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا بەرگەن دوكلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئەنقەرەدىكى قۇغۇلۇ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 400 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. نامايىشتا كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى. بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان زاكىر ھاجى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئافيون ۋە ئىزمىردا بەرگەن دوكلاتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئەنقەرەدىكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 2014-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى رەمزى چايار ئەپەندى بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تەشكىلاتىمىز 2014-يىلى قۇرۇلدى. شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن خەۋەرلەر بىزنى بەكلا ئېچىندۇرىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى تىراگېدىيەلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا قولىمىزدىن كەلگەنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. بۇ توغرىدا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىمىز.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت