تۈركىيەدە ئۈچ ئۇيغۇر ئايال كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ۋاپات بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-11-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كورونا ۋىرۇس مەزگىلىدىمۇ جاپادىن قورقماي كۈرەش قىلىش روھىغا ئىگە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىمۋولىغا ئاتاپ سىزىلغان كارتون.
كورونا ۋىرۇس مەزگىلىدىمۇ جاپادىن قورقماي كۈرەش قىلىش روھىغا ئىگە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىمۋولىغا ئاتاپ سىزىلغان كارتون.
Yettesu

يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ بارماقتا، بۇنىڭغا ئەگىشىپ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىمۇ كۆپلەپ يۇقۇملىنىش كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئىستانبۇلدا ھەبىبىخان بوستان، زۆھرەخان ھاجىم، ئامىنەخان ھاجىم قاتارلىق ئۈچ ئۇيغۇر ئايال كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، داۋالاش ئۆنۈم بەرمەي ۋاپات بولدى.

تۈركىيەدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا سەھىيە مىنىستىىرى فاخرىتتىن كوجا ئەپەندىنىڭ تىۋېتتېر ھېسابىدىن 24-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ كۈنى تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 7381 بولۇپ، ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 161 گە يەتكەن. تۈركىيەدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 460 مىڭ 916 گە يەتكەن. توپلام ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 12 مىڭ 672 كىشى يەتكەن.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقانلارنىڭ نىسبىتى زادى قانچىلىك؟ بۇنىڭغا قارىتا قايسىي تۈردە داۋالاش ئۇسۇلى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟ ئۆنۈمى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەر ئېلىنىشى كېرەك؟ بىز بۇ ھەقتە ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تىبابىتى دوختۇرخانىسى ئاچقان، ئىلگىرى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومنىڭ سابىق مۇدىر ۋىراچى ۋە پروفېسسۇرى بولۇپ ئىشلىگەن تىۋىپ مۇتەللىپ ھاجىم ئەمچى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇتەللىپ ھاجىم ئەمچى تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئەگىشىشىپ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدىمۇ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئستاتىسكىلىق سانلىق مەلۇمات يوق ئىكەن، بىراق پروفېسسۇر مۇتەللىپ ھاجىم ئەمچى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 18 ئۇيغۇر ئائىلىسىنى دورا بىلەن داۋالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسىمۇ، ئەمما ئاشكارىلاشنى خالىماي مەخپىي داۋالىنىۋاتقان ئىكەن. ئۇلارنىڭ سانىمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

پروفېسسۇر مۇتەللىپ ھاجىم ئەمچى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يوقۇملانغان ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي تىبابەتچىلىك داۋالاش ئۇسۇلى بويىچە داۋالاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن ئىشلىتىپ كەلگەن «زۇفا شەربىتى»، «لوقى سۇئال»، «زۇكام چايلىقى»، «ھەببە غارىقون»، «كاشكاپ جەۋھىرى» قاتارلىق دورىلارنى قوللىنىپ، داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ دورىلارنىڭ ئۆنۈمى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پروفېسسۇر مۇتەللىپ ھاجىم ئەمچى كورونا ۋىرۇسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئادەم جىسمدىكى ھەر قايسىي ئەزالارنى قۇۋۋەتلىك تۇتۇش كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ بۇ كېسەلنىڭ ئالدى بىلەن ئۆپكىگە يوقىدىغان بولغاچقا، ئۆپكىنى ئاسىراش كېرەكلىكىنى، سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىملىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماسكا تاقاش، ئارىلىق ساقلاش، تازلىققا ئەھمىيەت بېرىش دېگەندەك سەھىيە ئىدارىلىرى تەۋسىيە قىلغان ھەر تۈرلۈك قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ۋاپات بولغان ئۈچ ئۇيغۇر ئايال توغرىسىدا تەزىيەنامە ئېلان قىلدى. تەزىيەنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بىرلىك ئەزالىرىدىن مۇھتەرەم ئۇستازىمىز نىياز داموللاھ ھاجىمنىڭ رەپىقىسى ھەبىبەخان ھاجىم، ھىرا ۋەخپىنىڭ رەئىسى، قېرىندىشىمىز لوقمانجاننىڭ ئانىسى زۆھرەخان ھاجىم، قېرىندىشىمىز ئادىلجان ئابدۇلكەرىمنىڭ قېينىئانىسى ئامىنەخان ھاجىم شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي ۋىروسى سەۋەبلىك ۋاپات بولغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھدىن رەھمەت ۋە مەغفىرەت تىلەيمىز. ۋاپات قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ جەننەتۇلفىردەۋستىن ئۇرۇن بەرگەي.

مۇسبىەت ئىگىلىرى ۋە ئائىلە تاۋاباتىغا ئاللاھ سەبرى ئاتا قىلغاي!»

بىز ئىستانبۇلدا كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ۋاپات بولغان ھەبىبىخان ھاجىم بوستاننىڭ ئوغلى مەخمۇتجان بوستان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مەخمۇتجان بوستان 88 ياشلىق دادىسى، دىنىي ئالىم نىياز داموللام ۋە 80 ياشلىق ئانىسى ھەبىبەخان بوستاننىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ دوختۇرخانىدا جىددى قۇتقۇزۈش بۆلۈمىدە داۋالانغانلىقىنى، دادىسى نىياز داموللامھاجىم ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئانىسى ھەبىبەخان ھاجىمنىڭ جىددى قۇتقۇزۇشتا داۋالاش ئۆنۈم بەرمەي ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەخمۇتجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى 2016-يىلى خىتاي بېسىمى سەۋەبىدىن يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئىستانبۇلغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ قىز-ئوغۇل بولۇپ 8 قېرىندىشىنىڭ ھەممىسى يۇرتى توقسۇندا قالغان ئىكەن. ئۇ ئاتا-ئانىسى گەرچە خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىستانبۇلدا يەنە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئانىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە دۇنيا جامائىتىنى بۇ ۋىرۇسنى پۈتۈن دۇنياغا يايغان خىتايغا قارشى بىر رەددىيە بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.

كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ۋاپات بولغان ئامىنە ھاجىمنىڭ كۈيۈئوغلى ئادىلجان ئابدۇلكەرىم قېينىئانىسى ئامىنە ھاجىمنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە فېيسبۇك سەھىپىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ھۆرمەتلىك جامائەت، مەن ئادىلجان ئابدىكىرىم، يېقىندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن جەمەتىم بويىچە 12 كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى. 11-ئاينىڭ 21-كۈنى قېينىئانام ئامىنە موللا 67 يېشىدا رەھمەتلىك بولدى. مەرھۇمنىڭ ماددى ئېلىم-بېرىمى بولغانلار مەن بىلەن ئالاقە قىلساڭلار بولىدۇ. مەنىۋىي ھەققى بولغانلار ئىككى دۇنيالىق ئۈچۈن مەرھۇمەدىن رازى بولۇپ كېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت