خىتاي تۈركىيەدىكى تەشۋىقات بېسىمىنى ئاشۇرماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020-03-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىغا بېسىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەر.
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىغا بېسىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەر.
RFA/Azigh

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە ئاخبارات ساھەسى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە بولغان سالمىقىنى زورايتماقتا ۋە ھەر تۈردىكى ئاخبارات خىزمىتىنى جانلاندۇرماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك تاراتقۇلىرىغا ۋە تۈرك ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق تۈركىيەدىكى خىتاي ئوبرازىنى ياخشىلاش ۋە ئۇيغۇر، خوڭكوڭ، تىبەت مەسىلىلىرىدە خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى يېيىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ ھەقتە توختالغان داڭلىق ژۇرنالىست باتۇخان چولاك ئەپەندىم «تۈركىيەدە خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ كۈچىنى ھەر جەھەتتىن تولۇق ھېس قىلىۋاتىمەن،» دېدى.

بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تۈركىيەدە خىتاي مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان خىتاي خەلقئارالىق رادىيوسىنىڭ تۈركچە قانىلى (CRTTürk)، خىتاي سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى(CRT)، «زامانىۋى يىپەك يولى ژۇرنىلى»، «‹بىر يول بىر بەلۋاغ› ئىگىلىك تىكلەش ژۇرنىلى» قاتارلىق تارتقۇلاردىن باشقا، يەنە خىتاينىڭ ئوبراز قۇرۇلۇشىغا ۋە سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى يېيىشقا ياردەم بېرىدىغان شىنخۇا، «خىتاي ھەقىقەتلىرى»، «خىتاي خەۋەر» قاتارلىق تىۋىتتېر ۋە يۇتۇپ قاناللىرى كۆپلەپ قۇرۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى سىياسىي تەشۋىقات ئورۇنلىرى بىلەن «ئايدىلىق» گېزىتىنىڭ ئىنتايىن قويۇق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكى مەلۇم. 12-دېكابىر بېيجىڭ Media Network بىلەن «ئايدىنلىق» گېزىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، كۆپ قۇتۇپلۇق ئاخبارات، ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەمكارلىشىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئاخبارات پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «ئايدىنلىق» گېزىتى ۋە «ئۇلۇسال قانال» خادىملىرىنىڭ ياردىمى ۋە پائالىيەتلىرى بىلەن ئەمەلىيلىشىدىكەن. CRTTürk رادىيوسىنىڭ خەۋەر ئىشلىرى مۇدىرى كەمال ئەردوغدۇ «ئايدىنلىق» گېزىتىنىڭ مۇھىم يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، «خىتاي تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى «‹بىر يول بىر بەلۋاغ› ئىگىلىك تىكلەش ژۇرنىلى» (BRIQ) نىڭ باش مۇھەررىرى «ئايدىنلىق» گېزىتى ۋە «ئۇلۇسال قانال» نىڭ سابىق باشقۇرغۇچىسى فىكرەت ئاكفىرىت ئىكەن.

«ئايدىنلىق» گېزىتى ۋە «ئۇلۇسال قانال» قاتارلىق خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان ئاخبارات قۇرۇلۇشلىرى ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر دوستى پائالىيەتچىلەرگە ھەر خىل بوھتان چاپلاپ، خەلققە ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. باتۇخان ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزلىرىگە يېقىن كىشىلەردىن پايدىلىنىپ بىزگە بىسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ مەزمۇندا شەرقى تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ خەۋەرلەشتۈرگەن چىغىمىزدا كۆپ مىقداردا سەلبىي ئىنكاس بىلەن تەشكىللىك ھالدا ھاقارەت قىلىپ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە بىزنى يالغۇز قويۇشقا تىرىشىدۇ. خەلققە بىزنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي خىتاي قىلغان ياكى قىلدۇرغان ئىش.»

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك شەكىلدە خىتاي تەشۋىقاتلىرىنى يايىدىغان ئورۇنلارنى ھەر جەھەتتىن ياردەم بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل تەشۋىقاتلارنىڭ مۇھىم مەقسىتىدىن بىرى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بىسىم ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئاقلاش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى تەشۋىقاتى قىلىپ كۆرسىتىش ئىكەن. داڭلىق ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى مەرۋە شەبنەم ئورۇچ خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ئامېرىكا خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن قوللىنىۋاتىدۇ. لېكىن خىتاينىڭ قىلغانلىرىنىڭ يېنىدا ئامېرىكانىڭ قىلىۋاتقان تەشۋىقاتى ھېچنېمە ئەمەس. ئەپسۇس، خىتاينىڭ سىياسىي تەرغىباتلىرى ئاخبارات ئۇرۇشىدا غەلىبە قازىنىۋاتىدۇ. ھەتتا تۈركىيەگە ئوخشاش بىر دۆلەتتىمۇ خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىنغان زۇلۇمنىڭ ئورنىغا ‹ئامېرىكالىقلار بۇنى تارقىتىۋاتىدۇ، بۇلار ھەقىقىي ئەھۋال ئەمەس› دېگەندەك قاراشنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ كۈچىنىڭ ئامېرىكاغا قانچىلىك يېقىنلاشقانلىقىنى بۇ جەھەتتىن كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ. كۆپ ئەپسۇس، بۇ ئەھۋالنى شەرقىي تۈركىستانغا زىيانلىق دەپ قارايمەن.»

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان «‹بىر يول بىر بەلۋاغ› ئىگىلىك تىكلەش ژۇرنىلى» (BRIQ) نىڭ مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىگە ئەزا بولغان داڭلىق تىجارەتچى، ئاق پارتىيەنىڭ مەركىزى قارار مەمۇرى ئورگىنىنىڭ بۇرۇنقى ئەزاسى، BMC باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەتھەم سانجاك ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە.

تۈركىيەدىكى خىتاي تارتقۇلىرى ياكى خىتاي مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان خىتاي ئاۋازى ئاخبارات قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مۇھىم مەقسەتلىرىدىن يەنە بىرى «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش ۋە سىياسىي تەشۋىقاتلارغا ماسلاشتۇرۇش بولۇپ، مەخسۇس يىپەك يولى تېمىسى ئاستىدا سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى يۈرگۈزمەكتە ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ھەمكارلىقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا ماسلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە.

باتۇخان چولاك ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ‹يېڭى چاغ› گېزىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ياكى ئۆزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۈنتەرتىپكە ئىلىپ كېلەلەيمىز. لېكىن ئىنتايىن ئەپسۇس، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلىپ ئېيتقاندا، تۈرك تاراتقۇلىرىدا بۇ خىل سەزگۈرلۈكنى ۋە تىرىشچانلىقنى كۆرۈش ئىنتايىن تەس. بۇ خىتاينىڭ تۈرك ئاخباراتچىلىقىدا تەسىر كۈچىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەھەتتىن ھازىرقى ھۆكۈمىتىمىز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق ھەمكارلىقلار ۋە سىياسەتلەر مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. قىسقىسى، تۈركىيەدە ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنسېرى ئاجىزلاۋاتقان پەيتتە خىتاي ياكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئوخشاش تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى ياكى ئاق پارتىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان مەزمۇنلار ھەققىدە توختىلىشنى ھېچكىم خالىمايدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، پەقەت خىتاينىڭلا بېسىمى ئەمەس، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان يېقىنلىقى سەۋەبىدىن مەۋجۇت سىياسىي قۇرۇلمىنىڭ بېسىمىنىمۇ ھېس قىلىۋاتىمىز.»

2008-2009-يىللاردىكى BBC نىڭ ئەلرايى سېلىشتۇرما تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، تۈركىيە خىتايغا بولغان كۆز قارىشى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە تۈركىيەنىڭ خىتايغا بولغان ئىجابىي كۆز قارشى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن «7-ئىيۇن ۋەقەسى» مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى دەپ قارىلىدىكەن. كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلاش، خىتاينىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش ۋە «بىر يول بىر بەلۋاغ» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتى بىلەن تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە بولغان مەبلەغ ۋە سالمىقىنى كۈچەيتكەن ۋە داۋاملىق كۈچەيتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت