لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: «يۈرىكىمدىن ھازىرغىچە قان ئاقىدۇ» (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-05-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2018-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى لاگېردىن ھايات قۇتۇلغان ئۇيغۇر شاھىت تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن.
2018-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى لاگېردىن ھايات قۇتۇلغان ئۇيغۇر شاھىت تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن.
RFA/Gülchéhre

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان ئۈچ يىل مابەينىدە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىقالىغان شاھىتلار خىتاينىڭ تەھدىت ۋە بېسىملىرىدىن قورقماي خەلقئارا جامائەتكە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلدى ھەمدە خىتاينىڭ ئىنسانىيلىققا قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا قارشى يېتەرلىك بېسىم پەيدا قىلالمىدى، لاگېرلارمۇ تاقالمىدى. بەلكى كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن خەلقئارانىڭ دىققەت نەزىرى بۇ نۇقتىدىن بۇرۇلۇپ كەتتى.

مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن بۇ يىل 29-ئاپرېل يۇتۇب قانىلىدا ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى. شۇندىن كېيىن بۇ ۋىدېيونىڭ تاراتقۇلاردا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قايتىدىن قوزغىغانلىقى مەلۇم.

تۇرسۇنئاي بۇ ۋىدىيودا ئۆزىنىڭ قازاقىستانغا چىقىش ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە لاگېردا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدىكى ۋەدىنامىگە قول قويۇپ بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالتە قېرىندىشىنى خىتاينىڭ گۆرۆگە ئېلىۋالغانلىقىنى، ئەمما قازاقىستانغا كەلگەندىن كېيىن لاگېردىكى قاباھەتلىك كەچمىشلىرىنى ھېچ ئۇنتۇيالمىغانلىقىنى، ھەر قېتىم ئۇنى ئەسلىگىنىدە يۈرىكىنىڭ قان يىغلايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

تۇرسۇنئاي لاگېردا قانداق زۇلۇملارغا، ئىنسانىيلىققا يات قىلمىشلارغا ۋە قىيىن-قىستاقلارغا شاھىت بولدى؟ ئۇ تا ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايدىغان قانداق ئازابلىق كەچمىشلەرنى باشتىن كەچۈردى؟ بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلدۇق. بۇ قېتىملىق زىيارەتتە تۇرسۇنئاي خىتاينىڭ لاگېردا ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرى، بولۇپمۇ ئاياللارنى قانداق قەبىھ ئۇسۇلدا خورلىغانلىقى ۋە لاگېردىن چىققاندىن كېيىنكى كەچمىشلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئېرى قازاق بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى يولدىشى بىلەن بىرگە قازاقىستاندا ياشىغانلىقى ئۈچۈن گۇمانلىق دەپ قارىلىپ، 2017-يىل 4-ئايدا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» گە يىغىۋېلىنغان. بۇ يەردە ئۇ چوشقا گۆشى يېيىشكە، ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلانغان، ئىككى ئاي تۇرۇش جەريانىدا ئاشقازىنى ئېغىر دەرىجىدە ياللۇغلىنىپ كېسەل بولۇپ قالغان. دوختۇرخانىدا بىر ھەپتە يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلۇپ، «ئۆي قاماق» تا ياشىغان

تۇرسۇنئاي 2018-يىلى 3-ئايدا ئىككىنچى قېتىم لاگېرغا سولانغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ لاگېر بۇرۇنقى «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن ئۆزگەرتىلگەن قاماقخانا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەسلىھەلەر پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، خىتاي غالچىلىرى تېخىمۇ قەبىھلىشىپ كەتكەن. ئۇ بۇ يەرگە تۇنجى كىرگەن كۈنى يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق ۋەقەلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «2018-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بۇيرۇق چۈشۈپ، 10-كۈنى بىزنى لاگېرغا ئېلىپ كەلدى. شۇنى كۈنى چوڭ ئىش (تۇتقۇن) بولغانىكەن، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ جايلاشقان تالدى، ئارالتۆپە دېگەن يېزىلىرىدىن ئادەم توشۇپ كەلگەن چوڭ ئاپتوبۇستىن ئالتە ئاپتوبۇس قاتار تىزىلىپ تۇراتتى. مېنى ئەكىرىپ بىر ياققا تۇرغۇزۇپ قويدى. كىملىكىمنى چىقاردىم، كېسەللىك ئىسپاتىمنى كۆرسەتتىم. ئۇلار ئادەملەرنى تەكشۈرۈپ، تۈگمىلىك ياكى سېرتمىلىق كىيىملىرى بارلىرىنى يەشتۈرۈپ، چەملىك ئاياغلىرى بارلىرىنى سالدۇرۇپ، ئاندىن لاگېرغا كىرگۈزىدىكەن. بۇ ئارىدا بىر موماينى ئېلىپ كىرىپ تەكشۈردى. شۇنچە خەقنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ تۈگمىلىك پوپايكىسى بىلەن ئۇزۇن كۆينىكىنى مەجبۇرىي سالغۇزۇپ، ياغلىقىنى بېشىدىن يۇلۇۋالدى. بىچارە موماي قارشىلىق قىلىپ باقتى، ئەمما ئۇلار ئۇنىڭغىمۇ قارىمىدى، پەرىشتە سۈپەت بىر موماينى بىر دەمدە ‹جىن› غا ئوخشىتىپ قويدى. ئاندىن ئۇ موماينى يالىڭاچلاپ خەقنىڭ ئالدىدا خورلىدى. ئۇ موماينىڭ پەقەت ھەرەمگە بېرىشقا تىزىملىتىپ قويغانلا ‹گۇناھى› بار ئىكەن.»

تۇرسۇنئاينىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ساقچىلار ئالتە ئاپتوبۇستىكى ئادەمنى چۈشۈرۈپ، ئەرلەرنى بىر ياققا، ئاياللارنى بىر ياققا ھەيدەپ ماڭغان؛ ئاياللارنىڭ پەريادى، بالىلارنىڭ يىغا-زارىسى گويا قىيامەت مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان.

ساقچىلار تۇرسۇنئاينى قاتمۇ-قات ئىشىك ۋە بەلگىلەنگەن سىزىقلاردىن ئۆتكۈزۈپ بىر كامېرغا قامىغان، ئۇ بۇ كامېرغا كىرگەندە ئىچىدە ئون ئايال بار بولۇپ، ئارقىدىن ھېلىقى موماينىمۇ بۇ كامېرغا ئەكىرىپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قىيىن-قىستاق ۋە ئازابقا تولغان دەھشەتلىك كۈنلىرى باشلانغان

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن غۇلجانىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىن بولۇپ، 1978-يىلى تۇغۇلغان. 2008-يىلى 6-ئايدا بۇ ناھىيەدىكى خالمىرزا خالىق ئىسىملىك قازاق دوختۇر بىلەن توي قىلغان. تۇرسۇنئاي ئېرى بىلەن بىرلىكتە 2011-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان ۋە بىر ئوغۇللۇق بولغان؛ ئېرى قازاقىستان پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئۆزى ئۇيغۇر بولغىنى ئۈچۈن رەت قىلىنغان. تۇرسۇنئاي 2016-يىلى 11-ئايدا تۇغقانلىرىنى يوقلاش ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقاندا پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، 2017-يىل 4-ئايدا كۈنەستىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» گە يىغىۋېلىنغان، 2018-يىل 3-ئايدا لاگېرغا قايتا قامالغان. قازاقىستاندىكى ئېرىنىڭ قايتا-قايتا يول مېڭىشى بىلەن 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. 2019-يىلى 26-سېنتەبىردە قازاقىستانغا كىرگەن. شۇندىن بۇيان ئۇ لاگېر شاھىتى سۈپىتىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ كەلگەن بولۇپ، قازاقىستان پۇقراسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھاياتى ھەر ۋاقىت تەھدىت ئاستىدا ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر خىل ناملار ئاستىدا 1200 ئەتراپىدا چوڭ-كىچىك لاگېر بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلق قامالغان. لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ گۇۋاھلىق بەرگەن ئۆمەر بېكئالى، مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا، سايراگۈل ساۋۇتباي قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرى ئۇ يەردىكى قەبىھ جىنايەتلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلىغانىدى. تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» بولغان ئوچۇق لاگېر بىلەن قىيىن-قىستاق ۋە جىنايەت ماكانى بولغان يېپىق لاگېرنىڭ ھەر ئىككىسىگە كىرىپ چىققان لاگېر شاھىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرى بىلىنمىگەن بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، لاگېرغا كىرگەن ھەر بىر تۇتقۇن قارىماققا ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچرىغاندەك قىلسىمۇ، باشتىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى، ئۇچرىغان خورلۇق ۋە تەن جازالىرى بىر-بىرىگە ئوخشاش كەتمەيدىكەن. يەنى ھەر بىر زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ سۆزلەپ تۈگىتەلمىگۈدەك دەھشەتلىك كەچمىشلىرى بولىدىكەن.

تۇرسۇنئاينىڭ لاگېردىكى كەچمىشلىرىگە قىزىقساڭلار، داۋامىنى كېيىنكى پروگراممىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت