تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020-08-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى.
ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى.
RFA/Azigh

يازغۇچى ۋە شائىر پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى «پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى» نامىدا شەرقى تۈركىستان ھۆرىيەت نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

«پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى» ئۈچ توپلام شەكلىدە نەشر قىلىنغان بولۇپ، توپلاملارغا دوكتور پەرھات تۇرسۇننىڭ شېئىر ۋە نەسرلىرى، ھېكايە ۋە پروزىلىرى شۇنىڭدەك ئەدەبىيات نەزەرىيەلەرگە ئائىت تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە لېكسىيەلىرى كىرگۈزۈلگەن.

دوكتور پەرھات تۇرسۇن ئۇيغۇر زامانىۋى ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرىدىكى يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى ۋە ئۆزگىچە كۆز قاراشلىرى بىلەن بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەڭ كۆپ تالاش-تارتىش قىلىنغان ۋە بەس-مۇنازىرە قوزغىغان ئەدىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

پەرھات تۇرسۇن 1969-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2011-يىلى خىتاي مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاغاتاي تىلى ۋە ئۇيغۇر فولكلورى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى سەنئەت يۇرتىدا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان. 1998-يىلى ئۇنىڭ «مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىن يۈز پارچە» ناملىق شېئىرلار توپلىمى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا پەرھات تۇرسۇننىڭ يەنە «مەسىھ چۆلى» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى بىلەن «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان.

ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى» ناملىق كىتابقا «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» رومانىنىڭ تەھرىرى، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەلانىڭ «پەرھات تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن. بىز يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دوكتور مەمتىمىن ئەلانى زىيارەت قىلدۇق‌. دوكتور مەمتىمىن ئەلا پەرھات تۇرسۇندىن ئىبارەت زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە توختىتىپ، مۇنداق دېدى: «پەرھات تۇرسۇن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بولمىغان، لېكىن بولۇشى كېرەك بولغان ساھەلەردىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ مۇشۇ ساھەلەر ھەققىدە چوڭقۇر ۋە ئۈزۈل-كېسىل ئىزدەنگۈچى، نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكۈچى ئەدىب. بۇ ساھەلەر ئۇ ئاڭ ئېقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مودېرنىزم ئەدەبىياتى ۋە كېيىنكى مودېرنىزم ئەدەبىياتىغا خاس ئۇسلۇبلارنىڭ ھەممىسىدە ئىجادىيەت ئېلىپ باردى. پەرھات تۇرسۇن مودېرنىزم ۋە كېيىنكى مودېرنىزم ئەدەبىياتى ۋە كۈلتۈرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كىرىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن مودىرنىزىملاشقان ئۇيغۇر رېئاللىقىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېگانە رولىنى ۋە ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ئابدىۋەلىي ئايۇپ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە روشەن ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرى ئاددىي كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى، رېئاللىق ئالدىدىكى چارىسىزلىقىنى، ئاجىزلىقلىرىنى، ئازابلىرىنى، تەمتىرەش ۋە يۇلقۇنۇشلىرىنى تەپسىلىي، ئىنچىكە ۋە ئۆزگىچە ئۇسۇلۇپتا ئىچىپ بەرگەن، دەپ قارايمەن.»

ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، پەرھات تۇرسۇننى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى زامانىۋى ئەدەبىيات نەزەرىيەلىرى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن ئۇچراشتۇرغان، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بېكىنمىچىلىك ۋە مۇتىئەسسىپلىككە قارشى تىنماي كۈرەش قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى دەپ قاراشقا بولىدىكەن. زىيارىتىمىز داۋامىدا دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى پەرھات تۇرسۇننىڭ دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرىدە ئۆزگە خاس ئىپادىلەش سەنئىتى بولۇش بىلەن بىرگە چوڭقۇر ئەقلىي تەپەككۇر ۋە پىشقان پسىخىك ئانالىزى مەۋجۇت دەپ قاراشقا بولىدىكەن. بىز پەرھات تۇرسۇننىڭ ئىدىيەسى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دوكتور مەمتىمىن ئەلادىن «پەرھات تۇرسۇننى بىر مۇتەپەككۇر دەپ قاراشقا بولامدۇ؟» دېگەن سوئالنى سورىدۇق. مەمتىمىن ئەلا بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بولىدۇ. پەرھات تۇرسۇننىڭ ھاياتى بويى ئۆزىگە باش قىلغان مىزانى، ئىنسانىيەتنىڭ شادلىقى ۋە ئۇلۇغلۇقىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق كېلىدىغانلىقىغا، يەنى ئەقىلنى ئىشلىتىشتىن كېلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشىنىش ۋە ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت. پەرھات ھاياتى بويى ئەقلى تەپەككۇر قىلىشتىن، يېڭى تەپەككۇر قىلىشتىن بىر سېكۇنتمۇ توختاپ قالمىغان، كەم ئۇچرايدىغان ئەدىبلىرىمىزدىن بىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تەپەككۇرلىرىدىن پەقەت چوڭقۇرلۇقنىلا ئەمەس، ئەسلىيلىكنى، ئۇنىڭغا خاس تەپەككۇرنىڭ سەمەرىلىرىنى كۆرەلەيمىز.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەرھات تۇرسۇنغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھەدىكى سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەپەندى خىتاينىڭ پەرھات تۇرسۇنغا ئوخشاش ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى يوقىتىشقا تىرىشىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «پەرھات تۇرسۇن يىراق تەكلىماكاندىن دۇنيانى كۈزەتكەن يازغۇچى، پەرھات تۇرسۇندەك بىر يازغۇچىنىڭ قاماققا ئىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىن خالىيلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رەزىل سىياسىي مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى دەپ قارايمەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ۋە جازا لاگېرلارغا قاماش سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولۇپ، نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى تۈپەيلى جازا لاگېرلىرىدا ۋە تۈرمىلەردە ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇيغۇر زامانىۋى ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ھېسابلىنىدىغان دوكتور پەرھات تۇرسۇنمۇ 2018-يىلى يانۋاردا لاگېرغا قامالغان بولۇپ، 16 يىل كېسىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت