يەكەندىكى قەدىمىي دوخان پاشا مازارلىقى جىددىي يۆتكەش تەقدىرىگە دۇچ كەلدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-09-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
يەركەن ناھىيە بازىرى باغ مەھەللە چىقارغان دوخان پاشا مازارلىقىنى جىددىي يۆتكەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى. 2019-يىلى ئىيۇل.
يەركەن ناھىيە بازىرى باغ مەھەللە چىقارغان دوخان پاشا مازارلىقىنى جىددىي يۆتكەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى. 2019-يىلى ئىيۇل.
Oqurmen Teminligen

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئائىت مازار-مەقبەرىلەرنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم، يېقىندا رادىئومىزغا كەلگەن ئىسپاتلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا دائىرىلەر يەركەن ناھىيە بازىرى باغ مەھەللە ئىجتىمائىي رايوننىڭ قارشى تەرىپىدىكى دوخان پاشا مازارلىقىنى جىددىي يۆتكەشكە باشلىغان. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر قەدىمىي مازارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يەركەننىڭ قەدىمى شەھەر سېپىلى يەنى «خانىقا دەرۋازا» سى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مەھەللىلەرنىڭمۇ چېقىپ تۈزلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئەۋەتكەن سۈرەتلىك ئۇچۇرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل-7 ئايدا يەكەن ناھىيە بازارلىق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق باغ مەھەللە كومىتېتى، باغ مەھەللىسى ئاھالە كومىتېت ئۇدۇلىدىكى دوخان پاشا قەبرىستانلىقنى يۆتكەش ھەققىدە «جىددىي ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، ئۇنى ئاھالە كومىتېت قورۇسى ۋە مەھەللە ئىچىدىكى ئاممىۋى سورۇنلارغا چاپلاپ قويغان. ئۇقتۇرۇشتا دوخان پاشا قەبرىستانلىقنىڭ ئودانلىق يېزىسى 12-كەنت ‏-4 قەبرىستانلىققا يۆتكىلىدىغانلىقى، قەبرە ئىگىلىرىنىڭ 2019-يىلى-7-ئاينىڭ-7 كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، يەنى ئىككى ھەپتىگىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە جەسەت سۆڭەكلىرىنى يۆتكەپ كېتىشى، ۋاقتىدا يۆتكىمىگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

بىز بۇ ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، يەركەن دائىرىلىرى ۋە بازارلىق باغ مەھەللە كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، دوخان پاشا قەبرىستانلىقىنى كۆچۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرىنى سوراشقا تىرىشتۇق، ئەمما مەھەللە بىر قانچە كۈنلۈك ئۇرۇنۇشلىرىمىز جەريانىدا گەرچە باغ مەھەللە كومىتېتىدىن ئاخىرى بىر خىتاي خادىم تېلېفوننى ئالغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى تەكرارلىغاندىن باشقا جاۋاب بەرمىدى.

يەركەن ناھىيەلىك پىلان كومىتېتىغا ئۇلانغان تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن خىتاي خادىمدىن يەركەن ناھىيە باغ مەھەللىدىكى دوخان پاشا مازارلىقىنى يۆتكەشنىڭ سەۋەبى ۋە بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش پىلانلىرى ھەققىدە سورىدۇق، بىراق بۇ خادىم بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. خەلقنىڭ قەبرە كۆچۈرۈشكە بولغان ئىنكاسلىرىنى بىلىش مەقسىتىدە، مازار ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ تېلېفونلار ئۇلانمىدى.

يەركەن ئۆزىدىكى ئاممىدىن مەزكۇر مازارلىق ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك بىز يەكەندىن چەتئەللەرگە كۆچۈپ چىققان مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئارقىلىق تولۇقلىما مەلۇماتلار ئېلىشقا تىرىشتۇق. يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەگە كۆچۈپ چىققان يەكەنلىك تىجارەتچى ئۇيغۇرلاردىن بىرەيلەن ئاۋازى ۋە ئىسمىنى يوشۇرۇپ قېلىش شەرتى بىلەن دوخان پاشا مازىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەر ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى ئورتاقلاشتى.

بۇ كىشى ئۆزىنىڭمۇ ئىلگىرى باغ مەھەللىدە ئۆيى بولغان ۋە ئۇ ئەتراپتا ئۆي-مۈلۈك سودىسى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئەتراپنى ياخشى بىلىدىكەن. ئۇنىڭ گوگۇل خەرىتىسى ۋە بىر قىسىم سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشىچە، يەكەن بازىرى يەكەننىڭ قەدىمىي مەھەللىلىرى جايلاشقان دائىرە بولۇپ، باغ مەھەللە كومىتېتى بولسا بۇنىڭ مەركىزىدىكى مەھەللە رايونى. كۆچۈرۈلمەكچى بولغان دوخان پاشا قەبرىستانلىقى باغ مەھەللە قەبرىستانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، باغ مەھەللە كومىتېتىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىكەن.

ئۇ، گوگۇل، بەيدۇ قاتارلىق تور خەرىتە سەھىپىلىرىدىن ئورۇن بەلگىلىشى نەتىجىسىدە تاپقان سۈرەتلەردىن دوخان پاشا مازارلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تۇرالغۇ ئۆيلەر چېقىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى. چېقىپ تۈزلەنگەن بۇ تەۋەلىكتە جەمئىي تۆت مەسچىت ۋە ئىككى مازارلىق بار ئىكەن. بۇ مازارنىڭ بىرى دەل دوخان پاشا مازارلىقى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىگە قارىغاندا چېقىلغان بۇ رايوندا تەخمىنەن 1000دىن ئارتۇق شەخسىي تۇرالغۇ بار ئىكەن.

بۇ ئۆيلەر يەكەن ناھىيە بازىرىنىڭ كونا شەھەر رايونى تەۋەلىكىدە بولۇپ، شىمال تەرىپى 1000 يىللىق تارىخقا ئىگە يەكەن جامى مەسچىتىگە 500 مېتىرلا كېلىدىكەن.

يەنە شىمال تەرىپى يەنە ھازىرقى خەلق باغچىسىغا پەقەت 30 مېتىر كېلىدىغان يېڭى ياسالغان يول بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىكەن. بۇ يەرنىڭ شەرقى ٫جەنۇبى ۋە غەربىي تەرەپلىرىدىكى مەھەللىلەرمۇ يەكەننىڭ قەدىمى شەھەر سېپىلى ئىچىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، گەرچە سېپىل ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان ئاساسەن چېقىلىپ بۇزۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرمۇ بۇ سېپىلنىڭ بەزى ئىزلىرى ساقلانغان. يەرلىك خەلق دەل مۇشۇ ئەتراپنى يەكەن شەھەر سېپىلىنىڭ جەنۇبتىكى دەرۋازىسىنى ئەسلىدىكى قەدىمى نامى بىلەن يەنى «خانىقا دەرۋازىسى» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە ئىكەن.

بۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، يەنە مەزكۇر مەھەللىدە سەئىدىيە دەۋرلىرىدە بەرپا قىلىنغان بىر گۈل باغچىسى بولغانلىقى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە نۇرغۇن ئامۇتلۇق، ئانارلىق باغلار بولغانلىقى، مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاتا مىراس قورۇلىرىمۇ ئاساسەن باغ-ۋاراڭلىق ۋە گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەزەلدىن «باغ مەھەللە» دەپ ئاتىلىپ كەلگەنىكەن.

يەكەننىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سەئىدىيە خانلىقىدەك بۈيۈك خانىدانلىقلارنىڭ پايتەختى بولغان تارىخىي ۋە مەدەنىي ماكان ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ھەتتا يەكەن تارىخى ھەققىدە خىتاي ئۆزى تارقاتقان ھۆكۈمەت تورىدىمۇ «تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، يەكەننىڭ تارىخى 3000 يىلدىن ئارتۇق» دەپ يېزىلغان.

1960-يىللاردا تۈركىيەگە كۆچۈپ چىققان يەكەنلىك مۇھاجىرلاردىن ھامىدخان گوكتۈرك ئەپەندى دەل يەكەن بازىرىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، ئانىسى ئۇنى كىچىكىدە ئەگەشتۈرۈپ دوخان پاشا مازىرىغا تاۋاپ قىلغىلى ئاپارغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە يەرلىك ئامما بۇ قەدىمىي مازارلىقنى دوخان ئەمەس بەلكى دوغان پاشا مازارلىقى دەپ ئاتاپ كەلگەن بولۇپ چوڭ ۋە بەك قەدىمى گۈمبەزلىك مازار ئىكەن. ئەمما ھامىدخان ئەپەندى بۇ مازارلىققا قانداق كىشىلەرنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقىنىڭ خاتىرىسىدە قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مازار تاۋاپچىلىقى ئۇيغۇر خەلقنىڭ مەلۇم مەنىۋى ئېھتىياجى، ئارزۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بىر خىل مەدەنىيەت سۈپىتىدە تا ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركى خەلقلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا تەۋە ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان بۇ مەزگىللەردە مۇسۇلمان قەبرىستانلىقلىرىنى يۆتكەش، قەبرىلەردىكى گۈمبەز، ئاي-يۇلتۇز ۋە ئايەتلەرنى چېقىپ تاشلاپ، قەبرىلەرنىڭ ئىسلامى خاسلىقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش دىققەت قوزغىماقتا. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ۋە ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ بىر قىسمى، دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت