ئامېرىكا روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بىرلەشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادريان زېنز ۋە روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سې ھوون كىم ئەپەندىلەر.
كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادريان زېنز ۋە روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سې ھوون كىم ئەپەندىلەر.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تۈپكى ئىنسان ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن بىرگە، 2016-2017-يىللىرىدىن باشلاپ رايوندا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى يۈرگۈزۈپ، 2-3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى زور كۆلەمدىكى لاگېرلارغا قامىغانلىقى ئاستا-ئاستا خەلقئارا جامائەتكە ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن زور دىققەتكە ئېرىشتى.

جۈملىدىن ھازىر ئامېرىكادىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى تونۇشنىڭ ئارتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى «جۇمھۇرىيەتچى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى» كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈرلۈك يىغىنلارنى، نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىۋېرسىتېت مىقياسىدا ۋە شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېت ئەتراپىدىكى جامائەت ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارماقتا.

مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇلار يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىندا لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر قاتنىشىدىكەن.

بىز روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بۇ ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە دىققەت تارتىش ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىۋاتقان ۋە بۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن بولغان سىھۇن كىمنى زىيارەت قىلدۇق.

سىھۇن كىم بىزگە ئۆزىنىڭ ئاخباراتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، بىر ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ياشاۋاتقان ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر ئىش قىلىشنى ئويلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت كىشىنى قاتتىق بىئارام قىلىدىغان ئىسپاتلارنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ياشاۋاتقان بىر ئىنسان ۋە بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى، بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر ئىش قىلىشىم كېرەكلىكىنى، بۇ مەسىلىنى ئۆزۈمنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە تونۇتۇشنى مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم دەپ قارىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەقەنى ئالدى بىلەن ئۆزۈم بىلىدىغان كىشىلەرگە ئاڭلىتىش بىلەن باشلىدىم»

سىھۇن كىم كېيىن روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «جۇمھۇرىيەتچى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى» دىكى دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان ۋە بۇ ھەقتە نېمە ئىش قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇلار ئاخىرى ئۇيغۇرلار ۋە لاگېر مەسىلىسى ھەققىدە بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇ يىغىندا ئۇلار ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە ئوبيېكتىپ تونۇش ھاسىل قىلماقچى بولغان. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ پىلانى ئويلىمىغان يەردىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان.

سىھۇن كىم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇيغۇرلار ھەققىدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى بولۇپ، پائالىيەتكە 3 ھەپتە قالغان چاغدا بىزنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ‹خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى› بىزنى مەكتەپ دائىرىلىرىگە ئەرز قىلدى. ئۇلار بىزنى بىر تەرەپلىمە سىياسىي پائالىيەت تەشكىللەۋاتقانلىقىمىزنى، بىرەر توقۇنۇش كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەكتەپ دائىرىلىنىڭ بۇ پائالىيەتنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنۇپتۇ. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارنىڭ بۇ ئەرزى ئەكس تەسىر ياراتتى. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارشى چىقىپ، بىزنى قوللىدى. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا قانچە رەھمەت ئېيتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ. پۈتۈن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىزگە شۇنداق كۆپ مەدەت كەلدى. جۈملىدىن، مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار، خرىستىئانلار، يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار، ھىندىلار، قىسقىسى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلەپ قوللىشىغا ئېرىشتۇق. نەتىجىدە، بىزنىڭ پائالىيىتىمىزگە پەرەز قىلغىنىمىزدىن كۆپ ئادەم قاتناشتى»

روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان يۇقىرىدىكى پائالىيەت 2019-يىلى 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم ۋە بىر قانچە ئۇيغۇر ياشلىرى بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن بولۇپ، يىغىن ناھايىتى زور قىزىقىش قوزغىغان.

ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ «جۇمھۇرىيەتچى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى» شۇندىن كېيىنمۇ يەنە بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەش، ئۇيغۇرلار چېكىۋاتقان زۇلۇمغا دىققەت قوزغاش يۈزىدىن بىر قانچە قېتىم ھەر خىل كۆلەمدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان.

سىھۇن كىم بىزگە ئۆزىنىڭ بۇ جەرياندا ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوخشىمىغان ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلىرى بولسۇن ياكى ھەرخىل دىندىكىلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئورتاقلىشالايدىغان نۇقتىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ۋە بىزنىڭ ‹جۇمھۇرىيەتچى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى› باشلىقى ئانتونى پرىكولو ئىككىمىز مەكتەپ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش داۋامىدا كۈتمىگەن دەرىجىدە ئىتتىپاقلىقنى، بىرلىكنى ھېس قىلدۇق. مەسىلەن، مەكتەپتىكى ‹دېموكرات ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى› ئەسلىدە سىياسىي كۆز قاراش جەھەتتىن ‹جۇمھۇرىيەتچى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى› بىلەن ئانچە چىقىشالمايدۇ. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بىز بىلەن ئاكتىپ ماسلاشتى. نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى بىرگە ئۇيۇشتۇردۇق. ‹مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى›، ‹ئەركىن شىمالىي كورېيە ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلىرى» مۇ بىزنى قوللىدى. ھەتتا ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان ھەم شۇنداقلا پەلەستىننى قوللايدىغان گۇرۇپپىلارمۇ بۇ مەسىلىدە بىرلىشەلىدى. قىسقىسى، بىز ئادەتتە ئەڭ ئۇششاق مەسىلىلەردىمۇ بىر-بىرى بىلەن گەپ تالىشىدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بىر ئارىغا جەم بولۇپ ھەمكارلاشقانلىقىنى كۆردۇق ۋە بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق»

سىھۇن كىمنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن مەكتەپ ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئوخشىمىغان جامائەتلەر ئارىسىدىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، روچىستىر رايونىدىكى بىر مەسچىت ئىمامى ئۇنىڭغا «ئەسلىدە مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىگە بىز ئىگە چىقساق توغرا بولاتتى، بىراق سىلەر بىزنى خىجىل قىلىپ قويدۇڭلار» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، روچېسىتىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى 29-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان «زەنجىرلەنگەن ئۇيغۇرلار-لاگېر شاھىتىنىڭ ھېكايىسى» ناملىق پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابىغا يەنىمۇ كۆپ دىققەت تارتىشنى كۆزلىمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت