ئۇيغۇر ياردەم تەشكىلاتى 1200 ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ياردەم تارقىتىپ بەرگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-04-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كورونا ۋىرۇسى تارقىلىۋاتقان مەزگىلدە تۈركىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياردەمگە موھتاج ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش پائالىيىتى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.

ۋۇخەندىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيادا كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى ۋە ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. بۇ ئاپەت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى ۋە بەلكى قازاقىستاندىن قالسا ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر جەھەتتىن زور قىيىنچىلىقلار پەيدا قىلماقتا. بۇ سەۋەبلىك تۈركىيەدىكى «ماۋى ئاي» يەنى «كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى» قىيىنچىلىق ئاستىدا قالغان 1200 ئۇيغۇر ئائىلىگە ئۇن، ياغ، گۈرۈچ ۋە پۇل قاتارلىق ياردەملەرنى تارقىتىپ بەرگەن. «ماۋى ئاي»، يەنى «كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى» رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزوغلى ئەپەندى تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان 500-600 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، 11-مارت كۈنى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم كورونا ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ تېزلا كۆپەيگەنلىكىنى، 1200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىگە ياردەم تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىشىنىڭ يېڭى دولقۇنى پەيدا بولغانىدى. بولۇپمۇ، 2014-2016-يىللىرى تۈركىيەگە كۆپ ساندا ئۇيغۇر كۆچۈپ كەلدى. بۇلارنىڭ كۆپى سەپەر جەريانىدا ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى. «كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى» ھازىرغىچە تۇل خوتۇن، ياشىنىپ قالغان، كېسەلچان، يېتىم-يېسىر ۋە ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانىكەن. لېكىن، تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسى يامراشقا باشلانغاندىن كېيىن كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئىشسىز قېلىپ ئۆيىنىڭ ئىجارە پۇلىنىمۇ تۆلىيەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى ئابدۇرېھىم ئەزىزوغلى ئەپەندى ھازىر ياردەم ئېلىۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

«كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى» نىڭ ياردىمىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئابلىكىم ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇرۇن كۈنلۈك ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقانلىقىنى، ئەمما كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن خىزمىتىمۇ يوق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بۇنداق بىر پەيتتە ياردەم قولىنى ئۇزاتقان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى دېدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، مەزكۇر ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئايجامال جېلىل خانىم 10 بالىسى بىلەن تۇرمۇشىنىڭ قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىستانبۇل بەك قىممەتچىلىك بولۇپ كەتكەنلىكتىن، تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتنىڭ ياردىمى بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 1950-يىللاردىن تارتىپ تۈركىيەدە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، يېقىنقى يىللاردا كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەنلىكى، ياردەمگە موھتاج ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ تېز كۆپەيگەنلىكى، بۇ سەۋەبىدىن كەسپىيلەشكەن بىر ياردەم تەشكىلاتى قۇرۇشنىڭ زۆرۈر بولغانلىقىدىن ئۆتكەن يىلى بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇھاجىرەتتىكى 30دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى بىلەن جىددىي قۇرۇپ چىقىلغان «ۋىرۇس كرىزىسى مەزگىلىدىكى ياردەم مەركىزى» 31-مارت كۈنى مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي ياردەم سەپەرۋەرلىكىگە ئۈندىگەن. «ماۋى ئاي» يەنى، «كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى» مەزكۇر مەركەز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىستانبۇلدا ياردەم تارقىتىدىكەن.

تۈركىيەدە 3 مىليون 860 مىڭ سۈرىيەلىك ۋە ئىراق، ئافغانىستان، ئىران، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن بولۇپ جەمئىي 5 مىليون مۇساپىر بار ئىكەن. سۈرىيەلىكلەر ھەقسىز داۋالىنىش ۋە ئىقتىسادىي ياردەمدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولسىمۇ باشقا چەتئەللىكلەر پايدىلىنالمايدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ تېخىگىچە ھەل بولمىدى. ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ ھەقتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىۋاتقان ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تېخىگىچە ھەل بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.

«ماۋى ئاي» يەنى «كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم» 2019-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قىسقىنا ۋاقىت ئىچىدە ھەر ئاي 500 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىگە ئۇن، گۈرۈچ، ياغ ۋە پۇل ياردەم بەرگەندىن سىرت تۈركىيەنىڭ يەر تەۋرىگەن ئاپەت رايونىغا بېرىپ چوڭ قازانلاردا پولۇ تەييارلاپ مىڭلىغان كىشىگە تارقىتىپ بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت