ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى «ئۇيغۇر 2019» قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتادىن ئۆتكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-12-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

3-دېكابىر كۈنى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ يېڭىدىن تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋە دۇنياۋى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئورتاق ئىنكاسى» يەنى «ئۇيغۇر 2019 قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 1 گە قارشى 407 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. قانۇن لايىھەلىرىنىڭ بۇنداق كۆپ سان بىلەن ئاۋازدىن ئۆتۈشى ئادەتتە ئاز كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق كىشىلەرنى خۇرسەن قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىمۇ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتادىن ئۆتكەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، تىۋىتتىردىكى رەسمىي ھېسابلىرى ئارقىلىق تەبرىكلىرىنى يوللىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ۋىلل خۇرد (Will Hurd) تىۋىتتىردىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ كوممۇنىست رېجىمى ئۆز پۇقرالىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام كىملىكىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك لاگېرلارغا قامىدى. بۈگۈن مەن بارلىق خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرگە بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق قورقۇنچلۇق زۇلۇمنى ئەيىبلىگەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن!»

3-دېكابىر كۈنىدىكى ئاۋاز بېرىشتىن كېيىن دۆلەت مەجلىسى ۋىلل خۇردنىڭ ئىشخانىىسمۇ مەجلىس تور بېتىدە مەخسۇس يازما بايانات ئېلان قىلغان. «خۇرد خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق زۇلۇمىغا قارشى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلغان يازما باياناتتا «ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن 2019 ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى، مىليونلارچە كىشىنى لاگېرغا سولاشتىن ئىبارەت ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جازالاش يولىدىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى»، دەپ كۆرسىتىلگەن. باياناتتا مەجلىس ئەزاسى ۋىلل خۇردنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان بۇ زۇلۇمغا قارشى سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەق رېجىمىنىڭ ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنياغا بىر خەۋپ ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى» بايان قىلىنغان.

بۇندىن باشقا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى راجا كىرىشنامورتى (Raja Krishnamoorthi) تىۋىتتىردە ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلەيدىغان ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە تىۋىتتىرغا يوللىغان قىسقا ۋىدىيوسىدا تۆۋەندىكىلەرنى دېگەن: «كۆپچىلىك، مەن ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلەيدىغان قانۇن لايىھەسىگە ئاۋاز بەردىم. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ پەرقلىق مەدەنىيىتى، كىملىكى ۋە دىنى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىۋاسىتە ۋە سىستېمىلىق ھالدا نىشانغا ئېلىنىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىمىز كېرەك. مەجلىسىمىزنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنيا خەرىتىسىدىن يوق قىلىش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت» دەپ ئىزاھات بەرگەن.

دۆلەت مەجلىس ئەزاسى ئاندرەي كارسون (André Carson) تىۋىتتىردىكى ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان ئەزالارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان قوبۇل قىلغۇسىز دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەش يولىدا بىرلەشكەنلىكىنى كۆرۈپ تولىمۇ سۆيۈندۈم. ئامېرىكا بارلىق كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن دەس تۇرۇشى كېرەك».

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى دون بېيېر (Don Beyer) تىۋىتتىر ئارقىلىق يۇقىرىدىكى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى قارشى ئالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قورقۇنچلۇق زۇلۇم قىلىپ كەلدى. ئامېرىكا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. مەن ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەردىم».

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇشتا رول ئوينىغان دۆلەت مەجلىس ئەزاسى تېد يوخومۇ

(Ted Yoho) تىۋىتتىردىكى ئىنكاسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ چوقۇم دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتادىن ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلىگەن.

دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن ئېلىس سىتىفانىك (Elise Stefanik) ۋە جېننىفېر ۋەكستونلارمۇ (Jennifer Wexton) ئايرىم-ئايرىم تىۋىتتىردا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئاۋاز بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ۋە «خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ جازاسىز قالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك» دېگەن.

دۆلەت مەجلىس ئەزاسى تېد باد (Ted Budd) ئىنكاسىدا ئۆزىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئاۋاز بەرگەنلىكىدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ۋە «بىز بۇنداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلماي ئۆتۈپ كېتىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى بىل پاسكىرل (Bill Pascrell) بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا «ئاخشام ئامېرىكا دۆلەت مەجلىىسى مۇتلەق كۆپ ساننى تەشكىل قىلغان ئاۋاز ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇنىڭ ئىنسان غۇرۇرىغا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكى ۋە ھازىرقى زاماندىكى گۇلاگ لاگېرلىرىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال بەردى» دېگەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئادام سىمىس (Adam Smith) قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى تىۋىتتىردا: «بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇمى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتا ھەر دائىم رەھبەرلىك رول ئوينىشى كېرەك» دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق تەبرىكلىدى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى كورىي گاردنېر (Cory Gardner) تىۋىتتىردىكى ئۇچۇرىدا «بىز ئىنسانىي پەزىلەت ۋە تۈپ ئىنسان ھوقۇقىنى ياقلىغانلىقىمىز ئۈچۈن خىتاي ئامېرىكا مۇئەسسەسىلىرىگە چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق بىزدىن ئۆچ ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلار بىزنى قورقۇتالمايدۇ. بىز خوڭكوڭلۇقلارنىڭ مۇتلەق ئاپتونومىيەسى ۋە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇر ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىمىز» دېدى.

تىۋىتتىردا يەنە روب ۋىتمەن (Rob Wittman) ۋە تېد دېۇچ (Ted Deutch) قاتارلىق ئاۋام پالاتا ئەزالىرىمۇ ئۇيغۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ ئاۋام پالاتادا كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى قارشى ئالدى.

«ئۇيغۇر 2019» قانۇن قانۇن لايىھىسىنىڭ ئاۋام پالاتادا مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئىلىم ئەربابلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت