ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قارىمىقىدا «خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى» قۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2019-11-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسى قارمىقىدىكى خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدىن بىر كورۇنۇش. 2019-يىلى 12-نويابىر. ئىستانبۇل، تۇركىيە.
ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسى قارمىقىدىكى خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدىن بىر كورۇنۇش. 2019-يىلى 12-نويابىر. ئىستانبۇل، تۇركىيە.
RFA/Azigh

2009-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈركىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى يىقىنقى يىللاردا ياۋروپا ۋە ئامرىكاغا تارماق ئورگانلىرىنى قۇرۇپ پائالىيەتلىرىنى غەرىب دۆلەتلىرىگىچە كىڭەيىتتى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەرقايسىي دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشىدا ھەرخىل مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر پەن  مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇيغۇرلاردىكى مىللى روھنىڭ ئۇيغىنىشى، ئۇيغۇر ئىختىساسلىق خادىملىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش نىشانى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە موھىم رول ئوينىماقتا.

12-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ رەئىسى، پىروفېسسۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەركىبىدە خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ئىستانبۇلدا رەسمى قۇرۇلدى. خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرلىقىغا دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىم تەيىنلەنگەن بولۇپ، 6 ئۇيغۇر تەتقىقاتچى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە خىزمەت قىلىدىكەن. 

تۈركىيە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە  خىتتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىپ، تۈركىيەدە خىتاي تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە ئىكەن. تۈركىيەدە خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى ھەققىدە پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. 

خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «بىز خىتاينى تونىمىغانلىقىمىز، خىتاينىڭ ھىيلى  نەيرەڭلىرىنى پەرق قىلالمىغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنىڭ نەيرەڭۋازلىقلىرىغا تاقابىل تۇرالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ۋەتىنىمىزنى تارتقۇزۇپ قويدۇق. چۈنكى ئۇزۇن مۇددەت خىتايلار بىزنى ئەسكىرى كۈچى بىلەن ئەمەس، پەقەتلا ھىيلە  نەيرەڭ بىلەن ئىدارە قىلىپ كەلدى. چۈنكى ۋەتەندە خىتايلارنىڭ ئۇنچىلىك كۆپ نوپۇسىمۇ يوق ئىدى. تېخى يىقىنقى زامانغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاينىڭ ئەسكىرى كۈچىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ئەمما خىتتاينىڭ ھىيلى  مىكرىگە تاقابىل تۇرالمىدۇق، ئالدىنىپ كەتتۇق. تۈركىيەدىكى بولۇۋاتقان بەزى ئىشلارغا قارىغاندا، تۈركىيەمۇ خىتاينى يېتەرلىك تونىمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مەن بۇ مەسىلىنى ھېس قىلىپ، 2017-يىلى تۈركىيەنىڭ ‹خەۋەر ئاژانسى› ژورنىلىدا ماقالە ئىلان قىلىپ، تۈركىيەدە خىتاينى تەتقىقات قىلىدىغان ئىنىستىتۇتنىڭ قۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى ئىيتقانىدىم. بۇ جەرياندا ھەرخىل يىغىنلاردا بۇنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. يىقىندا تۈركىيەدە ئۈچ ئىش ئارقا ئارقىدىن يۈز بەردى. بىرىنجىسى تۈركىيەدە 250 مىڭ دوللارغا ئۆي ئالغانلارغا ۋەتەنداشلىق بىرىش توغرىسىدا قانۇن چىققان. خىتايلارنى بۇنى باشقا شەكىلدە ئىشلىتىشكە باشلىدى. ئىككىنچىسى، ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىستانبۇل ئاپتۇبۇس بىكەتلىرىگە خىتايچە يىزىشنى تەشەببۇس قىلدى. خىتايلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىۋالدى. ئۈچىنچىسى، بىيجىڭدىن يولغا چىققان پويىز تۈركىيەدىن ئۆتۈپ ياۋرۇپاغا كەتتى. تېخىمۇ ئىچىنىشلىق بولغىنى، بۇ پويىز ئەنقەرەدە داغدۇغۇلۇق كۈتىۋىلىندى. بۇ ئۈچ مەسىلىنىڭ خاراكتىرى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسىگە قارىغاندا، بۇ ئىش ئىنتايىن جىددى بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قانۇن تۈزىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلار بويىچە ئىستانبۇلدا خىتاينى تەتقىت قىلىش ئىنىستىتۇتى قۇرۇشنى قارار قىلدۇق. بۇ ئىشنى دۆلەتنىڭ تەشەببۇس قىلىشىنى ساقلاپ تۇرمىدۇق. تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتەخەسسىسلەشكەن بىر ساھەسى يوق ئىدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتاينى تەتقىت قىلىش جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇپ، ھەم تۈركىيە ھەم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولدى.»

تۈركىيە  خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ تۈركىيە ۋە خىتاي ئۇنېۋىرسىتېتلىرى ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقلار كۈنسىرى ئاشماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ خىل ئەھۋال تۈركىيە ئۇنېۋىرسىتېتلىرىدىكى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي خىزمەتلەرنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي تەسىرى ئاستىدا قىلىشى، ئۇنېۋىرسىتېتلاردىكى پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئەندىشە شەكىللەندۈرمەكتە ئىكەن. 2016  يىلى ئايدىن ئۇنۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان خىتاي تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتى تۈركىيەدىكى تۇنجى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئىنىستىتۇتى بولۇپ، ئىنىستىتۇتنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىدا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلى سۆز قىلىپ، مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ ئىككى دۆلەت ۋە خەلىق مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىيتقان ئىدى. 

كۆزەتكۈچىلەر تۈركىيەدە خىتاي سىياسىتىنى ئاقلاش ۋەزىپىسى بولغان «ئاكادېمىك» ئورگانلارغا قارشى خىتاينىڭ رېيال ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان ئىلمىي ئورگانلارنىڭ قۇرۇلىشىنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ ھەقتە ئىلشات ھەسەن ئەپەندىم كۆز قارشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دىدى: «خىتاينىڭ پىسخىكىسىنى، خىتاينىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، خىتاينىڭ ھازىرقى ئىستىراتىگىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش شۇنداقلا خىتاينىڭ كەلگۈسىگە سىزغان تەرەققىيات پىلانلىرىنى ئۆز ئەينى ۋە ئۆز ماھىيىتى بويىچە چۈشىنىش ئۇيغۇرلار ياكى خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن موھىم بىر تىما. بولۇپمۇ تۈركىيەدەك بىر دۆلەتتە خىتاي پۇلىغا تايىنىپ، خىتاينى تەشۋىق قىلىدىغان ئورگانلارنى قۇرۇپ چىقىلدى. بۇ ئورگانلار خىتاي سىياسىتىنى مەدىھىيەلەپ، كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرىنى پەردازلاپ دۇنياغا تونۇشتۇرىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار خىتاينى ئەڭ ياخشى چۈشىنىمىز. چۈنكى بىز زوراۋانلىق ئاستىدا خىتاي بىلەن ياشاشقا مەجبۇرلاندۇق. خىتاي بىلەن مەجبۇرىي ھالدا ياشاۋاتقىلى يۈز يىلغا يىقىن بولدى. بىزگە ئوخشاش خىتاينى چۈشىنىدىغان مىللەتلەر ئاز دەپ ئويلايمەن. شۇنداقتىمۇ يېتىلگەن ئادەملەرنىڭ خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى، رېيال پىلانلىرىنى، دۇنيانى بوي سۇندۇرىمەن دەيدىغان نىيىتىنى، سىستېمىلىق، ئىلمىي يۇسۇندا دۇنياغا تونۇتۇش تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ۋەزىپىسى. بۇ ئىنتايىن موھىم، چۈنكى دۇنيا خىتاينى تولۇق چۈشەنمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئوخشاش خىتاينى ئوبدان چۈشىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ سوغۇق قانلىق بىلەن ئىلمىي يۇسۇندا ئىسپاتلار بىلەن چۈشەندۈرۈپ بىرىش ۋەزىپىمىز بار. بۇ ھەم ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىر يولى. ئۆزگىنى ۋە ئۆزەڭنى بىل دەيمىز. ئۆزگىنى بىلمىسەك خىتاينى يىڭىشىمىز تەسكە توختايدۇ. يىڭىلىپ كەلگەن يىقىنقى زامان تارىخىمىز خىتاينى ماھىيەت جەھەتتىن چوڭقۇر چۈشەنمىگەنلىكىمىزدىن بولدى دەپ قارايمەن.»

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەدە خىتاي ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي، ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرمەكتە ئىكەن. بۇنىڭغا ماس ھالدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى، خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئىلمىي قۇرلۇشلارنى تەشكىللەش ئارقىلىق قارشىلىق بىلدۈرمەكتە. تەتقىقاتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىم «بۇ خىل ئىلمىي ئورگانلار خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئىلمىي ئورگانلارغا سىڭىپ كىرىشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بىرىپ مۇنداق دىدى: «بۇ خىل ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشى تۈركىيەدە خىتاينىڭ ئىلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقات خاراكتىرلىك تەتقىقات ئورگانلىرىغا زەربە بىرەلەيدۇ. چۈنكى ھەقىقەت ھامان تەشۋىقاتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىم يەنە بۇ خىل تەتقىقات ئورگانلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىلىپ بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىشقا سەپەرۋەرلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ خىل خىزمەتلەر ئۈچۈن خىتاينى ۋە خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئىلمىي يۇسۇندا ئىسپات ۋە تارىخىي دەلىللەر بىلەن يورۇتۇپ بېرىش كىرەكلىكىنى ئىيتىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت