«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ۋەكىللىرى جەنۇبىي قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئۇچراشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش مۇراسىمىدا خاتىرە سۈرەت. 2019-يىل 1-دېكابىر چىمكەنت، قازاقىستان.
«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش مۇراسىمىدا خاتىرە سۈرەت. 2019-يىل 1-دېكابىر چىمكەنت، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر، خەشكىلەڭ، جامبۇل ۋە باشقىمۇ ناھىيەلىرىدە ئولتۇراقلاشقانلىقى ھەم مۇشۇ رايونلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت، بىلىم، ئىلىم-پەن، مەتبۇئات مەركەزلىرىنىڭ ئورۇنلاشقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇيغۇرلار يەنە دۆلەت پايتەختى نۇر-سۇلتان شەھىرى، جەنۇبىي قازاقىستان ۋە جامبۇل قاتارلىق ۋىلايەتلەردىمۇ ياشايدۇ. مەزكۇر ۋىلايەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى قۇرغان مەدەنىيەت مەركەزلىرى ئارقىلىق باشقىمۇ رايونلاردىكى مەركەزلەر بىلەن زىچ ئالاقىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار شۇنداقلا سەنئەت، مەتبۇئات ۋە باشقىمۇ ساھەلەردىكى ئالاقىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە ھەر خىل ئۇچرىشىشلارنى، يىغىنلارنى، فېستىۋاللارنى ۋە باشقىمۇ مۇراسىملارنى ئۇيۇشتۇرماقتا. ئەنە شۇنداق پائالىيەتلەر يېقىندا قازاقىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تۈركىستان ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان چىمكەنت ۋە سارىئاغاش شەھەرلىرىدە بولۇپ ئۆتتى.

ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇ يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى قارمىقىدا 2020-يىلغا مۇشتەرى توپلاش بويىچە شتاب قۇرۇلغانىدى. ئۇنىڭغا گېزىت خادىملىرى، زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى جەلپ قىلىندى. بىر نەچچە ئاينىڭ ئىچىدە مەزكۇر شتاب ئەزالىرى 80 گە يېقىن شەھەر ۋە يېزىلارنى ئارىلاپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ گېزىتكە مۇشتەرى بولۇشىدىن تاشقىرى يەنە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى، مەدەنىي ھاياتى، تەلەپ-ئېھتىياجلىرى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلىرى بىلەن تونۇشتى.

«ئۇيغۇر ئاۋازى» غا مۇشتەرى توپلاش شتابى ئەزالىرى 30-نويابىر تۈركىستان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى سارىئاغاش شەھىرىدە، 1-دېكابىردا بولسا، چىمكەنت شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ يىگىت باشلىرى ۋە باشقىمۇ ئاكتىپلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇچرىشىش داۋامىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش ئاساسىي مەسىلە سۈپىتىدە قارالدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى بۇ شەھەرلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ، يۇرت ئاكتىپلىرىنىڭ، ياشلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مەسىلىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بەزى ۋەزىپىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.

سارىئاغاش شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن ئۇچرىشىشقا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئاكتىپلىرى بىلەن بىر قاتاردا شەھەر ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى سىياسەت بۆلۈمىنىڭ خادىملىرىمۇ قاتناشتى. سارىئاغاش ۋە چىمكەنت شەھەرلىرىدە ئۆتكەن ئۇچرىشىشلاردا سۆزگە چىققان ناتىقلار، يەنى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف، مەركەز يېنىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كىبىروف، «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف، ساخاۋەتچى ئىنسان، تىجارەتچى يارمۇھەممەت ئىسكەندەروف، چىمكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى گۈزەل تېمىروۋا ۋە باشقىلار «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش، مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، ئۆتمۈش تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەرغىب قىلىش، ياشلارنى تەربىيەلەش ئوخشاش مەسىلىلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيەتنىمۇ تىلغا ئالدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سارىئاغاش شەھىرىنىڭ ئاھالىسى، 81 ياشلىق سالىھ ئابدۇراخمانوفنىڭ ئېيتىشىچە، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ سالاھىيەتلىك ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى بىلەن بولغان بۇ ئۇچرىشىش جەنۇبىي قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتىدىكى چوڭ بىر يېڭىلىق ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەزكۇر گېزىتكە يېزىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەن قەشقەر بەشكېرەمدىن. 22 يېشىمدا بۇ ياققا چىقتىم. مەن بۇ يەردە ئاشپەزلىك قىلدىم. دادامنىڭ ئۇ ياقتا زاۋۇتى بار ئىدى. ئۇ شۇ ياقتا قالدى. ھەر يىلى باراتتىم، ھازىر تۆت يىل بولدى ئۇ ياققا بارغۇزمايدۇ. بۇ ياققا سوۋېتنى كۆرۈپ كېلىمىز دەپ چىققان ئىدۇق. قايتىپ كېتەلمىدىم. كېلىش بار، قايتىش يوق دېدى. مەن كەلگەندە بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بار ئىكەن.»

سالىھ ئابدۇراخمانوف سارىئاغاشتا ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كېيىن بارا-بارا ئۆسكەنلىكىنى، بۇ يەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ياقلاردىن كەلگەن بولۇپ، دېھقانچىلىق، سودا، ھۆنەرۋەنچىلىك ۋە باشقىمۇ كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرسۇن تايىروف بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەر بولمىسىمۇ، قەدىمىدىن كېلىۋاتقان مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇلارنىڭ بىرى مەشرەپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىزدە ئوتتۇز ئوغۇل، قىرىق قىز دېگەن مەشرەپ بولدى. مەشرەپنى بىز 1972-يىلى باشلىدۇق. بىز يېتىم-يېسىرلار، يەتمەيدىغان ئادەملەر بولسا، شۇلارغا ياردەم بەردۇق. بۇ مەشرەپ 1992-يىلغىچە بولدى. بىزنىڭ ئۇ ياقتا تۇغقانلىرىمىز كۆپ. ئۇلار جىمجىت. خەلقنى قىيناۋاتقىنىنى، 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىدە ياتقىنىنى بىلىمىز.»

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، قازاقىستاننىڭ تۈركىستان ۋىلايىتىدە ھازىر 5000غا يېقىن ئۇيغۇر تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن چىمكەنت ۋە سارىئاغاش شەھەرلىرىدە ئورۇنلاشقان ئىكەن. 1992-يىلى چىمكەنتتە تۇنجى قېتىم ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلغان ئىكەن. مەركەز بالىلار ئۆيلىرىگە، تۇرمۇشى تۆۋەن ئائىلىلەرگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئوخشاش خەيرخاھلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى مەركەز يېنىدا «غۇنچە» ئۇسسۇل ئانسامبىلى، ئانا تىلىنى، شۇنداقلا دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىدىغان يەكشەنبىلىك مەكتەپ ئېچىلىپ، پائالىيەت ئېلىپ بارماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت