ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەقدىرى: «ستاتىستىكا سىرتىدا: ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە خىتاينىڭ ۋەھشىيلىك» (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 27-ماي، نورۋېگىيە.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 27-ماي، نورۋېگىيە.
REUTERS

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋە قىزلىرىنىڭ قانداق پاجىئەلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىغا قاراپ چىقىش مەقسىتىدە چاقىرغان «ئىسىتاتىستىكا سىرتىدا: ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە خىتاينىڭ ۋەھشىيلىك» تېمىسىدىكى يىغىندا بىر قىسىم ئۇيغۇر شاھىدلىرىمۇ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن گۇۋاھلىق بەردى.

ئالدى بىلەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومسسارى نۇرى تۈركەل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت فۇنكىتسىيەسى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ‍ئەھۋالى ھەمدە خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك ‍ئىنكاسلار ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەن سانىنى ئالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۆپلۈكىنى، دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەزكۇر كومىتېتقا تەيىنلەنگەن تۇنجى ئۇيغۇر كومىسسار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بايان قىلىپ باشقا ساھەلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، مىليونلارچە لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچىدە نام-شەرىپى نامەلۇم قېلىۋاتقان سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ مىللىي كىملىك ۋە دىنىي كىملىكنى يوقىتىشنى چۆرىدىگەن باستۇرۇش ئوبېكتى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە ھېچ ھېيىقماستىن بۇ ئىنسانلارنى مەجبۇرىي نوپۇس كونتروللۇقىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرىۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندا خەلقئارادا «قىرغىنچىلىق» دەپ قارىلىدىغان قىلمىشلارنىڭ بارلىق تەبىرلىرىگە چۈشىدىغان بىر قاتار قەبىھ ۋاستىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

نۇرى تۈركەلنىڭ پىكرىچە، مەجبۇرىي نوپۇس كونتروللۇقىنىڭ قۇربانى قىلىۋېتىلگەن بۇ قىز-ئاياللار ئىككىنچى قەدەمدە خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان. ھازىر بولسا دەل مۇشۇ قىزلار ۋە ئاياللار مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قاتناشقۇچىلىرى قاتارىدا ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ ئىچكىرىگە سېتىلىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن ئۇيغۇر دىيارىدا ھەقىقىي مەنىدىكى قىرغىنچىلىق ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى دەل ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىكى «يېتەكچى نەزەرىيە» نى ئەسلىتىدىكەن. بۇنىڭدا «ئۇيغۇر ئاياللىرىنى يوقاتقاندا ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتى بولمايدۇ؛ ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتى بولمىغاندا ئۇيغۇرمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ» دېگەن مەزمۇن تولۇق نامايان بولغان. بۇنىڭغا ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ۋە ئاياللىرىنى خىتاي ئاققۇنلىرى بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلاش قوشۇلغان بولۇپ، بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئىشلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

نۇرى تۈركەلنىڭ پىكرىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قىلمىشى خۇددى يوسېف ستالىن ئېيتقاندەك: «بىر كىشى ئاچلىقتىن ئۆلسە بۇ تراگېدىيە بولىدۇ؛ ئەگەر كىشىلەر مىليونلاپ ئۆلسە ئۇنى ئىسىتاتىستىكا دەيمىز،» دېگەن ئەھۋالنىڭ نەق ئۆزى بولماقتىكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا بىر قىسىم ئۇيغۇر شاھىتلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي قانۇن سىستېمىسىنىڭ ۋەھشىلىكلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، شۇنداقلا يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خانىم-قىزلارنىڭ قانداق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئوخشىمىغان سورۇنلاردا گۇۋاھلىق بەرگەن زۇمرەت داۋۇتمۇ بار ئىدى.

زۇمرەت داۋۇت ئۆزىنىڭ يازما باياناتىدا ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى بىر تېلېفون بىلەن ساقچىخانىغا چاقىرتىلغان باھانىدە ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپلەردىن ئۆتمەيلا مەھبۇسقا ئايلىنىپ قالغانلىقى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بانكا ھېساۋاتىدىكى پاكىستانغا پۇل ئەۋەتىشتەك نورمال بىر ئىشنى غايەت زور بىر «گۇمانلىق» قىلمىش قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ ئۆزىنى تۈرمىگە سولىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. زۇمرەتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنى سوئال-سوراقتىن كېيىن بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا ئاپارغان ھەمدە ئۇنىڭدىن سوراپمۇ قويماستىن بارلىق بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلىگەن. ئارقىدىن لاگېرغا ئاپىرىپ باشقا مىڭلىغان باشقا ئاياللار قاتارىدا 30 نەچچە كىشىلىك كامېرغا سولىغان. ئۇ شۇنىڭدىن ئېىتىۋارەن لاگېردىكى روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارنى ھارغىچە باشتىن كەچۈرگەن. ئازابقا چىدىماي «ئاھ خۇدا!» دەپ نالە قىلغاندا خىتاي گۇندىپايلار «چاقىرە ئاشۇ خۇدارىڭنى! قېىنى ساڭا خۇدانىڭ قانداق ياردەم قىلغانلىقىنى بىز بىر كۆرەيلى!» دەپ ھەيۋە قىلغان. ئۇ بۇ يەرگە قامالغان ئاياللارنىڭ «تەربىيەلەش» نامىدا يىغىۋېلىنغان كىشىلەر بولسىمۇ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان يۇقىرى مەلۇماتلىق بولۇپ بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇ بۇ يەردە پەقەت خىتاي كومپارتىيەىسى ۋە شى جىنپىڭغا مەدھىيە ‍ئوقۇشنى، نامەلۇم دورىلارنى ئىچىشنى، نامەلۇم ئوكۇللارنى ئۇرۇشنى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشنى باشتىن كەچۈرگەن. لاگېردىن چىقىدىغان ۋاقىتتا خىتاي ساقچىلار ئۇنىڭغا بۇ خىل «ھەقسىز تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى» ئۈچۈن خۇشال بولۇشنى ۋە ئۆزلىرىگە رەھمەت ئېيتىش لازىملىقىنى ئېيتقان.

زۇمرەت داۋۇتتىن كېيىن مۇشۇ خىلدىكى لاگېر قىيناقلىرىنىڭ ئازاۋىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر دوختۇرلاردىن گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى زىبا مۇرات سۆز ئالدى. زىبانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھازىرچە ئاپىسىنىڭ لاگېرلارنىڭ بىرىگە قامالغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز كەن. يەنە كېلىپ پەن-تېخنىكا شۇنچە تەرەققىي قىلغان كۈندە پۈتۈن-سۈرۈك بىر ئادەمنىڭ ئاشۇنداق ئىزسىز يوقىلىپ كېتىشى رىۋايەتلەردىكى ۋەقەلەردەك يۈز بەرمەكتە ئىكەن. يەنە كېلىپ مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن ئورتاق تەقدىر بولماقتا ئىكەن. گۈلشەن ئابباس گەرچە سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغۇچى شەخس ياكى يۇقىرى مەنسەپ تۇتقان ئەمەلدار بولمىسىمۇ، باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئازاۋىغا شىپالىق ئاتا قىلغۇچى بىر تەجرىبىلىك دوختۇر بولۇشىغا قارىماي يەنىلا پېنسىيىگە چىققانلىقىغا قارىماي «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن. مۇشۇنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 21-ئەسىردە ئاشۇنداق ۋەھشىيانە يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئۇيغۇرلارنى سولاپ «تەربىيىلەش» نامىدا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ مەقسىتىنى بەكمۇ ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ قانداق تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن غەرب ئىستېمال بازىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قاتارلىق تېمىلار بويىچە كۆپلىگەن سوئاللار سورالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاجىئەلەرنى بارغانسېرى كۆپ ساھە «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاۋاتقان بولسىمۇ، نۆۋەتتە بۇ خىل «يېڭى قىرغىنچىلىق» قا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتلەر تېخى ئۇنچە كۆپ ۋە كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا چىقمايۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ خىل سۆھبەت يىغىنلىرى دەل مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا مۇئەييەن رول ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت