مىچ مەككونېل: «ئۇيغۇرلارنى ئەزگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قانۇنىنى يېقىندا ئاۋازغا قويىمىز!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-05-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەھبىرى مىچ مىككونېل ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2020-يىلى 21-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەھبىرى مىچ مىككونېل ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2020-يىلى 21-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
AFP

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى تولىمۇ خۇرسەن قىلغان، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك پات-پاراق قىلىۋەتكەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» 2019-يىلى 11-سېنتەبىردە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا بىردەك ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنىدى. كېيىنچە بۇنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن قايتىدىن كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىغا يوللانغان ھەمدە ھازىرغىچە ئېسىپ قويۇلغان ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەنىدى.

7-ماي كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەھبىرى مىچ مەككونېل بۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيو باش بولۇپ تونۇشتۇرغان بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇمغا جاۋابكار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىشكە ئۈندەشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىدىكەن. ماركو رۇبيو بۇ قانۇن لايىھەسى ۋاقتىنچە ئېسىپ قويۇلغاندىن كېيىن CBS خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان سودا مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭغا باغلانماسلىقى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنىدى. ئۇ شۇ ۋاقىتتا بۇ توغرىلىق سۆز قىلىپ بەزىلەرنىڭ «خىتايغا تېخىمۇ كۆپ تاۋارلىرىمىزنى ئوڭۇشلۇق سېتىشىمىز ئۈچۈن باشقىچە بولغان بەزى چارىلارنىمۇ قوللىنىشىمىز لازىم» دېگەن پىكرىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە «كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىش ھازىر شىنجاڭدا ئومۇملىشىپلا قالماستىن يەنە خوڭكوڭغىمۇ كېڭىيىۋاتىدۇ. شىنجاڭدا بولسا خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئۈزۈل-كېسىل يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا» دېگەنىدى.

ماركو رۇبيو مۇشۇنداق جىددىي رېئاللىقنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە ھازىر «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللاشنىڭ بەكمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ كەتكەن تاجسىمان ۋىرۇسىغا دائىر خىزمەتلەر تۈپەيلىدىن بۇ لايىھە بېسىپ قويۇلغانىدى. ئەمدىلىكتە كېڭەش پالاتاسى رەھبىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئوچۇق سۆز قىلىشى بۇ ھەقتە يېڭى ئۈمىدلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مىچ مەككونېل بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «مەن كېڭەش پالاتاسى پات يېقىندا ماركو رۇبيۇ ئوتتۇرىغا قويغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى›نى ئاۋازغا قويىدۇ، دەپ قارايمەن» دەيدۇ. ئەمما ئۇ «يېقىندا» دېگەن سۆزنىڭ زادى قانچىلىك ۋاقىت ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمىگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بىر كىشى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بەلكىم كېيىنكى ھەپتىدە بولۇشى مۇمكىن، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ سۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن» دېگەن.

ماركو رۇبىيونىڭ ئىشخانىسىدىكىلەر بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا بىردەك ماقۇللۇق بىلەن تەستىقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بۇ خۇشاللىقنىڭ قاچان ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى توغرىسىدا «بۇنى كېسىپ ئېيتىش قىيىن» دەيدۇ. ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانسا ئۇ ھالدا چېن چۇەنگو باشلىق بىر قاتار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىش ھەرىكىتى رەسمىي باشلىنىدىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە تاجسىمان ۋىرۇسى سەۋەبىدىن خەلقئارادا شەكىللىنىۋاتقان خىتايغا قارشى دولقۇننىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋاز قويۇش ھەرىكىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يىرىكلىشىپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ قەلىمىدە «يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە بىر شارائىتتا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىپ قېلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بەكمۇ خۇشال قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتىكەن. نۇرى تۈركەلنىڭ پىكرىچە، ناۋادا بۇ قېتىمقى ئاۋازغا قويۇشتا بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە بىر قېتىم بىردەك ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ قالسا بۇ ھەقىقەتەنمۇ يېقىنقى يىللاردىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا قولغا كەلگەن بىر زور نەتىجە بولۇپ قالىدىكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بۇ ھەپتىلىك مۇزاكىرىنى تاماملىغان بولۇپ، مۇزاكىرە كېلەر دۈشەنبىگە قەدەر ئەسلىگە كەلمەيدىكەن. ناۋادا مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش توغرا كەلسە ھەمدە بىردەك ماقۇللۇقتىن ئۆتسە ئۇ ھالدا ئۇنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇشىدىكى بىر زور قەدەم ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ تەرەققىياتىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت