قەشقەر يېڭىشەھەردىكى دېھقانلار: «دۆلەت خىزمەتچىلىرى تېخى تالاغا چىقمىدى، بىز ئېتىزلىققا ھەيدەلدۇق»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020-03-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ھاشارغا مەجبۇرلىنىپ ئۆستەڭ چېپىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار. ئاقسۇ.
ھاشارغا مەجبۇرلىنىپ ئۆستەڭ چېپىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار. ئاقسۇ.
Social Media

بەزى خەلقئارا خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىراپ، بىر قىسىم يۇقۇمدار ۋە يۇقۇم گۇماندارلىرىنى دوختۇرخانىلاردىن بالدۇر قويۇۋەتكەن. بەزى جايلاردىكى كوچا قاماللىرىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرغان. مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا بىر قىسىم ئاھالىلەر يېڭىشەھەردە كېسەل خەۋپى تېخى پەسەيمەي تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئېتىزلىققا ھەيدەلگەنلىكىنى، ئەمما دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ تېخى ئىش ئورنىغا قايتمىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەر يېمەك-ئىچمەك توشۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى 3-مارتقا قەدەر 80مىڭدىن ئارتۇق تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمدارىدىن 47 مىڭ كىشىنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. «جەنۇبى جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، دوختۇرخانىدىن چىققانلاردىن خېلى بىر قىسمىدا يۇقۇم ئالامەتلىرى قايتىدىن بايقالغان. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە دوختۇرخانىدىن چىققانلاردىن 14%de يۇقۇم ئالامەتلىرى قايتىدىن بايقالغان. مەزكۇر گېزىتتە پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىراپ، كېسەل خەۋپى تېخى تۆۋەنلىمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يۇقۇمدارلارنى بالدۇر قويۇۋەتكەنلىكى ۋە كوچا قاماللىرىنى ئالدىراپ ئەمەلدىن قالدۇرغانلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىز بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قانداق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەشقەردىكى كەنت كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. كەنت كادىرلىرىدىن بىرى كېسەل خەۋپىدە تۆۋەنلەش بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالمىغانلىقى، ئەمما تېرىقچىلىق مەزگىلى يېتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئامالسىز دېھقانلارنى ئېتىزغا چىقىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. دېھقانلارنىڭ ئېتىزغا چىققىنىغا 4-5 كۈنچە بولغىنىنى بايان قىلغان بۇ كادىرنىڭ دېيىشىچە، ئېتىزغا چىققان دېھقانلاردىن ئېتىزلىققا توپلىشىپ بارماسلىق، پەقەت يالغۇز بېرىپ يالغۇز كېلىش تەلەپ قىلىنغان.

ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، يېڭىشەھەردە كۆپ سانلىقى خىتايلاردىن تەشكىللەنگەن دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى تېخىچە خىزمەت ئورنىغا قايتمىغان. مەخسۇس تەيىنلىگەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئۇلارنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەر يېمەك-ئىچمەكلىرىنى توشۇشنى داۋاملاشتۇرغان.

يېڭىشەھەر قومۇشلۇقتىكى بىر ئاھالىمۇ ئۆزىنىڭ ئامالسىزلىقتىن دېھقانچىلىقنى باشلىۋەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئاھالىلەردىن يەنە بىرى ئەگەر تاجسىمان ۋىرۇسىدىن ئەندىشە قىلىپ ئېتىزلىققا چىقمىسا، ئۆزلىرىنىڭ ئاچلىقتىن ئىبارەت يەنە بىر ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئاھالىلەر دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئۆيدىن سىرتقا چىقمىغان ئەھۋالدا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېتىزلىققا ھەيدەلگەنلىك مەسىلىسىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بولغاندەك ئۆزلىرىگە قارىتا دۆلەت نەپىقىسى يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى.

خەلقئارادىكى بىر قىسىم دۆلەت ئەربابلىرىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ خەۋپى ھەققىدە ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ ئۇچۇر بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئوباما دەۋرىدە ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرىدا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن سابىق دىپلومات كۇرت كامبىل تۈنۈگۈن خۇدسون تەتقىقات ئورنىدا قىلغان سۆزىدە دەل مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە خىتايدا ۋىرۇس يۇقۇمى خەۋپىنىڭ پەسەيگەنلىكىگە ئائىت قانائەتلىنەرلىك پاكىت يوقلۇقىنى بايان قىلدى. ئۇ بولۇپمۇ ھازىرقى ۋەزىيەتتە كىشىلەرنى ئەمگەك مەيدانىغا ئەۋەتىشنىڭ توغرا بولمىغانلىقى، بۇنىڭ بىر ئالدىراقسانلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇش ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت