گۆرۈگە ئېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-11-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«تەربىيەلەش لاگېرى» دىكى «ئوقۇغۇچىلار» ياتاقنىڭ ئىشىكىنىڭ تۆشۈكىدىن قاچىسىغا قويۇپ بەرگەن تاماقنى يېمەكتە. 2018-يىلى ئۆكتەبىر. (ئورنى ئېنىق ئەمەس)
«تەربىيەلەش لاگېرى» دىكى «ئوقۇغۇچىلار» ياتاقنىڭ ئىشىكىنىڭ تۆشۈكىدىن قاچىسىغا قويۇپ بەرگەن تاماقنى يېمەكتە. 2018-يىلى ئۆكتەبىر. (ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Oqurmen Teminligen

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان مىڭلىغان كىشىنىڭ بىر كېچىدىلا ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كېتىشى ئۇلارنى لاگېرغا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا مەجبۇرلاپ كېلىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ بۇ كىشىلەر ئارىسىدا كىشىلەرگە بەكرەك بىلىنگەن ۋەقەلەر چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئاكتىپلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆزلىرىمۇ ھېچنەرسىدىن خەۋەرسىز ھالدا گۆرۈ ئوبيېكتى بولۇپ قېلىش ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۇتقۇنلارنى چەتئەللەردىكى ئۆزلىرىگە قارشى چۇقانلارنى جىمىقتۇرۇش ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشى بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان بۇ خىلدىكى «بىر جەمەتنىڭ بارچە ئەزالىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ جازاغا تارتىش» ئۇسۇلىنى تارىخشۇناسلار بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرىلا خىتايدا ئاللىقاچان سىستېمىلىق شەكىل ئېلىپ بولغان، دەپ قارايدىغانلىقى مەلۇم. «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى مۇزېيى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ بىۋاستە كەچۈرمىشلىرى مەركەز قىلىنغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئاشۇ ئىنسانلارنىڭ بىۋاستە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنماقچى بولۇۋاتقانلىقى جانلىق بايان قىلىندى.

دوكلاتتا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئ‍ابباس بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە بېشىغا كەلگەن سورۇقچىلىقلار ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكادىكى تۇغقان يوقلاش سەپىرىدىن كېيىن باشلانغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشچە، ئۈرۈمچىدە ئۇزۇن يىل دوختۇرلۇق قىلىپ پېنسىيەگە چىققان، شۇنىڭدەك نۇرغۇن كېسەللەرنى ئۆلۈم ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرغان گۈلشەن ئابباس ئەمدىلىكتە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغىدەك كىشىلەرنىڭ قالمىغانلىقىغا، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور لاگېر سىستېمىسى ئاللىقاچان مىليونلارچە ئۇيغۇر بىلەن لىق تولغانلىقىغا شاھىد بولغان. بولۇپمۇ گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى روشەن ئابباس ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «خۇدسون ئاقىللار مەركىزى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەرگەندىن كېيىنلا يۈز بەرگەن بولغاچقا روشەن ئابباس بۇنى تىپىك بولغان «گۆرۈگە ئېلىش» دەپ قارايدۇ. يەنە كېلىپ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكادا تۇغقانلىرى بىلەن دىدارلاشقان گۈلشەن ئابباس قايتىش سەپىرىگە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. ئەمما ئۇ تۇغقانلىرىنىڭ قېلىپ قېلىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلىپ: «مەن ھېچقانداق سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشقان كىشى ئەمەس. مەن قايتىپ ئاتا-ئانامنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ تۇرمىسام بولمايدۇ» دېگەن. ئەمما بۇنىڭ ئاخىرقى جۇدالىق بولۇپ قېلىشىنى ھېچكىممۇ ئويلىمىغان. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا روشەن ئابباس بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھېچقاچان سىياسىي ئىشلارغا يېقىن كېلىپ باقمىغان ھەدىسىنىڭ پاجىئەسىدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زور تۇتقۇننىڭ «سىياسىي» ئۇيغۇرنى ئەمەس، بارلىق ئۇقۇمۇشلۇق ئۇيغۇرنى نىشان قىلغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى قىسمەتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ يەنە بىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇيغۇر زىيالىسى، ئۇزۇن يىللىق ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ئەپەندىنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاش ئىكەن. قۇربان مامۇتمۇ 2017-يىلى ئامېرىكا سەپىرىدىن قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي غايىپ بولغان. 2020-يىلىغا كەلگەندە ئۇنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان. ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان بىر ئىنساننىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىشكىلا ئۈچ يىل كەتكەن. بەھرامنىڭ ئۆزى گەرچە ئەينى ۋاقىتتا ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ 2009-يىلى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش نامايىشى» دا «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» نى كۆتۈرگەن ھالدا سەپتىن ئورۇن ئېلىشى سەۋەبلىك خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ بارغان. ئائىلە سۆھبىتىدە ئۇلارنىڭ ئوغلىنى «ئوبدانراق باشقۇرۇپ قويۇشى، بولمىسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدىغانلىقى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن بەھرام ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ۋاقتىنچە «سىياسىي» دەپ قارىلىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتقان. ئەمما بۇ خىل ئۆزىنى تارتىش يەنىلا دادىسى قۇربان مامۇتنىڭ لاگېرغا قامىلىشىنى توسۇپ قالالمىغان. قۇربان مامۇتنىڭمۇ «مەن ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلغىنىم يوق» دەپ ئامېرىكادا قېلىپ قېلىش ھەققىدىكى تەكلىپلەرنى رەت قىلىپ ئۈرۈمچىگە قايتىشى بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاقكۆڭۈللەرچە بىر قارار بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن بەھرام دادىسىنىڭ قىسمىتىنى، شۇنىڭدەك بۇ خىلدىكى پاجىئەگە دۇچ كېلىۋاتقان، ئەمما ئاۋازىنى چىقىرالمايۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چۈشكەن. لېكىن ھازىرغىچە ئۇ دادىسىنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ئىمكان تاپالمىغان. بۇ خىلدىكى لاگېرغا قامالغان كىشىلەرنىڭ نەدىلىكىنىمۇ بىلگىلى بولماسلىقتەك رېئاللىقنى تەكىتلىگەن روشەن ئ‍ابباس «مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشى يالغۇز ياشىنىپ قالغان ياكى پېنسىيەگە چىققان كىشىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا ئىشلەپ كېلىۋاتقان مەمەتجان جۈمەنىڭ ئاتا-ئانىسى 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۇنىڭغا ئىنىلىرى ئەخمەتجان ۋە ئابدۇقادىرغا تېلېفون قىلماسلىقىنى، مۇھىم گەپلەر بولسا ئۆزلىرىگىلا دەپ قويسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئاندىن ئىنىلىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. ئەمما بىرسى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان، يەنە بىرى ئۈن-سىن شىركىتى ئېچىپ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئىنىلىرىنىڭ بۇ قېتىممۇ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا قىسقا مۇددەت تۇتقۇن قىلىنغانغا ئوخشاش بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقىسىنىڭ بەكلا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇتقۇن ئىكەنلىكىنى، بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئېغىر جىسمانىي قىيناققا دۇچ كەلگەنلىكىنى باشقا يوللاردىن ئاڭلىغان. ئەمما ئۇمۇ مۇھاجىرەتتىكى باشقا مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئىنىلىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ قايسى لاگېردا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈۋېتىش ئۇرۇنۇشى ئەمەلگە ئاشمايدىكەن.

بۇ جەھەتتە روشەن ئابباسمۇ ئوخشاش قاراشتا. ئۇنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ««21-ئەسىردىكى قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بۇ قەبىھ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش-قىلماسلىق ھېچقاچان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ «سىياسىي جەھەتتە بىخەتەر» بولۇشىنىڭ كاپالىتى ئەمەس ئىكەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى مەلۇم ساندىكى مەلۇم ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بولماستىن، ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى نىشان قىلماقتا ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن مەيلى «سىياسىي» ساھە بىلەن ئالاقىدار بولغانلىرى بولسۇن ياكى «سىياسىي» دىن يىراق بولغانلىرى بولسۇن ھەممىسىلا ھازىر ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەشۋىش ئىچىدە كۈتمەكتىكەن. شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ زۇلۇمنى ئاشكارىلاش سېپىگە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلماقتىكەن. چۈنكى «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي ۋەدىنىڭ 21-ئەسىردە يېڭىۋاشتىن تەكرارلىنىشى ئەمدىكى ۋەزىيەتتىمۇ بۇ زۇلۇملار ھەققىدە سادا چىقمىسا ئۇ ھالدا ئاخىرقى سادانىڭ «پۇشايمان» ئىبارىسى بىلەن تۈگەللىنىشى مۇقەررەر ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت