«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ياۋروپا ئەللىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىرماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-10-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكانىڭ دانىيەدىكى ئەلچىسى كارلا ساندس خانىم بىلەن. 2019-يىلى 9=ئۆكتەبىر، كوپېنھاگېن.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكانىڭ دانىيەدىكى ئەلچىسى كارلا ساندس خانىم بىلەن. 2019-يىلى 9=ئۆكتەبىر، كوپېنھاگېن.
Photo: RFA

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى يېقىندىن بۇيان ئۆز پائالىيەتلىرىنى ياۋروپا ئەللىرىگە كېڭەيتكەن بولۇپ، ياۋروپا ئەللىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىرماقتا.

مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپادىكى 10 كۈنلۈك زىيارىتىنى 8-ئۆكتەبىر كۈنى دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېندىن باشلىغان.

روشەن ئابباس خانىم دانىيەنىڭ كوپېنھاگېن ۋە ئالبورگ قاتارلىق ئىككى چوڭ شەھىرىدە جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلارغا ۋە يىغىنلارغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇنىڭ 9-سېنتەبىر كوپېنھاگېندىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇ بۈگۈن بىرقانچە مۇھىم سۆھبەتلەرگە داخىل بولغان.

روشەن خانىم «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىم ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئاساسلىق مەقسىتىمىز ياۋروپادىمۇ ئامېرىكادىكىگە ئوخشاش ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن خەلق ئارىسىدا خىتايغا قارشى يۇقىرى سادا پەيدا قىلىش، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا ئۈندەشتىن ئىبارەت.»

روشەن ئابباس خانىمنىڭ 9-ئۆكتەبىردىكى مۇھىم سۆھبەتلىرىنىڭ بىرى ئامېرىكانىڭ دانىيەدىكى ئەلچىخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ ئەلچىلەرگە جازا لاگېرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە ئېلان قىلغان خىتايغا قارشى جازا تەدبىرلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن. بۇ سۆھبەتتىن كېيىن باش ئەلچى بىرقانچە دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى بىلەن بىرگە ئۇنى شەخسىي تۇرالغۇسىدىكى زىياپەتكە تەكلىپ قىلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان خىتايغا قارشى جازا تەدبىرلىرىگە قارىتا د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتىكىن ئەپەندى ئۆز مەمنۇنىيەتلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا خىتايدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى پائالىيەتلەر ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ كوپېنھاگېندىكى پائالىيەتلىرى بەزى ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇ يەنە دانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىۋاتقان بەزى تەتقىقاتچىلار بىلەنمۇ ئۇچراشقان.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم دانىيەدىكى 4 كۈنلۈك پائالىيىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت