مەھمۇد قەشقەرى قاتارلىق 3 نەپەر مەشھۇر شەخسنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەيكەللىرى ئېلىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز بەھرام سىنتاش
2020-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قەشقەر شەھىرىگە يېقىن قەدىمكى يېزا ئوپالدىكى مىلادى 11-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، تىلچى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مازارلىق باغچىسىغا ئورنىتىلغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھەيكىلى. جۇغراپىيىلىك كوردىنات ئورنى: 39°18'55.87"N 75°30'41.83"E. سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدە غايىب بولغانلىقى ئېنىق كۆرۈلىدىغان ۋاقتى: 2019-يىلى 28-نويابىر.
قەشقەر شەھىرىگە يېقىن قەدىمكى يېزا ئوپالدىكى مىلادى 11-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، تىلچى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مازارلىق باغچىسىغا ئورنىتىلغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھەيكىلى. جۇغراپىيىلىك كوردىنات ئورنى: 39°18'55.87"N 75°30'41.83"E. سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدە غايىب بولغانلىقى ئېنىق كۆرۈلىدىغان ۋاقتى: 2019-يىلى 28-نويابىر.
RFA/Behram Sintash

يېقىندا رادىيومىزغا يوللانغان «چېن چۈەنگو ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر تېبابىتىگە سىمۋول بولۇۋاتقان ھەيكەلمۇ يوق قىلىندى» دېگەن مەزمۇندىكى بىر نامسىز ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. فوتو سۈرىتى قوشۇپ ئەۋەتىلگەن يۇقىرىقى يوللانمىدىكى يىپ ئۇچى بويىچە مەزكۇر ھەيكەل ۋە تېخى تىلغا ئىلىنمىغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخىي شەخىسلىرىنىڭ ھەيكەللىنىڭ بار-يوقلۇقنى ئېنىقلاشقا كىرىشتۇق. سۈنئىي ھەمراھ سۈرەت خاتىرىلىرىنى تەكشۈرۈپ ۋە سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە مەزكۇر ھەيكەلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا جەمئىي ئۈچ ئورۇندىكى ھەيكەلنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدۇق.

رادىيومىز تەرىپىدىن غايىب بولغانلىقى ئېنىقلانغان ئۈچ ھەيكەل تۆۋەندىكىچە:

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى شەھىرى ئۈرۈمچىدىكى ش ئۇ ئا ر ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى قورۇسىغا تىكلەنگەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تېبابەت ئالىمى غازىباينىڭ ھەيكىلى.

جۇغراپىيىلىك كوردىنات ئورنى: 43°45'49.30"N 87°37'39.17"E

سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدە غايىب بولغانلىقى ئېنىق كۆرۈلىدىغان ۋاقتى: 2018-يىلى 16-ئاۋغۇست.

قەشقەر شەھىرىگە يېقىن قەدىمكى يېزا ئوپالدىكى مىلادى 11-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، تىلچى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مازارلىق باغچىسىغا ئورنىتىلغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھەيكىلى.

جۇغراپىيىلىك كوردىنات ئورنى: 39°18'55.87"N 75°30'41.83"E

سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدە غايىب بولغانلىقى ئېنىق كۆرۈلىدىغان ۋاقتى: 2019-يىلى 28-نويابىر.

قاغىلىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى قورۇسىغا تىكلەنگەن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى، تېبابەت ئالىمى ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ھەيكىلى.

جۇغراپىيىلىك كوردىنات ئورنى: 37°52'50.57"N 77°26'27.09"E

سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدە غايىب بولغانلىقى ئېنىق كۆرۈلىدىغان ۋاقتى: 2017-يىلى 8-ئىيۇل.

غايىب بولغانلىقى ئېنىقلانغان بۇ ئۈچ ھەيكەل ئىچىدە بىز مەشھۇر ئۇيغۇر ئېنىسىكلوپېدىك ئالىمى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئاپتورى مەھمۇد قەشقەرى ھەيكىلىنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدۇق شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا قىلىنغان يوقىتىش خاراكتېرلىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دەپ قارىدۇق. بىز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ غايىب بولغان ھەيكىلىنى ئاساس قىلغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ھەيكەللىرىنى كۆزدىن يۇقۇتۇشىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئېچىشقا تىرىشتۇق.

مەھمۇد قەشقەرىنىڭ 11-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى شۇنداقلا تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسى ئىكەنلىكىدەك كىملىكىنى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ گىگانت ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسى ش ئۇ ئا ر خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1984-يېلى بىرىنچى قېتىم، 2008-يېلى ئىككىنچى قېتىم نەشر قىلىنغان ئىدى.

1980-يىللارنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىدە مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا كەڭ ئورۇن بېرىلگەن، كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۈرۈمچىدە ۋە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن. ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى ۋە مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن 1980-يىللارنىڭ بېشىدا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يېزىسى-ئوپالدىكى مازارلىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. شۇندىن كېيىن مەزكۇر مازارلىق ش ئۇ ئا ر بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى قىلىپ بېكىتىلىپ، خىتاي ئىچى ۋە خەلقئاراغا ئېچىۋېتىلگەن. 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەزكۇر مازارلىقنىڭ باغچىسىغا داڭلىق ئۇيغۇر ھەيكەلتىراچ دىلمۇرات تۇردى ئىشلىگەن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تەخمىنەن 7 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھەيكىلى تىكلەنگەن.

رادىيومىز تەرىپىدىن غايىب بولغانلىقى بايقالغان مەزكۇر ھەيكەل دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم تىكلەنگەن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھەيكىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2006-يېلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھمۇد قەشقەرى مازارلىقى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى (گوۋۇيۈەن) تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇنى مەھمۇد قەشقەرى مازارلىقنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئورنىتىلغان لەۋھە سۈرىتىدىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ئۇنداقتا، پۈتۈن دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان، ھەتتا ئۆز دەۋرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ھۆججەت چىقىرىپ «مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى» دەپ بېكىتىلگەن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھەيكىلى قانداق بىر «سىياسىي قالپاق» ياكى ئاتالمىش «ئىلمىي ئاساس» بىلەن شۇنچە تېز يوقىتىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى؟ بىز بۇ ھەققىدە تېخىمۇ ئىسپاتلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مەھمۇد قەشقەرىگە ئائىت خىتاي مەنبەلىرىدىكى يېڭى يازمىلارنى ئىزدىدۇق. دەرۋەقە، رادىيومىز قولغا چۈشۈرگەن بىر خىتايچە «ماقالە» دىققىتىمىزنى تارتتى. «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ خىتايچە 2019-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان مەزكۇر ماقالە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى غەربىي-شىمال ئاز سانلىق مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي پروفېسسورى گاۋ بو تەرىپىدىن يېزىلغان ئىكەن.

مەزكۇر 7 بەتلىك ماقالىغا «‹دىۋانى لۇغەت-تىت تۈرك› نىڭ ئاپتورى ۋە ئۇنىڭ مازىرى توغرىسىدىكى گۇمان ۋە ئويلىنىشلار» دەپ تېما قۇيۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق مەزمۇنلارغا ئورۇن بېرىلگەن:

«‹دىۋانى لوغەت-تىت تۈرك› (تۈركىي تىللار دىۋانى) نىڭ ئاپتورى مەھمۇد قەشقەرى دۆلەت ئىچى ئىلىم ساھەسىدە بىر ‹ئۇيغۇر تىلشۇناس› دەپ تونۇلۇپ كېلىندى. يەنە بىر قىسىم زىيالىيلار تەرىپىدىن ‹دىۋانى لوغەت-تىت تۈرك› ۋە ئۇنىڭدا يايان قىلىنغان مەزمۇنلار ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ بولغان تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىدۇر، دەپ قوبۇل قىلىندى. ‹دىۋان› نىڭ ئاپتورىنىڭ تۇغۇلغان ۋە دەپنە قىلىنغان جايى قەشقەرگە يېقىن ئوپال يېزىسى دەپ بېكىتىلدى. بۇ ماقالە بۇ خىل پەرەزلەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، مەھمۇد قەشقەرى ھەققىدىكى ئاتالمىش ‹ئاخىرقى خۇلاسە› نى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچلىك دەلىل-پاكىتلارنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسەتتى. شۇنداقلا بۇ ماقالە يۇقىرىقى بايانلارنىڭ زور ئىلمىي خاتالىقلارنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بىر چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سېلىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارىدى.»

قىزىقارلىقكى شۇكى، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھەيكىلى مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنىپ دەل نەچچە ئاي ئۆتمەيلا غايىب بولغان. بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەھمۇد قەشقەرىنى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاتالمىش «ئىلمىي ئاساس» ئىزدىگەنلىكى ۋە ئۇنى بازارغا سالغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئوپالدىكى مەھمۇد قەشقەرى ھەيكىلىنىڭ يوق قىلىنىشىنىڭ دەل مۇشۇ ماقالىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلىق رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكى بىلىش تەس ئەمەس، ئەلۋەتتە.

مەھمۇد قەشقەرى ئۇيغۇر ۋە پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت تارىخىدىكى مەشھۇر تارىخىي شەخسىيەتتۇر. ئۇنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق بۇ گىگانت ئەسىرى يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك نەمۇنىلەرنىڭ بىرىدۇر. مەھمۇد قەشقەرى مازارلىقى ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر ساھە كىشىلىرى تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ، مۇھىم بىر مەدەنىيەت زىيارەتگاھى قىلىنغان ئىدى. بۇ مازارلىقنى ئىلگىرى تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسىى جايلىدىكى زىيارەتچىلەر كېلىپ زىيارەت قىلغان. 2010-يىلى ئەينى ۋاقتىدىكى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان داۋۇتئوغلىمۇ مەھمۇد قەشقەرى مازارلىقىغا ئۆمەك باشلاپ بېرىپ زىيارەتتە بولغان. ئۇنداقتا، مەھمۇد قەشقەرى ھەيكىلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆزدىن غايىب قىلىنىشى تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرك دۇنياسىدا قانداق ئىنكاسلارنى قوزغىشى مۇمكىن؟

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت بۇ ھەققىدىكى سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئوپالدىكى مەھمۇد قەشقەرى ھەيكىلىنىڭ چېقىپ تاشلىنىشى يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل تۈرك خەلقلىرى ئۈچۈنمۇ قاتتىق زەربە ۋە ئېغىر ھاقارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، تۈرك خەلقلىرى مەھمۇد قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ۋە بىر قىممىتى دەپ قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداقلا (تۈرك دۇنياسى ئېلىم ساھەسىدە) مەھمۇد قەشقەرىنى تۈركولوگىيىنىڭ بوۋىسى دەپ بىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مەھمۇد قەشقەرى تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرىپىدۇر. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەھۇد قەشقەرىنىڭ ھەيكىلىنى چېقىپ تاشلىشى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىغا جەڭ ئېلان قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنى خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشىغا قارشى قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرىمەن.»

ئۇ يەنە مەھمۇد قەشقەرى ھەيكىلىنىڭ غايىب قىلغانلىقىغا قارىتا يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل مەدەنىيەت قىممەتلىرىمىزگە قاراتقان ھۇجۇمى يېڭى باشلانغان ئەمەس. (خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى) شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي تارىخى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئەجدادلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. خىتاي ھاكىمىيىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى تۈپ يىلتىزىدىن يۇلۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

ئۇ بۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە تۈرك كىملىكىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلاشتەك «خىتاي مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق سۇيىقەستى» نىڭ تۈرك دۇنياسىغا كۆرسىتىشكە تېگىشلىك مۇھىم پاكىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتۇشنىڭ مەكتەپلەردىن چەكلىنىشى، (خىتاينىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇنىدا) ئالىملىرىمىزنىڭ نابۇت قىلىنىشى، يۈزلىگەن داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۈرمىلەرگە ۋە لاگېرلارغا تاشلىنىشى، شۇنداقلا مىڭلىغان مەسچىتلىرىمىزنىڭ، تارىخىي ئىمارەت ۋە مازارلىرىمىزنىڭ چېقىپ بۇزۇۋېتىلىشى، ئەمدى مۇشۇنداق داڭلىق تارىخىي شەخىسلىرىمىزنىڭ ھەيكەللىرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن چېقىلىشى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان چوڭ سۈيىقەستىنىڭ ئۇچۇق پاكىتلىرىدۇر.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ھېنىرى شاجىۋىسكى ئىلگىرى قەشقەردە 3 يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ تەتقىقات ۋە ئۆگىنىشتە بولغان. ئۇ ھەم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىدۇر. بىز ئۇنىڭدىن مەھمۇد قەشقەرى ھەيكىلىنىڭ يوق قىلىنىشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

«شەخسىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ ھەيكەلنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ بەك ئۈمىدسىزلەندىم ۋە قايغۇردۇم. بولۇپمۇ مەن ئوپالدىكى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھەيكىلىنى ياخشى بىلەتتىم. مەن ئىلگىرى ئۇ ئورۇنغا دوستلىرىم بىلەن، يەنى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن زىيارەت قىلىپ بېرىپ تۇراتتىم. ئۇ ھەيكەل ۋە مازارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئۆگىنىدىغان مۇھىم يادىكارلىق ئورنى ئىدى.»

ئۇ يەنە سۆزىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى:

«مەھمۇد قەشقەرى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي شەخىسلىرىگە ئاتاپ تىلەنگەن ھەيكەللىرىنىڭ ئېلىۋېتىلىشى رايوندىكى مەسچىت، مازار ۋە قەبرىستانلىقلارنىڭ چېقىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كۆپلىگەن ھۆججەتلەردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇ ھەيكەللەرنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە غايىب قىلىنىشى ئاشۇ ۋەزىيەت تەرەققىياتنىڭ داۋاملىشىشىدۇر. چۈنكى بىزنىڭ بۇ يەردە كۆرۈشكە قادىر بولالىغىنىمىز پەقەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئامىللىرىنىڭ يوقىتىلىشى خالاس. (خىتاي) ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ تۇپراق بىلەن بولغان باغلىنىشىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

ئۇ بۇنى 20-ئەسىردە ئۆتكەن مۇستەبىت ۋە فاشىستىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ باشقا مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرىغا سېلىشتۇردى ھەمدە تارىختا باشقا مىللەتلەرگە قىلىنغان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھادىسىلىرىنىڭ ئوخشاش ئۇسۇلدا كۆرۈلگەنلىكى شۇنداقلا بۇلارنىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنغا تامامەن ئوخشىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى:

«بىزگە مەلۇم بولغاندەك، بىر مىللەتنىڭ سەرخىللىرىنى كۆزدىن يوقىتىپ، شۇ مىللەتلەرنىڭ ئىلىم ساھەسىنى تازىلاش ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر باسقۇچىدۇر. ئۆتمۈشتىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ياكى ناتسىستلار گېرمانىيەسى ۋە ياكى ھەرقانداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان ھاكىمىيەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۆزى يوقاتماقچى بولغان مىللەتنىڭ پۇقرالىرىنى قىرىش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئاساسلىرى، تارىخى نەمۇنىلىرى ھەم ئىلىم ساھەسىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن باشلىدى. مەن بۇ كۆرۈلۈۋاتقان ۋەزىيەت تەرەققىياتىدىن (دۇنيانى) ئاگاھلاندۇرىمەن.»

قالغان يوق قىلىنغان ئىككى ھەيكەلمۇ ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىملارغا ئاتاپ تىكلەنگەن ھەيكەللەر ئىدى. ھەيكەللىرى ئېلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن غازىباي ۋە ھۈسەيىنخان ئەكبەر تەجەللى 2000 نەچچە يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمىنىڭ پىشۋالىرى ۋە كېيىنكىلەرگە يەتكۈزگۈچىلىرىدۇر.

بۇرۇنقى خەۋەرلىرىمىزدە بېرىلگەن غازىباي ھەققىدىكى مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مىلادى 1200-يىللىرى ھىندىستاندا نەشر قىلىنغان «ھەدىقەتۇل ئەقالىم» (ھەر قايسى ئەللەر تەزكىرىسى) دېگەن قامۇستا غازىباي ھەققىدە مۇنداق مەلۇماتلار يېزىلغان ئىكەن:

«تارىم يايلىقىدىكى غازىباي قەدىمكى خوتەن دائىرىسىدىكى نۇرغۇن دورىلارنى يەكۈنلەپ، 312 ماددىلىق بىر دورا قامۇسى يازغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يۇنانلىق ئالىم ئەپلاتون ئۆز شاگىرتلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن. ئۇلار نەچچە مىڭ خىل ئۆت-چۆپ دورىلارنىڭ تارىم ۋادىسىنىڭ ھەممىلا يېرىنى قاپلىغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇلار غازىباينىڭ قامۇسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىلمىگە ئاپىرىن ئوقۇغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى ئاز دېگەندە مىلادىدىن 350 يىللار ئىلگىرى يېزىلغان دەپ قاراشقا بولىدىكەن.»

ھۈسەيىنخان تەجەللى ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ تىكلەنگەن ھەيكەل ھەققىدە 2016-يىلى خىتايدا چىقىدىغان «خەلق تورى» نىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدە مەخسۇس خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاغىلىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى 78مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغان، ھەيكەلتىراش ئەبەيدۇللا مەھمۇد لايىھىلىگەن، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى ئۇلۇغ ئالىم، شائىر تەجەللىينىڭ ھەيكىلى بۇ دوختۇرخانا قورۇسى ئىچىدە قەد كۆتۈردى.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى ئۇلۇغ ئالىم، شائىر تەجەللى 1856-يىلى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ زۇڭلاڭ يېزا ئايباغ كەنتىدە ئېلىم ئەھلى، ماھىر تېۋىپ قۇتبىدىن شاھ ھەزرەت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا ئاتىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج قىلىشقا بېرىپ، شۇ جايدا باشلانغۇچ مەلۇماتىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئاتىسى ئۇنى ھىندىستانغا ئېلىپ كېلىپ «دېھلى دارىلئۇلۇم» دا ئوقۇغاندىن كېيىن، ئىراننىڭ ئىسپىھان دارىلفۇنۇنى ۋە ئافغانىستاننىڭ «كابۇل دارىلفۇنۇنى» دا كۆپ تەرەپلەردىن بىلىم تەھسىل قىلغان. شائىر بىر قانچە يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا دۇنياۋى مۇھىم پەنلەردىن تىلشۇناسلىق، تارىخ، لوگىكا، تەبىئەت، ئاسترونومىيە، خىمىيە، تېبابەت، ماتېماتىكا قاتارلىق پەنلەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە ئالىي ماھارەتكە ئىگە بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلدىن باشلىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىت ۋە مازارلىقلارنى چېقىش دولقۇنى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن چىقىپ تۈزلەنگەن مىڭلىغان مەسچىتلەر ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى رادىيومىز تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز خەۋەر قىلىپ كېلىنىۋاتقان ئىدى. بۇ ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى چوڭ ھەجىملىك دوكلات 2019-يىلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولسا، 2020-يىلى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتى بۇ ھەقتە يەنە بىر چوڭ ھەجىملىك دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر ئىككى دوكلاتتا يېقىنقى مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدە چېقىلغان ۋە بۇزۇلغان مەسچىت ھەم مازارلىقلار سانىنىڭ 15 مىڭ غىچە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپلۈكى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، كانادا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر شۇنداقلا كۆپلىگەن خەلقئارالىق چوڭ تاراتقۇلار بۇ دوكلات ۋە خەۋەرلەرنى ئاساس قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ كەلمەكتە. مەزكۇر ھەيكەللەرنىڭ ئېلىۋېتىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە تارىخىنى ئۈچۈرىشدەك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئاشكارىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت