«ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرى ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-07-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 9-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل.
ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 9-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 19-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى، «ئۇيغۇررلانىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرى ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» دېگەن تېمىدا تېلېكامېرالىق يىغىن ئېچىلدى.

يىغىنغا دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى شۇنداقلا ساباھىددىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىقتىسادشۇناس دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئىقتىساد بىلەن مالىيەنىڭ ئوخشاشمايدىغان پەرقى ۋە تىجارەت بىلەن مەبلەغ سېلىشنىڭ پەرقىي ئۆسۈم بىلەن ئۆسۈمسىز مەبلەغ سېلىشنىڭ پەرقى، دېگەن مەزمۇندا توختالغاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇرلار نېمە سەۋەبتىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟ قانداق قىلغاندا بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالايدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز ئىقتىساد شۇناس دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور بۇرھان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ سودا-سانائەت ساھەسىدە ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىنى بايان قىلدى.

دوكتور بۇرھان ئەپەندى لېكسىيەسىنىڭ داۋامىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ جازانىغا كىرىپ قالمايدىغان ئۆسۈمسىز پاي چېكىلەرگە سەرمايە سېلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

دوكتور بۇرھان ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا ئۇچرىشىدا ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ بىرىنىڭ خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقە-مۇناسىۋەتلىرىنى كىسىۋەتكەنلىكى، يەنە بىرىنىڭ ۋۇخەندە ئوتتۇرىغا چىقىپ دۇنياغا تارقىلىپ كەتكەن كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن خەلقئارا سودا-تىجارەتلەرنىڭ توختاپ كەتكەنلىكى، ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىم مەنبەلىرىڭمۇ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ: «بۇلاردىن باشقا يەنە ئۆزىمىزنىڭ مۇقىم بىر ئىقتىسادىي كىرىمىمىز بولمىغانلىقىمۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراشقا سەۋەب بولىدۇ»، دېدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى غايە-نىشانلىرى توغرىسىدا توختالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت