ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسىدىكى خىرىسلار

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-01-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بروكىڭس ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭغا نەزەر: ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزگە چىققانلار. 2020-يىلى  16-يانۋار، ۋاشىنگتون.
بروكىڭس ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭغا نەزەر: ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزگە چىققانلار. 2020-يىلى 16-يانۋار، ۋاشىنگتون.
brookings.edu

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزى بولغان بروكىڭس ئىنستىتۇتىدا 16-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭغا نەزەر: ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكادىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقئارانىڭ ئەڭ چوڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقان مەۋجۇت سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبى ھەمدە بۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئىشلارنىڭ ئاللىقاچان كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىن ھالقىپ، ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىل-يېزىقىنى يوقىتىشتەك چۇقانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يول ئېچىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. يىغىندىن كېيىن بىز بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەشتۇق ھەمدە ئۇلارغا بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا تېخىمۇ كونكرېت شەكىلدە سوئاللارنى قويدۇق.

بولۇپمۇ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەرەققىيات» ۋە «ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەرەققىياتقا باشلاۋاتقانلىقى، ئەمما «چەتئەللەردىكى ‹دۈشمەن كۈچلەر› نىڭ بۇ خىل تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىماي، ئۇيغۇرلارنى زورلۇق ۋەقەلىرىگە كۈشكۈرتىۋاتقانلىق» كىشىلەرگە بەكمۇ تونۇش بولغان بىر مەزمۇندۇر. بىز بۇ مەسىلە ھەققىدىكى سوئالىمىزنى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆپلىگەن ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان تارىخشۇناس جېيمىس مىلۋاردقا قويغىنىمىزدا ئۇ بۇ يەردىكى «تەرەققىيات» ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتدار بولغۇچىلارنى دىققەتتىن ساقىت قىلماسلىق لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«شىنجاڭدىكى ‹تەرەققىيات› توغرىسىدا سۆز بولغاندا بىز ھەرقاچان بۇ ‹تەرەققىيات› نىڭ خىتايلار نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان شىمالىي شىنجاڭ رايونىغا بەكرەك مەركەزلەشكەنلىكىنى، باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىك بەكمۇ ئېغىر بولۇۋاتقان ھەمدە ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى يېزىلاردىكى نامرات دېھقانلارنى تەشكىل قىلغان جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا بۇ ‹تەرەققىيات› نىڭ ئۇنچىلىك ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. يەنە كېلىپ بۇ رايوندىكى ئاساسلىق تېما دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ نېرىسىغا ئۆتمەيدۇ. يېقىنقى يىللاردا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى جايلاردىن چىققان ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، كورلا ۋە باشقا شەھەرلەردە سودا بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ يېقىنقى يىللاردا ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. ھازىر بازارغا سېلىنىۋاتقان ‹نۇرغۇن ئىشسىز كىشىلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى› دېگەن داۋراڭلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەسلىدىنلا توغرا بولمىغان بىر ئىش. چۈنكى ئەسلىدە بىر ئوبدان ئىشى بار كىشىلەرنى خىتاي ئۆزى شەھەرلەردىن قوغلاپ ئىشسىز قىلىپ قويغان. خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ يۈز مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئىش ئىزدەپ يۈرۈۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلارمۇ كەلگەن يېرىگە قوغلانسا ئۇلارنىڭ ھەممىسى دەرھال ئىشسىز كىشىلەردىن بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، شىنجاڭدىكى پەرقلىق بولغان سىياسەت مۇشۇ خىلدىكى چاتاقلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا ھەمدە شىنجاڭغا خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشتەك ھادىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا مەنبە بولۇۋاتىدۇ. دېمەك بۇ مەسىلىلەرنى خىتاي ئۆزى پەيدا قىلىۋاتىدۇ.»

پروفېسسور جېيمىس مىلۋاردنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ خىل «تەرەققىيات» مەسىلىسى ئەسلىدىنلا كۆپلىگەن گۇمانلىق نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇنىڭ ئەڭ روشەن بولغان بىرى «قالاق» بولغان ئۇيغۇرلارنى «تەرەققىياتقا باشلاش» نامىدا ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى مىللىي كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلاشتا ئەكس ئەتمەكتە ئىكەن.

«مېنىڭچە، بۇ تەرەققىياتتا ئىزچىل تەڭسىزلىك كۆرۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆتكەن يىگىرمە يىلغا قارىغاندا ھازىر خېلىلا ياخشىلاندى، دېيىش مېنىڭچە مەنتىقىگە ئۇيغۇن. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى جاھىللارچە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بىر خاتا كۆزقاراش شۇكى، ئۇلار ‹ئۇيغۇرلار ئازراق باي بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ› ياكى ‹ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كېتىشى لازىم› دەپ قارايدۇ. ئۇلار نېمىشقا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئۇنتۇپ كەتكۈدەك؟ سىزمۇ بىلىسىز، نۆۋەتتىكى سىياسىي بۆھراننىڭ ئالدىدا خېلى كۆپ ساندىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇيغۇرلار، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ تەقۋالىرى بولامدۇ، ياكى ئەل قاتارى ئېتىقاد بىلەن كېتىۋاتقانلىرى بولامدۇ بىلىپ-بىلمىگەن ھالدا ‹مەن-جۇڭگولۇق ئۇيغۇر› دېگەننى ئاشكارا سۆزلەپ يۈرگەن. دەرۋەقە ئۇلار بەزى سىياسەتلەردىن ۋە كەمسىتىش قىلمىشلىرىدىن ئانچە-مۇنچە قاقشىغان. ئەمما ئۇلار مىللىي كىملىككە بېسىلغان بۇ خىل پەرق تامغىسىنى كۆرۈپ يەتمىگەن. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر بولۇش بىلەن ‹جۇڭخۇا مىللىتى› بولۇش، يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاي بولۇش ئوتتۇرىسىدا تۈپلۈك پەرق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى جاكارلاۋاتىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ئاشۇ شەكىلدە يوقىتىش نىشانى قىلىۋاتقاندا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا يېتەرلىك ئىنكاستا بولماسلىقىنى بىر قىسىم ئانالىزچىلار «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈۋەتكەن ئامىللارنىڭ بىرى» دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغاندا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون خانىم بۇ خىل ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ھالەتتە ھازىر ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، خەلقئارادىكى خىتاينى قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلىمەكتە ئىكەن.

«بۇ ئۇيغۇرلار خەتەرلىك كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا مەيلى كۆلەم ياكى سان جەھەتتە بولسۇن تارىختىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. ئەمما ئۇلار يەنىلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈۋاتىدۇ. نېمىشقا دېسىڭىز مۇشۇ خىل دەپسەندىچىلىككە جاۋابكار كىشىلەرنى ھېسابقا تارتىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى خىتاي بۇ خىل تىرىشچانلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشىدىكى بارلىق يوللارنى توسۇۋەتتى. شۇڭا خىتايغا قارشى ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىرلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇتۇقلۇق بولۇپ كەتمەيۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ھال ‹بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ دېگىنى دېگەن بولۇپ كېتىدۇ› دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى بىز ھازىر خىتاينى ئەيىبلەۋاتقان تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى زۇلۇم مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۆزلىرى كۈتكەندەك زور قوللاشقا ئىگە بولالمىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۆتكەن يىلى ئىيۇل ئېيىدا ۋە ئۆكتەبىر ئېيىدىكى خەلقئارانىڭ ئىمزا قويۇش پائالىيىتىدە خىتاينى قوللاش باياناتىغا قانچىلىك دۆلەتنىڭ ئىمزا قويغانلىقىغا قارىساقلا خىتاينى قوللاش سادالىرىنىڭ ئۇلار كۈتكەندىن خېلىلا ئاز بولغانلىقىنى بايقايمىز. مېنىڭچە بۇ كىشىلەر جەزمەن بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى رېياللىقنىڭ كۆپلىگەن شەكىللىرى ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن 50 نەچچە ئىلگىرىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە بىر قېتىم كۆرۈلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى رېئاللىق بىلەن قايسى دەرىجىدىكى ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆز بولغاندا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد بۇ خىل ئوخشاشلىقنىڭ شەكىل ۋە خاراكتېردە ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«چەتئەلدىكى مۇتەخەسسىسلەر ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› مەزگىلىدە شىنجاڭدا نېمىلەرنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمما بەزى خىتاي ئالىملار بىلەن بولغان سۆھبىتىمدە ئۇلار ماڭا ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي مۇشتۇمزورلۇق ھەممىلا يەرگە يامراپ كەتكەن ئاشۇ يىللاردا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكلەرنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ ئېغىر بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. شۇنداقتىمۇ بۇنىڭ كوچىلاردا قانداق كونكرېت شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەققىدە بىزدە ئېنىق مەلۇماتلار يوقنىڭ ئورنىدا. قارايدىغان بولساق ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى سىياسىي كۈرەشلەر ئەۋجىگە چىقىۋاتقان شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، بولۇپمۇ ‹تۆت كونىنى يوقىتىش› ھەرىكىتى مەزگىلىدە قىزىل قوغدىغۇچىلار ۋە باشقىلار مۇشۇ شوئار، مۇشۇ ئىدېئولوگىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە دەل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى باش ھۇجۇم نىشانى قىلغان. چۈنكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ‹فېئودال› ۋە ‹قالاق› دەپ قارالغان. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا زامانىمىزدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى دەل ئاشۇ ۋەقەلەرگە توغرا كېلىدۇ. يەنە ئالساق، ‹مەسچىتلەردە چوشقا باقتۇرۇش›، ‹چوڭلارنىڭ ساقاللىرىنى كېسىپ تاشلاش›، ‹ئاياللارنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى قىرقىۋېتىش›، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىكى سىمۋوللۇق ئوبيېكتلارغا ھۇجۇم قىلىش دېگەنلەر ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دەۋرىدە كەڭ ئومۇملاشقان، شۇنداقلا سېسىق نامى پۇر كەتكەن ھادىسىلەردىن ئىدى. ھازىر بولسا بۇنىڭ باشقىچە ۋارىيانتلىرىنى بىز كۆپلەپ كۆرۈۋاتىمىز.»

ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئاللىقاچان باشتىن كەچۈرۈپ ئۆتكەن مۇشۇنداق بىر قاتار تارىخىي پاجىئەلەر قايتا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى ئىنكاسىنىڭمۇ تارىختىكىگە ئوخشاش بولۇپ قېلىش-قالماسلىقى بىر قىسىم كىشىلەرنى ئويلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سودا سۆھبىتى ھەققىدىكى كېلىشىمنىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا بىرلىكتە ئىمزا قويۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىدا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا مىسۇرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېنى چېستنات سودا كېلىشىمى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى باغلىۋېلىشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«مەنچە بۇلار بىر-بىرىگە ئانچە بەك تەسىر قىلىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ھازىر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىشلار سودا سۆھبىتى جەريانىدا كوزىر قىلىپ ئىشلىتىلگەن ئەھۋالمۇ يوق ئەمەس. ئەمما ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشى سودا سۆھبىتى، سودا ئۇرۇشى ياكى سودا رىقابىتى بىلەن تەرەققىي قىلمايدۇ. خۇددى بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاڭلىغىنىڭىزدەك كەسىپداشلىرىم ھازىر تاشقى دۇنياغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان رەقەملىك نازارەت مېخانىزمى ھەمدە بۇنىڭ شىنجاڭدىكى زۇلۇمنىڭ كېڭىيىشىدە قانداق رول ئويناۋاتقانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى. شۇڭا بۇنىڭغا قارىغاندا سودا سۆھبىتى ئۇنچىلىك زور ۋەقە ئەمەس. سودا سۆھبىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىمۇ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنىڭ سودا سۆھبىتى سەۋەبلىك پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قېلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دەپ قارايمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ «لاگېرغا بارمىغانلىقى» ياكى ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى تۇغقانلىرىنى «يالغانچى» لىقتا ئەيىبلىشى ھەققىدىكى فىلىملارنى كۆپلەپ تارقىتىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار «بۇ خىتاينىڭ خەلقئارانى ئالداش ئۇرۇنۇشى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش پىلانى بۇنداق ئاسان ئەمەلدىن قالمايدۇ،» دەپ قارىماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت