تىموسىي گرۇس: «ئۇيغۇر بەدىنىنى گۈزەللەشتۈرۈش-مودا، زامانىۋىلىق ۋە خىتاينىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى دۆلەت كۈچى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تونۇلغان ئانتروپولوگ دوكتور راھىلە داۋۇت(ئوڭدا) ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتايشۇناسلىق بويىچە ياردەمچى پروفېسسور تىم گروس ئەپەندى ۋە خانىمى ئابىگاىل گروس بىلەن.
تونۇلغان ئانتروپولوگ دوكتور راھىلە داۋۇت(ئوڭدا) ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتايشۇناسلىق بويىچە ياردەمچى پروفېسسور تىم گروس ئەپەندى ۋە خانىمى ئابىگاىل گروس بىلەن.
Tim Grose ependi teminligen

خىتاي ھۆكۈمىتى 2011-يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدە «شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» دەيدىغان بىر ھەرىكەتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش-تۇرۇش، ياسىنىش ئادەتلىرىنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىپ، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. 2011-2012-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا بۇ تۈر سىياسەتلەر قاتتىق ئومۇملاشتۇرۇلغان بولۇپ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ھەرقايسىي مەھەللە كومىتېتلىرى، ئىش باشقارمىلىرى قورۇلىرىدا، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە ۋە كوچا-كويلاردا «گۈزەل ھۆسنى-جامالىمىزنى نامايان قىلىپ، سۇمبۇل چاچلىرىمىزنى لەپىلدىتەيلى» دېگەن شوئارلار كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلغان. مەھەللە كادىرلىرى ھەتتا كوچىلارغا چىقىپ «يوپكا كېسىش» ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېر تۈزۈمى يولغا قويۇپ، 2 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مېڭىسىنى مەجبۇرىي ھالدا يۇيۇپ، ھەتتا ئۇلارنى قېيىن-قىستاققا ئېلىش ئارقىلىق ئۆز دىنى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىغان بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا، لاگېر سىرتىدا قالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۇقىرىدىكىدەك ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتلەرنى «دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغان، شىنجاڭغا خاس سالاپەتلىك، جەلپكار يېڭى دەۋر ئاياللىرىنى يېتىشتۈرۈش» دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە سىغىدىغان قىلىپ «ئۆلچەملەشتۈرۈش» ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى، دەپ قارىماقتا ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىزچىل نىشان قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان دوكتور تىمۇسىي گرۇس 11-ئۆكتەبىر كۈنى «ۋېست مىنىستىر ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ تور بېتىدە «ئۇيغۇر بەدىنىنى گۈزەللەشتۈرۈش-مودا، زامانىۋىلىق ۋە دۆلەتنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى كۈچى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىمىنى «ئۆلچەملەشتۈرۈش» سىياسىتىنى مۇلاھىزە قىلدى. ئۇنىڭ ماقالىسىدە يوپۇرغا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە «ئاياللارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى كىيىم-كېچەكنى ئۆلچەملەشتۈرۈش كۆرگەزمە پائالىيىتى» دەپ لوزۇنكا ئېسىلغان بىر پائالىيەتتە مودېللىق قىلىۋاتقان بىر قاتار ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سۈرىتى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، تىموسىي بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىشتان، قىسقا يوپكا ۋە كاستۇم كىيدۈرۈلگەن بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىدا تارىم ۋادىسى ۋە فەرغانە ۋادىسىدە ياشايدىغان تۈركىي مۇسۇلمان ئاياللىرىغا خاس بولغان ئوسما، خېنە ۋە ئۆرۈلگەن چاچ قاتارلىق ياسىنىش ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئەسەرمۇ يوق» دېگەن.

ئۇ ماقالىسىدە تۆۋەندىكىلەرنى مۇلاھىزە قىلغان: «خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلىدىن باشلاپ›ئۈچ يېڭى› ھەرىكىتى قوزغىدى. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەربىيەلەش-ئۆگىنىش، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە كۇرسلاردىن تەشكىل تاپقان بىر پروگرامما ئارقىلىق› يېڭىچە ھاياتقا باشلامچىلىق قىلىپ، يېڭىچە مۇھىت بەرپا قىلىش ۋە يېڭىچە تۈزۈمنى ئورنىتىش› نى تەشۋىق قىلدى. يۇقىرىقى بۇ ھەرىكەتلەرنى باشلاشتا ‹غەلىتە كىيىملەرنى كىيىشكە قارشى تۇرۇش› تىن ئىبارەت مۈجمەل بىر سۆز ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىكى ئىشارەت قىلىنىۋاتقىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش ئۇسۇلىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش يەنى ئۇنى خىتايلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ»

بۇ ھەقتە تەتقىقات يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكىمۇ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش ئۇسۇلىدا ئەكس ئەتكەن ئۇيغۇر كىملىكىدىن راھەتسز بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كىيىم-كېچەكمۇ تىل، دىن، مەدەنىيەتكە ئوخشاشلا مىللىي ۋە دىنى كىملىكنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىلىنىشىدۇر. ئۇيغۇر ئاياللىرى كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئۇسۇلىدىكى پەرق ئارقىلىق ئۆزلىرىنى خىتاي مىللىتىدىن پەرقلەپ كەلگەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مۇشۇ ئارقىلىق خىتايلاردەك ھەرىكەت قىلىشنى، خىتايلاردەك كۆرۈنۈشنى ئۆگەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا مەن بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارايمەن. تىمۇسىينىڭ ماقالىسىدە بۇ سىياسەتنىڭ ئىشلەش جەريانى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈلگەن.»

دوكتور تىمۇسىي گرۇس ماقالىسىدە ئاتۇش ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئاياللارنىڭ مۇشۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا ئائىت خىتاي ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنى ناھايىتى ئەتراپلىق ئانالىز قىلغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەرقايسى يەرلىك ئورگانلاردا ئاياللار مەجبۇرىي ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان «گىرىم قىلىش ۋە چاچ ياساش كۇرسلىرى» مانا شۇ سىياسەتلەرنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. مەسىلەن، ئۇلۇغچات ناھىيەسى يېقىندا بىر خەۋەر تارقىتىپ، ناھىيە تەۋەسىدە يۈزدىن ئوشۇق ئايالنىڭ 20 كۈنلۈك «يېپىق كۇرس» قا قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ياتاقلىق مەكتەپلەردە گىرىمچىلىك ۋە چاچ ياساشنى ئۆگەنگەندىن سىرت يەنە خىتاي تىلى ۋە قانۇنى بويىچىمۇ دەرس ئالغانلىقىنى بايان قىلغان. تىمۇسىي ماقالىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ «مانا شۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇدىكى، ئاياللارنىڭ گىرىمچىلىك ۋە چاچ ياساش كۇرسلىرى ئەمەلىيەتتە رايوندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان «يىغىۋېلىش-‹قايتا تەربىيە مەركەزلىرى› گە ۋەكىللىك قىلىدۇ،» دەپ ئەسكەرتكەن.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەسلىدىكى كىيىش ئۇسۇلىنى ۋە گۈزەللىك قارىشىنى نورمالسىز قىلىپ كۆرسىتىش، ئۇنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سۇنۇلغان ياسىنىش ۋە كىيىنىش ئۇسۇلىنى نورماللاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق رايوندا ئىشغال قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ بەدەن ۋە تەپەككۇرىغا ھاكىم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئالدى بىلەن تەقى-تۇرقىنى ئۆزگەرتىپ ئاندىن ئۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىشكە بولغان ئىشەنچىسىمۇ چوڭقۇر ئىكەن.»

تەتقىقاتچى ھېنرىي شاجېسكىيمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۆزگەرتىپ ياساش ھەرىكىتى تولىمۇ قورقۇنچلۇق. بۇنىسى ئىنتايىن مۇقەررەر. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ھەربىر ساھەسىنى مۇتلەق كونترول ئاستىغا ئالغان بىر ۋەزىيەتتە. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بىز ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى ئۆچۈرەلەيمىز، دەپ ئۆزىگە ئىشىنىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ھازىرچە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ كېلەچىكىگە باھا بېرىش قېيىن بولۇش بىلەن تەڭ مەن ئۇنىڭ شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقىغا، يەنى پۇرسەت كەلگەن تەقدىردە ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى ھازىر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىللىي مەدەنىيەت ئويغىنىشى كۈچلۈك» دەپ كۆرسەتتى

دوكتور تىمۇسىي گرۇسمۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا بۇنداق ئۇسۇلنىڭ ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەرلىك ئىندىيان خەلقىگە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، نەتىجىدە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقانلىقىنى بايان قىلىپ، ماقالىسىنى تۆۋەندىكىدەك ئاخىرلاشتۇرغان: «يۇقىرىقى بۇ تارىخ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر ئۈمىد، دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇلار ئۆز قەلبىدە مىللىي مەدەنىيىتىگە، تىلىغا ۋە جۇغراپىيەلىك يىلتىزلىرىغا سادىق قالغان مۇددەتچە ئۇيغۇرلۇق قايتىدىن چېچەك ئاچىدىغان، يەنە كېلىپ ئۇلار (ئۇيغۇرلار) نېمىنى خالىسا شۇ تەرىقىدە گۈللەيدىغان زامانلار كېلىدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت