ئامېرىكا ۋە كانادادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاي تەھدىتى ھەققىدە كۈچلۈك مۇنازىرىلەر بولدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كانادا ئۆكتىچى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېرىن ئونول(Erin O'Toole) ئەپەندى كانادا پارلامېنتىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 21-ئۆكتەبىر، ئوتتاۋا، كانادا.
كانادا ئۆكتىچى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېرىن ئونول(Erin O'Toole) ئەپەندى كانادا پارلامېنتىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 21-ئۆكتەبىر، ئوتتاۋا، كانادا.
REUTERS

نۆۋەتتە غەرب ئەللىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دېموكراتىيەسىگە ۋە ئۇنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتلىرى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي تەھدىتىگە قارشى تەدبىر قوللىنىشى زور مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا. بۇنداق مۇنازىرىلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولدى. 19-ئۆكتەبىر كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇنازىرە يىغىنىدا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە شۇنداقلا خوڭكوڭدا تۇرۇۋاتقان كانادالىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىيالمايۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە بولدى.

كانادا پارلامېنتىدىكى مۇنازىرىدە ئۆكتىچى پارتىيە باشلىقى ئېرىن ئوتولې كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە لايىقىدا جاۋاب قايتۇرالمىدى، دەپ تەنقىدلىدى. كانادا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە شۇنداقلا مالىيە مىنىستىرى كىرىستىيا فىرىلەند بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ «كانادا ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوغداپ كەلدى. شۇ سەۋەبلىك بىز خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىك نامايىشلىرىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى ۋە خوڭكوڭدىكى 300 مىڭ كانادالىقنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىمىزنى جاكارلىدۇق ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلدۇق» دېدى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترىدۇ ئۇزۇن داۋام قىلغان سۈكۈتتىن كېيىن ئالدىنقى ھەپتە تۇنجى قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلغانىدى. جاستىن ترۇدو سۆزىدە «خالىغانچە قولغا ئېلىش، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى باستۇرۇش ۋە مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلىرىنى لاگېرلارغا قاماش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ھەرگىزمۇ ئىجابىي چىقىش يولى ئەمەس» دەپ، كانادانىڭ بۇندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تېرۇدو بۇ سۆزلەرنى خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سوڭ پېيۋۇ 15-ئۆكتەبىر ۋىدېيودا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كانادا پارلامېنت ئەزالىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىشقا چاقىرىپ ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن قىلغانىدى. شۇندىن كېيىن ئۇ كاناداغا قاراتقان تەھدىتىنى داۋام قىلىپ خوڭكوڭدا ياشاۋاتقان كانادالىقلارغىمۇ قاراتمىلىق شەكىلدە تەھدىت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى زور نارازىلىق قوزغىغانىدى.

ئۆكتىچى لىدىر ئېرىن ئوتولې بولسا كانادا پارلامېنتتىكى مۇنازىرىدە بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتلىرىگە قايتۇرغان جاۋابىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك بولمىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە «خىتاي ئەلچى تېخى بۈگۈن ئەتىگەندە ئەگەر كانادا پارلامېنتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي تازىلاشنى رەسمىي يوسۇندا ئەيىبلىسە ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم تەھدىت خاراكتېرلىك سۆز قىلدى. ئۇلار خوڭكوڭدىكى كانادالىقلارنىمۇ تەھدىت قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ پارلامېنتىمىزنى تەھدىت قىلدى. باش مىنىستىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۈچۈن خىتاي ئەلچى يەنە كىمنى تەھدىت قىلىشى كېرەك؟» دېدى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر كىرىستىيا خانىم جاۋاب بېرىپ «مەن شۇنى ئېنىق دەپ قويايكى، مەن كوممۇنىست رېجىمىنىڭ خاراكتېرىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىمەن. . . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا جۈملىدىن مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكى مەسىلىسىدە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى ھەردائىم ئوچۇق ۋە كەسكىن. ھۆكۈمىتىمىز يەنە خوڭكوڭدىكى 300 مىڭ كانادا پۇقراسىنىمۇ قەتئىي قوغدايدۇ. بىز ئۇلار بىلەن بىللە!» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

19-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تىۋىتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى سۆزلىگەندىمۇ ئۇيغۇرلارنى مىسالغا ئالدى. ئۇ يوللانمىسىدا «خىتاي كومپارتىيىسى مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ ئادەمنى جازا لاگېرلىرىغا سولىدى. ئۇلار ئېتىقادقا قارشى توختاۋسىز ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ھەتتا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە ھامىلىدار بولۇشنى چەكلەشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ئەسىرگە چۈشكەن مانا بۇ داغلار بىزگە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەكتە» دېدى.

19-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە، ئامېرىكانىڭ «CNBC» تېلىۋىزىيەسىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دېموكراتىيەسىگە، ئۇنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا پەيدا قىلىۋاتقان زور تەھدىتى ھەققىدە سۆز بولدى. بۇ زىيارەت پروگراممىسىدا پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى، پېنسىيەگە چىققان قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرال پولكوۋنىكى ماكماستىر سۆز قىلىپ، كېلەر ئايدىكى سايلامدا مەيلى كىم ئۇتۇپ چىقىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ چوقۇم ھەم كۈچلۈك ھەم تاجاۋۇزچىلىق روھىغا ئىگە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ماكماستېر مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە كىم 20-يانۋار قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرسا ئولتۇرسۇن، خەلقئارالىق ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، خىتاي ھەربىي چىقىمىنى 800% ئاشۇردى. بۇ تارىختىكى تىنچلىق دەۋرىدە ئەپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ ھەربىي زورىيىش»

ئۇ سۆزىدە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە، دۇنيا تېنچلىقىغا، دېموكراتىيەگە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا زور تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەندە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىن دۇنيانى نىشانغا ئالدى. مەسىلەن ئۇنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئاشكارىلىغان دوختۇرنى قولغا ئېلىپ ۋىرۇسنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا يول ئېچىشى، مۇتىھەملەرچە دىپلوماتىيە يۈرگۈزۈشى، بىزنىڭ مېدىتسىنا ۋە دورىگەرلىك تەتقىقات مەركەزلىرىمىزگە زور كۆلەملىك تور ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشى، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ ھىمالايادىكى ھىندىستان ئەسكەرلىرىگە زوراۋانلارچە قانلىق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشى دېگەنلەرگە قارايدىغان بولساق بىز بۇنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە شى جىنپىڭ تېخى ئالدىنقى ھەپتە خىتايدىكى بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى قامىغان لاگېرلارنى يەنە داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ يەنە تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي كۈچىنى زورايتىۋاتىدۇ.»

ماكماستىر سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «مانا بۇلاردىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكى، بۇ پەقەت ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئەركىن دۇنيا بىلەن خىتاينىڭ مەسىلىسى، ئەگەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىرلىكتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقى شۇنداقلا جىسمانىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرغاندىلا، ئاندىن شى جىنپىڭگە ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئىستراتېگىيەسىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئۈنۈملۈك ھالدا بىلدۈرۈپ قويغىلى بولىدۇ».

يېقىندا ئامېرىكانىڭ نوپۇزلۇق ئىستاتېسكا تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بولغان «پېۋ تەتقىقات مەركىزى» مۇ بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىپ، غەرب دۆلەتلىرىدىكى خەلق ئارىسىدا خىتاي ھەققىدىكى سەلبىي كۆز قاراشنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، «پېۋ تەتقىقات مەركىزى» 14 دۆلەتتە بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئىلغار ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە خىتايغا بولغان سەلبىي كۆز قاراش ئۆسكەن، ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاي ھەققىدىكى مەنپىي (پايدىسىز) پىكىر شىددەت بىلەن ئاشقانىكەن. مەسىلەن، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، ئامېرىكا، كورېيە، ئىسپانىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بۇ تېمىدا ئەپ بېرىلىۋاتقان راي سىناشتا خىتاي ھەققىدىكى سەلبىي قاراشلار ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن. ئاۋسترالىيەدە خىتايغا بولغان سەلبىي قاراشلار كۆپىيىپ، ھازىر81% كىشى بۇ دۆلەتنى پايدىسىز دەپ قارايدىكەن، بۇ بۇلتۇرقىدىن24% ئاشقان. ئەنگلىيەدە بولسا تۆتتە ئۈچ قىسىم كىشى سەلبىي قارايدىغان بولۇپ، ئىلگىرىكىدىن 19% ئۆرلىگەن. ئامېرىكادا، پرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، جۇڭگوغا بولغان سەلبىي قاراشلار 20 پىرسەنت ئۆرلەپ، بۇلتۇرقىدىن 13 پىرسەنت ئاشقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت