تۈركىيەدە ئۇيغۇر ناخشىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-11-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدىكى كونسېرتتا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى. 2019-يىلى نويابىر.
تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدىكى كونسېرتتا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى. 2019-يىلى نويابىر.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدىكى كونسېرتتا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلگەندىن سىرت ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىمۇ ئاڭلىتىلغان.

بۇرسادىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى مۇزىكا تەتقىقات مەركىزى، بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە تۈرك تەرەققىيات ئىدارىسى ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئىككىلا پائالىيەتتە ئۇيغۇر ناخشا-مۇقاملىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتى ئاڭلىتىلغان.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى مۇزىكا تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇرسادا تۈركىي مىللەتلەر مۇزىكا تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن تۈرك دۇنياسى كونسېرت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. بۇنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىمىز تۈركولوگىيەنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان تۈركىي مىللەتلەر مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلىش، ئۆگىتىش ۋە ئىلمىي دوكلاتلار ئارقىلىق بۇ ساھەگە ماتېرىيال ۋە مەنبە تەمىنلەشتىن ئىبارەت».

دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى يىغىنغا تۈركىيەدىن ۋە چەتئەلدىن ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، شۇ كۈنى ئاخشام كونسېرت بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يىغىنغا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى راچېل خاررىس خانىم، ۋېنگىرىيەلىك تونۇلغان مۇزىكىشۇناس پروفېسسور جانوس سىپوس ئەپەندى، قازاقىستانلىق مۇزىكىشۇناس قايىرگازى تۆلەن ئەپەندى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مۇزىكىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر قاتنىشىپ، ئۆزلىرى تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتلارنى ئوقۇپ ئۆتتى. شۇ كۈنى يەنى 3-نويابىر كۈنى ئاخشام سەنئەتچىلەر كونسېرت بەردى. كونسېرتتا ئۇيغۇر ناخشىچى رەھىمە مەخمۇت خانىم ئۇيغۇر مۇقام ۋە ناخشىلىرىدىن ئۆرنەكلەر سۇندى».

كونسېرت ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلغان سەنئەتچىسى ئابدۇرېھىم ھېيىتنى تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلاندى. مۇزىكا كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئالغان ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى كونسېرتنىڭ ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ «ئۇچراشقاندا» دېگەن ناخشىسى بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قولۇمدىكى دۇتار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چالغۇ ئەسۋابى، تۈركىيەدىكى «باغلاما» دېگەن چالغۇ دۇتاردىن كەلگەن. دۇتارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇستىسى ئابدۇرېھىم ھېيىتتۇر. ئەپسۇس خىتايدا جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى. بۈگۈنكى كونسېرتىمىز ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ‹ئۇچراشقاندا› دېگەن ناخشىسى بىلەن باشلىنىدۇ».

رەھىمە مەخمۇت خانىم يەكشەنبە كۈنى ئاخشام بەرگەن كونسېرتىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مۇقامىنى، ئارقىدىن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن ئۆرنەكلەر سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇرسا شەھىرىدىكى تەييارە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرتتا تۈركىيەدە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ناخشىلىرىنى ئوقۇپ داڭ چىقارغان گۈردال ئەپەندى، قازاقىستانلىق تونۇلغان ناخشىچىلارمۇ ناخشا ئورۇندىغان. لېكىن ئۇيغۇر ناخشىلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشكەن. رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ ھەقتە توختالدى.

تۈركىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان بۇرسا شەھىرىدىكى بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ھەر قايسى كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 120 ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇلقادىر ئابدۇلكېرىم كونسېرتقا بارغانلىقىنى، ئۆز ۋەتىنىدىن ئۇزاق بۇرسا شەھىرىدە «ۋەتەننى سېغىندىم، مەكتۇپ يازماي ئۆزۈڭ كەل» دېگەن ناخشىلارنى ئاڭلىغان ۋاقتىدا قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇرسادىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تۈرك دۇنياسى مۇزىكا تەتقىقات مەركىزى تۈركىيەدە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مۇزىكىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىردىنبىر تەتقىقات مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت