«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىشى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنى ھاياجانلاندۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ئىشلەپ چىققۇچى شەخسلەردىن ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبيو ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2020-يىلى 31-يانۋار، ۋاشىنگتون.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ئىشلەپ چىققۇچى شەخسلەردىن ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبيو ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2020-يىلى 31-يانۋار، ۋاشىنگتون.
AFP

14-ماي كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستان ۋە ئۇنىڭغا قوشنا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى.

خىتاينىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقىمۇ خەلقلەرگە قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىنى يورۇتقان مەزكۇر قانۇن لايىھەسى توغرىلىق قازاقىستانلىق ۋە قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى پۈتكۈل دۇنيا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار بىر نەچچە ئايدىن بۇيان كۈتكەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سېناتورلىرىغا پۈتكۈل مەركىزىي ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى نامىدىن چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئەھمىيىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بىرىنچى، خىتايدىن باشلانغان ۋىرۇس پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنى ۋەھىمىگە سېلىپ، دەھشەتلىك قىينىلىۋاتقان مەزگىلدە، مۇشۇنىڭ تەسىرىدىن غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان بىر ۋاقىتتا سەھنىگە كېلىشى ناھايىتى مۇھىم. بۇ قانۇن دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا بېرىشىنى خالايمىز. ئۇنىڭ ئىمزا قويۇشىغا ئىشەنچىم كامىل. يەنە بىر ئەھمىيىتى شۇنىڭدىكى، ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى لاگېرلارغا قامىۋېلىپ، مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىۋاتقان بىر زاماندا بۇ خىتايغا بېرىلگەن قاتتىق زەربە بولىدۇ. دۇنيادا مۇشۇ قانۇن ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەقىبلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا ئەدلىيەلىك ئاساس پەيدا بولىدۇ. شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە زور ئىلھام بېرىدۇ ھەم دۇنيادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە چوڭ تەربىيەۋىي ئاساس پەيدا بولىدۇ.»

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، ئامېرىكا چىقارغان قانۇنغا ئەگىشىپ، ئىسلام دۇنياسىدا شۇنداق بىر قانۇنلارنىڭ يا بولمىسا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىنكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى مەسلىھەتچىسى، پېشقەدەم ژۇرنالىست رىزا سەمەدى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكى ئاستىدا دەپسەندە بولۇۋاتقان خەلقىمىزگە ئۈمىد-ئىشەنچ بېرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئۇيغۇر كىشىلىك قانۇنىدا ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان خىتاي رەھبەرلىرىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شۆھرەت زاكىرغا ئوخشاش قول-چوماقلىرىنى جازالاش، ۋەتىنىمىزدىكى جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازاد قىلىنىشى ۋە باشقىمۇ چارە-تەدبىرلەر ئەكس ئېتىلگەن. قانۇندىكى بۇ مەزمۇنلار بىز، ئۇيغۇرلارنى، ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكادىن، بىز، ئەلۋەتتە، مىننەتدارمىز.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەزالىرىنىڭ بىرى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ ئۈمىد، خۇشاللىق ۋە ئەڭ مۇھىمى، كېلەچەكتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكىگە ئىشەنچىنىڭ پەيدا بولۇشى ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئۇيغۇر داۋاسىدا ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەن بارلىق پائالىيەتچىلەر، بولۇپمۇ ياشلار ئۈچۈن چوڭ بىر مەدەت بولىدىكەن.

سەدىردىن ئايۇپوف مۇنداق دېدى: «ھازىر ياشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىدە ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ ئەركىن بولۇشىغا كۆزى يەتمەسلىك ئوخشاش شۇنداق بىر ئېغىرچىلىق پەيدا قىلغانتى. ئەمما قانۇن لايىھەسى شۇنداق بىر كۆز قاراشلارنى، يەنى ئۈمىد ئۈزۈشنى ئېلىپ تاشلىدى. بىزگە قانۇن لايىھەسى ماددىي جەھەتتىن ياردەم بەردى. بىز مەيلى ئىقتىساد تەرەپتىن بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش تەرەپتىن بولسۇن، كۆپ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىمىز. بۇ قانۇننى قوللىنىش ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە باغلىق. شۇنىڭغا قاراپ بۇ قانۇن بىزگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.»

سەدىردىن ئايۇپوف يەنە بۇ قانۇن لايىھەىنىڭ خىتاي ئۈچۈن بىر زەربە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس رەھىم ھاپىزوف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ كېڭەش پالاتاسى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا مىللەت ۋەكىللىرىنى ئازادلىققا چىقىرىشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا ئوخشاش تەكلىپلىرىنى خىتاي ئالدىغا قويغان. ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قوغداش بۇ ئەڭ مۇقەددەس ۋە شەرەپلىك ئىش. ئۇيغۇر خەلقى پۈتكۈل خەلقئارانىڭ ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھەم كۈچلەرنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە زور ئۈمىد بىلەن قارىماقتا.»

رەھىم ھاپىزوفنىڭ قارىشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىشى ۋە بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ بىر مەنىۋى، سىياسىي ياردەم ھەم روھىي ئوزۇق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ قارابالتا شەھەرلىك شۆبىسىنىڭ رەئىسى ھاجىمۇرات ھاشىموف مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇننىڭ ئامېرىكادا چىققىنىغا بىز ناھايىتى خۇشال. سەۋەبى ئامېرىكا دېموكراتىك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرقى ۋاقىتتا ئۇ خىتاينىڭ كىم، ئۇيغۇرلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلدى. كېلەچەكتە لاگېرلار يېپىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن دۆلەتتە ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قولۇمىزدىن كەلگەن ئىشنى قىلىمىز.»

مەلۇمكى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلەرنى ھېچ بىر سوت-تەرگەۋسىز تۈرمىلەرگە ۋە ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامىشى دۇنيا ئۇيغۇرلىرى بىلەن بىر قاتاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتتىق نارازىلىقىنى تۇغدۇرۇپ كەلگەنىدى. بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆز مەملىكەتلىرىدىكى شارائىت تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرگە بېغىشلاپ ياۋروپا، ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە باشقىمۇ ئەللەردىكى قان-قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش ئوچۇق نامايىشلارنى ئۆتكۈزەلمىسىمۇ، ئەمما ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت