«ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى» 1-ئۆتكەلدىن ئۆتتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلغان «ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن» لايىھىسى 3 كە قارشى 406 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. 2020-يىلى 23-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلغان «ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن» لايىھىسى 3 كە قارشى 406 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. 2020-يىلى 23-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
live.house.gov

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەڭ كەسكىن تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئەڭ يېڭى بىر قەدەم 22-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلغان «ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن» لايىھەسىنڭ 3 كە قارشى 406 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى بولدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جىم مەكگوۋېرىن مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ۋە ئاۋازغا قويۇلۇشىدا ئەڭ زور كۈچ چىقارغان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئاۋازغا قويۇشنىڭ ئالدىدا ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «دۆلەت مەجلىسى ئۈچۈن ئەمدى ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. چۈنكى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر سىستېمىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشى ھەمدە كېڭەيتىشىگە ئەندىشە ئىچىدە قاراپ تۇردۇق. ئەمدىلىكتە ئاشۇ لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز» دېدى.

بۇ يېڭى قانۇن لايىھىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە ئارقا تىرەك بولغان ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرنى «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» گە مەجبۇرلاش قىلمىشىنىڭ كەسكىن رەت قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىسپاتلانغان مەھسۇلاتلارنى ‍ئامېرىكا تاموژنىسىدا مۇسادىرە قىلىشتىن خىتاي ئېكسپورت قىلىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشتىن مەنئى قىلىشقا قاراپ يۈزلىنىشتە بۇ زور بىر ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئاۋازغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى مەخسۇس سۆز قىلىپ: «بىز ئىنسانىيلىقتىن ھالقىپ كەتكەن مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنى توسماقچى بولۇۋاتىمىز. بىز بۇ ئارقىلىق بېيجىڭغا بۇ خىل دەپسىەندىچىلىككە خاتىمە بېرىش لازىملىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر يوللاۋاتىمىز» دېدى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات بۇ قانۇن لايىھىسىنى ھەرقايسى پالاتا ئەزالىرىغا تونۇشتۇرۇشتا ئاكتىپ پائالىيەتتە بولۇپ كېلىۋاتقانىدى. ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ قانۇن لايىھىسى ھەققىدە سۆز بولغاندا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەشلا ئەمەسلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى:
ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل مەككول بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش ئالدىدا «تۆپىلىك» گېزىتىگە بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز يېقىندا خىتايدىن كەلگەن 13 توننا چاچنى مۇسادىرە قىلدۇق. بۇ خىلدىكى ئىنسانلارنىڭ چېچىنى كېسىۋېلىپ سېتىش قىلمىشى ناتسىستلار دەۋرىدىن بۇيان قايتا كۆرۈلۈپ باقمىغان. شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى بۇ جىنايەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن مەن بۇ قانۇن لايىھىسىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن» دېگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئىلشات ھەسەن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ماقۇللىنىشىدىن شاتلانغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى قەبىھ «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» نىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئاھ-زارىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى، يېقىن كەلگۈسىدە بۇنىڭدىنمۇ زور ئىلگىرىلەشنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى» ھەققىدە سۆز قىلغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ھازىر ھەممىگە مەلۇم بولۇۋاتقان خىتاي ئېكسپورتىدىكى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ بىردەك ئۇيغۇرلار دىيارىنى خام ئەشيا مەنبەسى قىلىدىغانلىقى، يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ئاساسلىق پاختا مەھسۇلاتىنىڭ مۇشۇ رايوندىن كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ بۇ ھالقىلارنىڭ ھەر ئىككىسى، يەنى مەھسۇلاتنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە بازارغا تەييارلاش باسقۇچى بىردەك ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇزى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز بۇنداق ئەھۋالدا پاختا مەھسۇلاتلىرىنى خىتايدىن ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلىشىمىز لازىم. بۇنىڭدا خىتاي ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ ھەمدە بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىشقا مەجبۇرلىنىدۇ» دېگەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا يوللىنىش ئالدىدا بولۇپ، ئامېرىكادىكى زور سايلام ۋە ئالىي سوتنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇشقا ئۈلگۈرەلمەي قالسا 2021-يىلى يېڭىۋاشتىن ئاۋازغا قويۇلىدىكەن. ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى:
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم ئادەتلەنگەن كونا مۇقامدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ پۈتۈنلەي بىزگە قارا چاپلاش. غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر يەنە بىر قېتىم يالغاننى توقۇپ چىقىۋاتىدۇ» دېگەن. ئەمما ئىلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل باياناتلىرى ھازىر ھېچكىمنى ئىشەندۈرەلمەيدىغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئەكسىچە يوسۇندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمنى پاش قىلىش غەيرىتىگە تېخىمۇ زور غەيرەت ۋە شىجائەت ئاتا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى باھالاپ چىقىش ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقلىرى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن توختاپ قالغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق پەيتتە بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ماقۇللىنىشى ئۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» دىن كېيىنكى ئىككىنچى قانۇن بولۇپ قېلىشىدا يېڭى ئۈمىدلەرنى پەيدا قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت