«ئۇيغۇر-2019» قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ۋە خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى تۈركىيەدە زور غۇلغۇلا قوزغىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2019-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا پۈتۈن دۇنيانى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرماقتا. 2019-يىلى دېكابىر. (ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان سىندىن ئېلىنغان)
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا پۈتۈن دۇنيانى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرماقتا. 2019-يىلى دېكابىر. (ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان سىندىن ئېلىنغان)
RFA/Azigh

يېقىندىن بۇيان «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» تەرىپىدىن خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە سىياسىيونلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەندى. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلانغان بولۇپ، تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا بۇ توغرىلىق خەۋەرلەر كەڭ يەر ئالدى.

تۈركىيەدىكى مەتبۇئاتلاردا «خىتاينىڭ پۇلى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئېغىزىنى جىمىقتۇردى»، «زۇلۇم لاگېرلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش قوللانمىسى»، «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى بىسىم سىياسەتلىرىنىڭ بەلگىلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى» قاتارلىق ناملاردا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر كەڭ تونۇشتۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر تۈرك مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئانالىز قىلىندى.

«قارار» گېزىتىنىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى، خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ۋە سىياسەت بىلىمى مۇتەخەسسىسى مەنسۇر ئاق گۈل ئەپەندىمنىڭ «خىتاينىڭ قىلالايدىغان ئەڭ توغرا ئىشى. . .» ناملىق ئوبزورى بۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپتور ماقالىسىدە يېقىندا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر تۈپەيلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە لاگېر مەسىلىسىنى ئىنكار قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. ماقالىدە ئاپتور خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن بولۇپ، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلار ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئىلىپ كېلىشىنىڭ ئاقىلانىلىك بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاپتور ماقالىسىدە يەنە تۈركىيەنىڭ بىۋاسىتە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىد قىلىشىنىڭ تۈركىيەنى بەزى ئىقتىسادىي ئىمكانلاردىن مەھرۇم قالدۇرىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر رايونىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىممۇ بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى ھەقىقىي يۈزىنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدىغان ھۆججەتلەرنى ئانالىز قىلغان. دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىم ماقالىسىدە «كۈنمىڭ ۋەقەسى» يۈز بەرگەندە ئەتراپتىكى ساقچىلارنىڭ ئىنكاس بىلدۈرمىگەنلىكىگە ئەجەبلەنگەنلىكىنى، بىراق كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر رايونىدا ئەڭ قاراڭغۇ دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرۈپ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگەنلىكىنى ئېيتقان.

بىز يېقىندا تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. تاھىر ئىمىن ئەپەندىم تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغاندىن كىيىن تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا ياكى شەخسى تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە بۇ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا غەربىنىڭ باشلامچىلىق رول ئويناۋاتقانلىقىغا ئاكتىپ ۋە ئىجابىي باھا بېرىشقا باشلىدى. ‹نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى› ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاشكارىلىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرىدىن كېيىنمۇ كەڭ غۇلغۇلا قوزغالغان ۋە مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئورۇن بېرىلگەن. بۇ ئىجابىي بىر يۈزلىنىش دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئاراغا تارقىتىدىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئېلىۋاتقان قەدىملىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا ئائىت خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىشى ۋە كەڭ كۆلەمدە دۇنياغا ئاڭلىتىشى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، دۆلەت ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەرىكىتى دەپ قارايمەن. شۇنداقلا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئاكتىپ كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان زىيالىيلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بىسىم چۈشۈرۈشتىكى، بولۇپمۇ بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ ھۆكۈمەتكە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قەدەم ئىلىشقا بىسىم چۈشۈرۈشىدىكى ياخشى ۋاسىتە دەپ قارايمەن.»

ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر يەنە سىياسىيونلارنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى تارتقان بولۇپ ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى مۇستافا يەنەر ئوغلى تىۋىتتېردا ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتىلغان، ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن سىياسەتلىرىنى دەلىللىگەن. مىليونلىغان مۇسۇلمان سىستېمىلىق شەكىلدە يوق قىلىۋېتىلىش خەۋپى ئاستىدا» دېگەن. «گەرچەك گۈندەم» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇستافا يەنەر ئوغلى يەنە تۈركىيە مىللەت مەجلىسىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە تېخىمۇ كەڭ ئاڭلىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەخپىي ھۆججەتلەر ئاشكارىلانغاندىن كىيىن 29-نويابىر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ رەئىسى خۇاڭ مىڭفۇ يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەتنى كۈتۈۋالغان تۈركىيە مىللەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھاكان چاۋۇشئوغلىمۇ خەلقئارا مۇستەقىل تەشكىلاتلارنىڭ شەرقى تۈركىستانغا بارالىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. مەزكۇر ۋەقە تۈركىيە مىللەت مەجلىسىدە ھەرقايسى پارتىيەلەر تەرىپىدىن كەسكىن مۇنازىرە قىلىنغان.

3-دېكابىر كۈنى «ئۇيغۇر-2019» ناملىق قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللىنىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى مىللەت ۋەكىلى يىلماز ئۆزتۈرك بۇ توغرىلىق بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «تەخمىنەن بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر خىتايدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. تۈركىيە بۇنىڭغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكادا كۈنتەرتىپكە كېلىشى ۋە لايىھەنىڭ ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللىنىشى ياكى خىتايغا قارشى ئېمبارگولارنىڭ يولغا قويۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئانالىز قىلغاندا، بىز ئۆز قېرىنداشلىرىمىز ۋە تىلداشلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئۈلگە بولۇشنى خالايتتۇق. لېكىن تۈركىيە بۇ مەسىلىلەرنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ. ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى بۇ ئىنتايىن نازۇك مەسىلە. بالىلارنىڭ بۇ خىل لاگېرلارغا سولىنىشى بىز قوبۇل قىلالايدىغان مەسىلە ئەمەس ۋە خىتاينىڭ سىرتتىن كەلگەن ئاۋازلارغا ‹بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشماڭلار› دېگەن پوزىتسىيەنىمۇ قوبۇل قىلغىنى بولمايدۇ.»

بىز ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ۋە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان «ئۇيغۇر-2019» قانۇن لايىھەسىنىڭ تۈرك سىياسىي سەھنىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۆمەر قۇل ئەپەندىم بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت