تۈركىيەدىكى ئاكت تېلېۋىزىيەسى ئارقا-ئارقىدىن تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلەپ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر تېلېۋىزىيەنىڭ 22-نويابىر كۈنى ئاخشام سائەت 9 دىن 12 گىچە داۋاملاشقان» ۋىزيون «ناملىق پروگراممىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تېۋىپلار ئۇيغۇر تېبابىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. تېلېۋىزىيە پروگراممىسى مۇنداق باشلاندى:» كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيادا كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تېبابىتىنى، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توختىلىمىز، ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دۇچار بولۇۋاتقان توسالغۇلار ھەققىدە توختىلىمىز «.
تونۇلغان ژۇرنالىست، تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىدا تېۋىپلار ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، 2013-يىلىغىچە خىتاينىڭ ئېغىر بېسىمىغا قارىماي تەرەققىي قىلغانلىقى، 2013-يىلىدىن تارتىپ قاتمۇ-قات چەكلىمىلەرگە ئۇچراشقا باشلانغانلىقىنى، خەلق سالامەتلىكىگە قوشقان تۆھپىسى، زامانىۋى تېبابەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەزمۇنلار ھەققىدە توختالدى.
بۇ قېتىم ئۇيغۇر تېبابىتى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم چوڭ بىر تېلېۋىزىيەدە تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر پروگراممىنى كۆپ ساندا كىشى قىزىقىپ كۆرۈپ، ئىنكاس يازغان. ئۇنداقتا بۇنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئۇيغۇر تېبابىتى دۇچار بولۇۋاتقان توسالغۇلار نېمە؟ ئۇيغۇر تېبابىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى ئۇيغۇر تېۋىپلىرىدىن سورىدۇق.
تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى تېلېۋىزىيەدە ئۇيغۇر تېبابىتىنى تونۇشتۇرۇش پىكىرىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:» سىزگىمۇ مەلۇم مەن تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىمدا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنى خىتاينىڭ قانداق يوق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتىم. مەن مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن ئاڭلىتىش ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى ئاخشامقى پروگراممامدا ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئورۇن بەردىم. بىز بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان سالامەتلىكى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىختا ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتىنىمۇ يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدۇق «.
مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى ئاتا مىراس تېۋىپلاردىن كەسپىي ئۇنۋان ۋە كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانلىرىنى خىتاي تىلى بىلەن بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى قانۇنىي ئورنى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلگەن.
ئۇنداقتا ئۇيغۇر تېبابىتى دۇچار بولۇۋاتقان توسالغۇلار نېمە؟ 22-نويابىر كۈنىدىكى ت ۋ پروگراممىسىدا بۇ ھەقتە توختالغان خوتەن ۋىلايىتىگە جايلاشقان مىللىي تېبابەت ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى دوختۇر مۇتەللىپ ئېلى ھاجى ئەمچى ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
بۇرۇن خوتەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن، 2010-يىلىدىن تارتىپ ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوختۇر شەمشىنۇر غوپۇر خانىم تۈركىيەدە تېلېۋىزىيەدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تېبابىتىنى ئەتراپلىق ۋە تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن بۇنىڭ 3 مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دوختۇر مۇتەللىپ ئېلىھاجى ئەمچى ئەپەندى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ» ئاتا مىراس ئۇيغۇر تېبابىتى «نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان» ئاكت ت ۋ «دە كېيىنكى 3 ئاي ئىچىدە ئۆزىنىڭ» ۋىزيون «ناملىق پروگراممىسىدا 10 قېتىمدىن كۆپرەك مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەتراپلىق تونۇشتۇردى.