ئۇيغۇر گىمناستىكا ماھىرى نارىمان قۇربانوف ئىتالىيەدىكى مۇسابىقىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-07-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىتالىيەنىڭ  ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر گىمناستىكا ماھىرى نارىمان قۇربانوف (سولدىن بىرىنچىسى). 2019-يىلى ئىيۇل. نېئاپول، ئىتالىيە.
ئىتالىيەنىڭ ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر گىمناستىكا ماھىرى نارىمان قۇربانوف (سولدىن بىرىنچىسى). 2019-يىلى ئىيۇل. نېئاپول، ئىتالىيە.
RFA/Oyghan

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە چوڭ نەتىجىلەر قازىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا «قازاق ئاخبارات بيۇروسى» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇنيا تەنھەرىكەت ئويۇنلىرى 2019: گىمناستىكا ماھىرى نارىمان قۇربانوف كۈمۈش مېدال ئۇتۇۋالدى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا 21 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتى نارىمان قۇربانوفنىڭ گىمناستىكىنىڭ «ئات ئۈستىدىكى ھەرىكەت» تۈرى بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

ئىگىلىشىمىزچە، مۇشۇ ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە ئىتالىيەنىڭ نېئاپول شەھىرىدە ئوقۇغۇچىلار-ياشلارنىڭ تەنھەرىكەت ئويۇنلىرى بويىچە 30-قېتىملىق يازلىق دۇنيا مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتكەن. ئۇنىڭغا تەنھەرىكەتنىڭ 18 تۈرى بويىچە 112 مەملىكەتتىن 6000 غا يېقىن تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. ئومۇمىي نەتىجىلەر بويىچە قازاقىستان كوماندىسى 1 ئالتۇن مېدال، 5 كۈمۈش مېدال ۋە 1 مىس مېدال بىلەن 25-ئورۇننى ئىگىلىگەن.

بىز شۇ مۇسابىقىدىن كېيىن قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىقكۆل ئوبلاستىدا دەم ئېلىۋاتقان گىمناستىكا ماھىرى نارىمان قۇربانوف بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ ئىتالىيەدىكى دۇنيا مۇسابىقىسىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

نارىمان قۇربانوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئوقۇغۇچى ۋە ياشلارنىڭ تەنھەرىكەت ئويۇنلىرى ھەم دۇنيا مۇسابىقىسى مېنىڭ بۇ يىلدىكى ئىككى چوڭ مەقسىتىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمەن ئىتالىيەدە ئۆتكەن مۇسابىقىگە 2016-يىلدىن تارتىپ مەقسەتلىك ھالدا تەييارلاندىم. ئۇنىڭغا ياخشى تەييارلاندىم دېسەم بولىدۇ. دەسلەپتە ئۇتۇقلىرىم ياخشى بولغان ئىدى، ئەمما ئاخىرقى باسقۇچتا ھەممىنى نەتىجىلىك كۆرسىتىش مۇمكىن بولمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈم تىرىشىپ، ئاخىرىدا ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىدىم. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، بۇ نەتىجەمدىن رازى بولدۇم دېسەم بولىدۇ. ئەمدى كېلەچەكتە بولىدىغان دۇنيا مۇسابىقىسىگە ماھارەتلىرىمنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، جىددىي تەييارلىنىشىم كېرەك. ئۆتكەن يىلى بولغان دۇنيا مۇسابىقىسىدە خەلقئارا گىمناستىكا بىرلەشمىسى ماڭا دۇنيا بويىچە تەنھەرىكەت ماھىرى دېگەن بەلگە ۋە گۇۋاھنامە بەرگەن ئىدى. بۇ دۇنيا بويىچە چوڭ شەرەپ. مېنىڭ كېلەچەكتە بىرلا مەقسىتىم بار. ئالدىمىزدىكى دۇنيا مۇسابىقىسىگە جىددىي تەييارلىنىش. مېنىڭ مەقسىتىم پەقەت ئالتۇن مېدال ئېلىشلا ئەمەس، بەلكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دۇنيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشتۇر.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان نارىمان قۇربانوف بەش يېشىدىن تارتىپ گىمناستىكا بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ دادىسى ھۈسەنجان قۇربانوفمۇ شۇ ساھەنىڭ ماھىرى بولۇپ، نارىماننىڭ ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىدا چوڭ رول ئوينىغان ئىكەن. نارىمان قۇربانوف ئۆتكەن يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ «ئات ئۈستىدە موللاق ئېتىش» ھەرىكەت ئۇسۇلى بىلەن دۇنيا گىمناستىكا تەنھەرىكىتى ساھەسىدە يېڭىلىق ياراتقان ھەم ئۇنىڭ تېخنىكىسىغا گىمناستىكا فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن «قۇربانوف» ياكى ئىنگلىزچە «The Kurbanow» دەپ نام بېرىلگەن. نارىمان قۇربانوف شۇ يىلى يەنە سىلوۋېنىيەنىڭ كوپېر شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە «ئات ئۈستىدىكى ھەرىكەت» بويىچە ئورۇندىغان ماھارەتلىرى بىلەن ئىككىنچى ئورۇنغا ئېرىشىپ، كۈمۈش مېدال بىلەن تەقدىرلەنگەن ئىدى. 

«كېنتاۋر» قابىلىيەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە ياردەم قىلىش جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ پرېزىدېنتى، قازاقىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن مەشقاۋۇل مەخمۇت ئىسكەندەروفنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر قازاقىستانلىق گىمناستىكا ماھىرلىرى مۇشۇ يىلى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا مۇسابىقىسىگە تەييارلانماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «شتۇتگارتتا دۇنيا مۇسابىقىسى بولىدۇ. ئۇ ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 24 كوماندىنىڭ ئىچىگە كىرىش كېرەك بولغان بىرىنچى باسقۇچتىن ئۆتتۇق. ئۇلار 16-ئورۇننى ئېلىپ كىردى. ئۇلار ئالتە ماھىردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، شۇلارنىڭ ئۈچى ئۇيغۇر. نارىمان قۇربانوف، ھاكىم مۇسايېف ۋە ئىلياس ئەزىزوف. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قازاقىستان كوماندىسى تەركىبىگە كىرگەن. ئۇ يەردە ناچار تەنھەرىكەتچىلەر بولمايدۇ. نارىمان ئۆزىنىڭ شەخسىي تېخنىكىسىنى كۆرسىتىپ، نام قازاندى.» 

ماخمۇد ئىسكەندەروف يەنە گىمناستىكا تۈرلىرىنىڭ ھەر خىل بولىدىغانلىقى، ھەر بىر تۈرنىڭ ئۆز ئالدىغا تەلەپلىرى ۋە تېخنىكىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تەنھەرىكەتنىڭ گىمناستىكا تۈرى بويىچە يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئۇيغۇر يىگىتلىرىدىن باشقا يەنە كارىمى مىلاد، ئېربول جانتىقوف قاتارلىق تالانتلىق تەنھەرىكەتچىلەردىن كۆپ ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت