ئىستانبۇلدىكى جۇمھۇرىيەت تەپتىش مەھكىمىسى ژۇرنالىست يۈجەل تاناي ئۈستىدىن سۇنۇلغان بىر پارچە ئەرز-شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغان.
مەزكۇر ئەرزنامىدە يۈجەل تاناي ئەپەندى تۈركىيەدىكى «خىتاي ئاياللار جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ باشلىقى مەۋلۈدە ئەزىزنى «خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرگۈچى، خائىن، خىتاي جاسۇسى» دەپ «ھاقارەت قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن.
يۈجەل تاناي ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تور گېزىتلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوبزور، خەۋەر ۋە ماقالە يېزىپ كېلىۋاتقان بىر ژۇرنالىست بولۇپ، ئۇنىڭ 2020-يىلىنىڭ باشلىرىدا www.uyghurnet.org تور گېزىتىدە ئېلان قىلغان «خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرگۈچى ‹خىتاي ئاياللار جەمئىيىتى› نىڭ رەئىسى مەۋلۈدە ئەزىز» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە مەۋلۈدە ئەزىزنى «خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن، خىتاي جاسۇسى، خائىن» دەپ ئاتىغان. مەۋلۈدە ئەزىز ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى «ماڭا ھاقارەت قىلدى» دەپ ئەرزنامە يېزىپ سوتقا سۇنغان.
يۈجەل تاناي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىستانبۇلدىكى باقىركۆي تەپتىش مەھكىمىسى بۇ ئەرزنى قوبۇل قىلغان ۋە مەۋلۈدەنىڭ ئەرز-شىكايىتىگە ئاساسەن يۈجەل تاناي ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزغان. يۈجەل تاناي ئەپەندى بۈگۈن، يەنى 26-نويابىر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئوندا باقىركۆي سوت مەھكىمىسىدە سوتقا چىققان.
سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يۈجەل تاناي ئەپەندى بۈگۈنكى سوت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈنكى سوتتا سوتچىغا مەن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان جەمئىيەتلەر توغرىسىدا ئىزدىنىپ، بىر پارچا ماقالە يازدىم ۋە تۈرك خەلقىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم. مەن ماقلەمدە ئىشلەتكەن ‹خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرگۈچى، خائىن، خىتاي جاسۇسى› دېگەن سۆزلەرنى سوت ھاقارەت دەپ ھېسابلاپتۇ. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مىليونلىغان كىشىنى لاگېرلارغا ۋە تۇرمىلەرگە قامىدى، بۇنداق بىر پەيتتە مەۋلۈدە خىتاي ئۈچۈن پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇردى. مەۋلۈدە ئەزىز ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان ‹خىتاي ئاياللار جەمئىيىتى› نىڭ رەئىسى ۋە بەزى خىتاي جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزاسىدۇر. بۇ ئايال ئىستانبۇلدىكى تەپتىش مەھكىمىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، يالغان گەپلەر بىلەن مېنى سوتقا بېرىۋاتىدۇ. بۇلاردىن باشقا ‹ماڭا تەھدىت قىلدى› دەپ ئەيىبلەپتۇ، مەن ئۇنىڭغا تەھدىت سالمىدىم. ئۇ خىتاينىڭ ھىلە-مىكىر، يالغان گەپلىرى بىلەن تۈرك سوتىنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ.»
ژۇرنالىست تانەر يۈجەل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەۋلۈدە ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان «خىتاي ئاياللار جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش بىلەن بىرلىكتە، بەزى خىتاي جەمئىيەتلىرىگە ئەزا ئىكەن. ئۇنىڭ جەمئىيەت نامىدىن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقان سۈرەتلەرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان ئىدى. ژۇرنالىست تانەر يۈجەل ئەپەندى مەۋلۈدەنىڭ ئۆزىنى سوتقا بېرىشىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئايالنىڭ ئارقىسىدا خىتاي دۆلىتى بار. خىتاي دۆلىتى بولمىسا، بۇنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى ئوقۇتقان بىرىنىڭ تۈركىيەدە قورقماي خىتاي جەمئىيەتلىرى قۇرۇپ، مېنى سوتلارغا بېرىشكە جۈرئەت قىلىشىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ قولى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
بۈگۈنكى سوتقا يۈجەل تاناينىڭ ئادۋوكاتى، ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلياس دوغان ئەپەندى ۋە مەۋلۈدەگە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىپ ئوقۇتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندىمۇ قاتناشقان. مەلۇم بولغىنىدەك ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى 1987-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش خىزمەت پىلانىنى يولغا قويغان ئىدى. 2011-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتقان. مەۋلۈدە ئەزىزمۇ 2006-2007-يىللاردا مەزكۇر ۋەقىپتىن ئوقۇش پۇلى ئېلىپ ئوقۇغان. ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.
يۈجەل تاناي ئەپەندى 26-نويابىر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئوندا ئىستانبۇلدىكى باقىركۆي سوت مەھكىمىسىدە سوتقا چىققاندا، 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياش قولىدا «يۈجەل تاناي ئەپەندى: ‹ئادەم ۋىجدانىنىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ، ھەققانىيەتنىڭ، ئېزىلگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرغان كىشىدۇر›» دېگەن شۇئار يېزىلغان لۇزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا سوت ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ يۈجەل تاناي ئەپەندىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن. بۇ ئەھۋال سوتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان. ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋلان بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ماقالە يازغان يۈجەل تاناي ئەپەندى، تۈركىيەدىكى «ئۇيغۇر سانائەتچىلەر ۋە تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ باشلىقى سابىر بوغداغا «خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرگۈچى ۋە دىنسىز» دەپ «ھاقارەت قىلىش» بىلەنمۇ ئەيىبلىنىپ، 11-ئاينىڭ 10-كۈنى سوتلانغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىزچىل ھالدا ماقالە يېزىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنى سوتقا بېرىشىدىكى سەۋەپ زادى نېمە؟ ئەنقەرەدىكى ئادۋوكات تانەس ئۇسلۇ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بەردى. ئۇ ئۇچۇردا مۇنداق دەپ يازغان: «تۈركىيەدە خىتاينىڭ تەسىرى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. خىتاي ئۈچۈن ئاممىۋى دىپلوماتىيە خىزمىتى قىلىۋاتقان كىشىلەر ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە ماقالە يېزىۋاتقانلارنى داۋاملىق سوتقا بېرىپ، بېسىم پەيدا قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە خىتاينىڭ ئابرويى بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتىدۇ. بۇ كىشىلەر خىتاينى تەنقىد قىلغانلاردىن بىئارام بولۇۋاتىدۇ. تۈركىيە دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان بىر دۆلەت بولغاچقا، ئۇلار يازغان ماقالىلەر جىنايەت ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا بۇ كىشىلەر ماقالىدىكى بەزى ئاتالغۇلارنى تېپىپ چىقىپ، ‹ھاقارەت قىلدى› دەپ سوتقا ئەرز-شىكايەت قىلىۋاتىدۇ.»
سوتچى سوت جەريانىدا ئەرزدار مەۋلۈدەنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەزكۇر دېلونىڭ كەم ماتېرىياللىرىنى تولۇقلىشى كېرەكلىكىنى، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى قايتا سوت ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.